Information Classification Center - مۇھىم ئۇچۇر - تور بېكەتنى ئەنگە ئالدۇرۇش ھەققىدىكى ئويلار

شىرىنىم
باش بەت | خىزمەت ئىزدەش | خىزمەتچى ئىزدەش | ئۆي - مۈلۈك | سودا - سېتىق | تۇرمۇش ئۇچۇرى | ماشىنا ئۇچۇرى | مائارىپ تەربىيىلەش | كومپيوتېر IT | دوسىتلىشىش | ئونۋېرسال

     ئۈرۈمچى    

     ئالتاي    

     سانجى    

     غۇلجا    

     قاراماي    

     چۆچەك    

     بۆرتالا    

     كۈيتۈن    

     شىخەنزە    

     تۇرپان    

     قۇمۇل    

     ئاقسۇ    

     كورلا    

     ئاتۇش    

     قەشقەر    

     خوتەن    

     باشقىلار    

تور بېكەتنى ئەنگە ئالدۇرۇش ھەققىدىكى ئويلار

تەھرىر ئىلاۋىسى: ئەسەر ئاپتورى: لوڭ ۋېي لىيەن (龙威廉)، مەزكۇر ماقالە جۇڭگودىكى داڭلىق بىلوگ «ئاي نۇرى بىلوگ» دىن تەرجىمە قىلىندى. ئەسەرنى ئىشلەتكۈچىلەر مەنبە ۋە ئاپتورنى ئەسكەرتىش كېرەك. چۈنكى مەزكۇر بلوگ «ئىجادىيەتتىن ئورتاق پايدىلىنىش ئاپتورلۇق ھوقۇقى كېلىشىمى» گە ئىمزا قويغان.
بۇ يىلنىڭ بېشىدىن باشلاپ، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى «پۇچەك ۋە ئەنگە ئېلىنغان ئۇچۇرلىرى توغرا بولمىغان تور بېكەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پۇچەك تور بېكەتلەرنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى بىر تەرەپ قىلدى. تور بېكەتلەرنى ئەنگە ئېلىش نومۇرىغا ماس كېلىدىغان  بارلىق تور بېكەتلەرنىڭ ئەنگە ئېلىنغان ئۇچۇرلىرىنى ئۇلىغىلى بولماسلىق ياكى ئۇچۇرلار توغرا بولماسلىق قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئەن نومۇرلىرى تىزىملىكتىن چىقىرىۋېتىلىدىكەن.
بۇ پائالىيەت قانات يايدۇرۇلغاندىن بىرى،  نۇرغۇنلىغان تور بېكەتلەرنىڭ ICP ئەن نومۇرى ئۇچۇرلىرى تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈۋېتىلگەن بولۇشى مۇمكىن. ئادەتتە ئەن نومۇرلىرى تىزىملىكتىن چىقىرىۋېتىلگەندىن كېيىن، كومپيۇتېر ئۆيى (机房) ئاپتوماتىك تەكشۈرۈپ ئۆلچەش ئارقىلىق ئەنگە ئالدۇرۇلمىغان تور ناملىرىنى بايقايدۇ ھەمدە مەزكۇر تور بېكەتنى تاقاشنى تەلەپ قىلىدۇ.
پۇچەك ئەن سانلىق مەلۇماتى دېگەن نېمە
ئاتالمىش پۇچەك ئەن سانلىق مەلۇماتى - پۇچەك سۇبيېكت سانلىق مەلۇمات ۋە پۇچەك تور بېكەت سانلىق مەلۇماتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پۇچەك سۇبيېكت سانلىق مەلۇمات بولسا  سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ ئەنگە ئېلىش سىستېمىسىدىكى ئەن ئۇچۇرلىرى، بار بولغان سۇبيېكتىپ ئۇچۇرلار ۋە ھېچقانداق تور بېكەت بىلەن ئۇلانمىغان ئۇچۇرلارنى كۆرسىتىدۇ.  پۇچەك تور بېكەت سانلىق مەلۇماتى بولسا سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ ئەنگە ئېلىش سىستېمىسىدىكى مەزكۇر ئەن ئۇچۇرلىرىنىڭ كەم دېگەندە بىر تور بېكەتكە ئۇلانمىغان ئۇچۇرلىرىنى كۆرسىتىدۇ.
نۆۋەتتە نۇرغۇن تور بېكەتلەرنىڭ ICP ئەن نومۇرلىرىنىڭ تىزىملىكتىن ئۆچۈرلۈشىنىڭ سەۋەبى تور ئۇلىغۇچى شىركەتلەر ئۇچۇرلىرىنىڭ توغرا بولماسلىقىدىن ئىبارەت. بىر نەچچە يىل بۇرۇنقى ئەنگە ئالدۇرۇش جەدۋەللىرىگە تور ئۇلىغۇچى شىركەتلەرنىڭ نامى قولدا يېزىلاتتى . ئۇلارنىڭ كۆپ قىسىملىرى ئوتتۇرا-كىچىك شىركەتلەر بولۇپ، مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن مەركىزىي كومپيۇتېر (主机) شىركەتلىرىنى ئۆزگەرتەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئەينى ۋاقىتتا تورغا ئۇلىغان شىركەتكە ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى تاپقىلى بولماسلىقتەك ئەھۋاللار كۆرۈلگەنلىكتىن، تور باشقۇرۇش ئىدارىسى بۇنداق ئەن نومۇرلىرىنى تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈۋېتەتتى.
نۆۋەتتە، مۇبادا ئەن نومۇرى تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈلسە، دۆلەت ئىچىدىكى كومپيۇتېر ئۆيىلىرى (机房) نىڭ ھەممىسى ئەن نومۇرى بولمىغانلىقتىنلا مەزكۇر تور بېكەتلەرنى نى تورغا ئۇلىمايدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا تور بېكەت قۇرغۇچى مەزكۇر تور نامى ئۈچۈن قايتىدىن ئەن نومۇرى ئېتىلماس قىلىشنى تاللىسا بولىدۇ.
ئەنگە ئالغاندا رەسىمگە چۈشۈش ئاللىبۇرۇن ئومۇملىشىپ بولدى
ھازىرقى ئەنگە ئېلىش بىلەن بۇرۇنقى ئەنگە ئېلىشنىڭ پەرقى بولسا رەسىمگە چۈشۈشتىن ئىبارەت. خىلى بۇرۇنلا سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى مۇزاكىرە قىلغان «ئەنگە ئالدۇرغان ۋاقىتتا رەسىمگە تارتىش خىزمىتى» نۆۋەتتە ئەمەلىيلىشىپ بولدى. بارلىق تور بېكەت قۇرغۇچىلارنىڭ سالاھىيەت ئۇچۇرلىرىغا يۈزمۇيۈز قاراپ چىقىلغاندىن كېيىن، تور بېكەتنىڭ مەسئۇلى  زۆرۈر بولغان بارلىق كىنىشكا ۋە ماتېرىياللارنىڭ ئەسلى نۇسخىلىرىنى ئۇلاش مۇلازىمەت ئورنىدىكى ئەنگە ئېلىش مەيدانىدا تەكشۈرتۈپ، ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى ئۆتۈشى كېرەك.
ئۇلاش مۇلازىمىتى ئورنىغا تور بېكەت مەسئۇلىنىڭ رەڭلىك يالاڭۋاشتاق رەسىمىنى تاپشۇرۇش شەرت قىلىنىدۇ. ئەنگە ئېلىش مەركىزى بىر تۇتاش ھالدا شەرتلىك بەلگىلەرگە ئىگە بولغان مەخسۇس رەسىم ئارقا پەردىسى بىلەن رەسىمگە تارتىدۇ. رەسىمگە تارتقان ۋاقىتتا پەردە جەزمەن تۈز بولۇش كېرەك.ھازىرغىچە پەقەتلا پەردە تۈز بولمىغانلىق سەۋەبىدىن نۇرغۇن تور بېكەتلەرنىڭ ئەن ئىلتىماس قىلىش قايتۇرۇۋېتىلدى. بۇلار دۆلەت ئىچىدىكى بارلىق شەخسىي تور بېكەتلەر دۇچ كېلىدىغان ھەقىقىي نام تۈزۈمى سىنىقىدىن ئىبارەت.
نۆۋەتتە ئەنگە ئالدۇرۇشتا تەييارلاش زۆرۈر بولغان كىنىشكىلار:
1. شىركەتلەر تەمىنلەيدىغان كىنىشكىلار: تىجارەت كىنىشكىسى قوشۇمچە نۇسخىسىنىڭ كۆپەيتمە نۇسخىسى، قانۇنىي ۋەكىل كىملىكىنىڭ كۆپەيتمە نۇسخىسى ( قانۇنىي ئىگە كىملىكىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى تەمىنلەشتىن باشقا، يەنە تامغا بېسىلغان ھاۋالە ئىسپاتىنىمۇ تەمىنلىشى كېرەك)، تور نامى گۇۋاھنامىسى، تەكشۈرۈشنىڭ راستلىقى توغرىسىدا تەكشۈرگەن ئورۇننىڭ تامغىسى بېسىلغان ئىسپات ئىككى نۇسخا، تور بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيەتنامىسى بىر نۇسخا، يەنە بەلگىلەنگەن پەردە ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان بەش سۇڭلۇق رەسىمدىن ئىككى پارچە.
2. ھۆكۈمەت ۋە  كەسپىي ئورۇنلار تەمىنلەشكە تېگىشلىك ماتېرىياللار: كەسپىي ئورۇننىڭ كەسىپ قانۇنىي ئىگە گۇۋاھنامىسى، ئورگانلار تەشكىلىي ئورگاننىڭ ۋاكالەت نومۇر كىنىشكىسىنى، مەسئۇل ئادەم كىملىكىنىڭ كۆپەيتمە نۇسخىسى (غەيرىي قانۇنىي ئىگىلەر تامغا بېسىلغان ھاۋالە ئىسپاتىنى تەمىنلىشى كېرەك) تور نامى گۇۋاھنامىسى، تەكشۈرۈشنىڭ راستلىقى توغرىسىدا تەكشۈرگەن ئورۇننىڭ تامغىسى بېسىلغان ئىسپات ئىككى نۇسخا، تور بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيەتنامىسى بىر نۇسخا، يەنە بەلگىلەنگەن پەردە ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان بەش سۇڭلۇق رەسىمدىن ئىككى پارچە.
3. شەخسلەر تەمىنلەشكە تېگىشلىك كىنىشكىلار: شەخس كىملىكىنىڭ كۆپەيتمە نۇسخىسى، تور نامى گۇۋاھنامىسى، تەكشۈرۈشنىڭ راستلىقى توغرىسىدا تەكشۈرگەن ئورۇننىڭ تامغىسى بېسىلغان ئىسپات ئىككى نۇسخا، تور بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيەتنامىسى بىر نۇسخا، يەنە بەلگىلەنگەن پەردە ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان بەش سۇڭلۇق رەسىمدىن ئىككى پارچە.
تور نامى گۇۋاھنامىسىنى ئەمەلىيەتتە دۆلەت ئىچىدىكى تور نام ئىلتىماس قىلىش شىركەتلىرى ( مەسىلەن: 万网، 新网 قاتارلىقلار) لا تەمىنلەيدۇ. سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى بۇ خىل چەكلەش ۋاسىتىسىنى قوللىنىشىدىكى مەقسىتى تور بېكەت قۇرغۇچىلارنىڭ چەتئەل شىركەتلىرىدىن تور نام ئىلتىماس قىلىشنى توسۇشتىن ئىبارەت. ئەگەر تور بېكەت باشلىقى دۆلەت ئىچىدىكى تور نامىنى ئىشلەتسە، ئۇنداقتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تولىمۇ قۇلايلىق بولىدۇ.
ئەنگە ئېلىنمىغان تور بېكەتلەرنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىنى قانداق ھەل قىلغىلى بولىدۇ
قايتا ئەنگە ئېلىش مەزگىلىدە دۆلەت ئىچىدىكى كومپيۇتېر ئۆيلىرى (机房) ئەنگە ئېلىنمىغان تور بېكەتلەرنى ئۇلاشنى توختاتتى. چۈنكى ئۇلار قايتا ئەنگە ئېلىش مەزگىلىدىكى تور بېكەتلەرنىڭ نورمال يۈرۈشۈشى ۋە تىجارىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. بۇنداق ۋاقىتتا تور بېكەت ئىگىسى مۇلازىمېتىرنى ئامېرىكا مۇلازىمېتىر شىركەتلىرىگە يۆتكىسە بولىدۇ. بۇنداق قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئامېرىكىدىن بىر مەۋھۇم باش كومپيۇتېر (虚拟主机) سېتىۋېلىشى كېرەك. نۆۋەتتە ئامېرىكىدىكى مەۋھۇم باش كومپيۇتېرلار زىيارەت مىقدارىغا چەك قويمايدۇ. ھەرىكەتچان ھۆججەتلەرمۇ يۆتكەلمەيدۇ. بۇنداق بولغاندا CPU مۇ خورىمايدۇ ھەمدە تور بېكەت زىيارەت مىقدارىمۇ زور بىر ئارقا تېرەككە ئېرىشىدۇ.
تور بېكەتنى ئەنگە ئالدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئامېرىكىغا كۆچۈرسەكمۇ بولىدۇ. مېنىڭ بۇرۇنقى تەجرىبىلىرىمگە ئاساسلانغاندا، ئۇيان-بۇيان بولۇپ بۇ ئىش سىزنىڭ بىر ئاي ۋاقتىڭىزنى ئىسراپ قىلىدۇ.
ئەلۋەتتە، سىزنىڭ تور بېكىتىڭىزدە ھېچقانداق سەزگۈر ئۇچۇر ۋە ئابونتلار ئىنكاسلىرى بولمىسا، سىز بىۋاسىتىلا ئامېرىكا باش كومپيۇتېرىغا قويسىڭىز بولىدۇ. ئادەتتە زىيانلىق ئۇچۇرلار بولمىغان تور بېكەتلەرنىڭ توسۇلۇپ قېلىش نىسبىتى تۆۋەنرەك. بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر خىل ئۇسۇل، ئاق تىزىملىك تۈزۈمىدىن ئىبارەت. ئالدىنقى جۈمە كۈنىدىن باشلانغان تېلېگراف تورلىرىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىش ئەھۋالى جۇڭگو ئابونتلىرىنىڭ چەتئەل تور بېكەتلىرىنى زىيارەت قىلىشىغا نۇرغۇنلىغان ئاۋارىچىلىكلەرنى ئېلىپ كەلدى. بۇ تور بېكەتنى چەتئەل مۇلازىمېتىرلىرىغا قويغانلارغا بېرىلگەن بىر قېتىملىق سىگنالدىن ئىبارەت. 

ئالاقىلاشقۇچى :  

باشقۇرغۇچى     يوللانغان ۋاقىت :   2011/5/14

ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى :  

13139663453   رايون تۈرى :

   ئۈرۈمچى

دۇكان ئىجارغا بىرلدۇ
جىددى سۇۋاركىچى قوبۇل قىلىىمز
شىنجاڭنىڭ ھەر قايىسى جايلىرىدىن ھۆكۈمەت تارمىقىد..
جىددىي ئۆي ئىجارىگە بىرىلىدۇ
ھۇكىمەت تارىمقىدا ئشلەپ پۇل تاپىقىڭىز بارمۇ؟؟؟؟
ئورنىمىزغا جىددىي سۇۋاركىچى قوبۇل قىلىمىز
پەنەركە زاۋۇتىغا جىددى ئەر-ئايال  ئىشچى قوبۇل قىل..
ھۆكۈمەت ئۇرنىفا جىددى ئامانلىق ساقلىفۇچى قۇبۇل ق..
ئاليومىن زاۋۇتىغا جىددى  20 نەپەر خىزمەتچى قوبۇل ق..
جىددى قوغداش خادىمى قوبۇل قىلىمىز
ئوغۇت زاۋۇتىغا جىددى 20نەپەر ئىشچى قوبۇل قىلىنىدۇ..
ئوغۇت زاۋۇتىغا جىددى 20نەپەر ئىشچى قوبۇل قىلىنىدۇ..
{ ۋاگۇن تازلاش ئورنىغا جىددى ئىشچى قوبۇل قلىمىز}
ھۇكھۇكۈمەت تارمىقىدىكى پاختا زاۋۇتىغا جىددى ئىشچ..
ھۇكۈمەت تارمىقىدىكى پاختا زاۋۇتىغا جىددى ئىشچى ق..

جىددىي ئۆي سىتىلىدۇ
قاراقاش تەپتىش مەھكىمىسى ئائىلىلىكلەر بىناسى 3- ق..
يەنئەن يولى قازاق مەكتەپ يىنىدا بىر ئېغىزلىق ئۆي ..
يەنئەن يولى قازاق مەكتەپ يىنىدا بىر ئېغىزلىق ئۆي ..
دېھقانچىلىق ئىدارىسى ئىچىدىن ئۆي ئىجارىگە بېرىلى..
ئۈچىنچى دوختۇرخانا يېنىدىكى ئۆي ئىجارىگە بېرىلىد..
شىنجاڭ ئونۋىرسىتى يېنىدىن بىر ئېغىزلىق ئويلەر جى..
سەنئەت مەكتەپ ئالدىدا تىتو سىئوي 1200 يۇەنگە ئىجارە..
سەنئەت شويەنىنىڭ ئالدىدا يىتوسى 85 پىڭغاڭلىق ئوي ئ..
ئەرزان باھادا جىددى  ئۆي ئىجارە بىرلىدۇ.
شىنجاڭ ئونۋىرسىتى يېنىدا بىر ئېغىزلىق ئۇيلەر ،قى..
كارخانا ،ئامبار قىلىشقا مۇۋاپىق كىلىدىغان 500،300،2..
ساڭخاڭكو 5-ئەتىرەت ئۇيغۇرلار مەھەللىسىدە 800كۇۋادى..
سەنىئەت شۆيۈەننىڭ ئالدى تەرەپتە 84پىڭفاڭلىق ئۆي 12..
ئەلشىرنىڭ كەينى ئۆي ئىجارە بىرىلىدۇ ....

   تەۋسىيىلىك ئۇچۇرلار  

 

مۇراجەتنامە
پارلاندىن كارخانىچىلارغا خوش خەۋەر!(30- قىتىملىق ل..
دىئابىت(قەنت سىيىش) كېسىلىنى داۋالاشتا مۆجىزە كۆر..
بۇ كىچىك قېرىندىشىمىزنى ئازاپتىن قۇتۇلدۇرۇۋالاي..
جىددى قەرىز پۇل بېجىرىمىز
‹ئۇچ ئامان›ئايروپىلان بىلەت سېتىش مەركىزى
قۇرۇق مېۋە توپ ساتىمىز
ئۇزۇن يول ھەم شەھەر ئىچى تىلفۇن قىلسىڭىز بىر مودى..
‹ئۇچ ئامان›ئايروپىلان بىلەت سېتىش مەركىزى
   ئاۋات ئۇچۇرلار  

 

جىددىي ئۆي سىتىلىدۇ
دۇكان ئىجارغا بىرلدۇ
جىددى سۇۋاركىچى قوبۇل قىلىىمز
نىكاھ  چ چ  توپى قۇرۇلدى
شىنجاڭنىڭ ھەر قايىسى جايلىرىدىن ھۆكۈمەت تارمىقىد..
جىددىي ئۆي ئىجارىگە بىرىلىدۇ
سىمسىز تور
قاراقاش تەپتىش مەھكىمىسى ئائىلىلىكلەر بىناسى 3- ق..
ھۇكىمەت تارىمقىدا ئشلەپ پۇل تاپىقىڭىز بارمۇ؟؟؟؟
خوتەننىڭ 2025858مۇقىم نۇمۇر سېتىلىدۇ
لايىق تۇنۇشتۇرۇش......
ئېلىكتىرونلۇق ئويۇنچۇق يوكۇڭى ساتىمىز
ماشىنامدا كىرا قىلىمەن
ھەر خىل ئۇيغۇر چالغۇلىرى ۋە ھەرخىل چالغۇ قاپلىرى ..
ئورنىمىزغا جىددىي سۇۋاركىچى قوبۇل قىلىمىز
   ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر  

تېخىمۇ كۆپ ...

روسىيە ئىچكى ئىشلار مېنىستىرلىقىنىڭ ئايال ساقچىل..
ئوتتۇرا ئامېرىكىدىكى كەلكۈن ئاپىتى 70ئادەمنىڭ بېش..
مايكول جېكسۇننىڭ دوختۇرى خاتا دورا ئىشلەتكەن دەپ..
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما:«ئىراننى قاتتىق جازالايم..
ئۇچالايدىغان بەش يۇلتۇز دەرىجىلىكتىن ھالقىغان مې..
ئاجايىپ سىرلىق شىۋاشىنگىر مۇزېيىنى كۆرۈپ باققانم..
كىنۇ ئارتىسى ئەنجىلىنا جۇلى لېۋىيە خەلقىنى يوقلى..
جۇڭگۇ فىرانسىيەنىڭ سۇنئىي ھەمراسىنى مۇۋەپپىقەتل..
لىۋىيە سۇرىت ئۇرۇشى داۋاملاشماقتا
ئەنجىلىنا جۇلى خەلقئارا جەمئىيەتتىن ياردەم تەلەپ..
كېلىنتۇن ئەر-خوتۇن ئوباماغا مەدەت تىلىدى
مىسى مۆجىزىلىك رېكورت ياراتتى دەپ تەرىپلەندى
لايدى گاگا سەييارە ئويۇن قويۇشنى 2012-يىلى باشلايدى..
لىۋىيە ئۆكتىچى قوراللىق كۈچلىرى سۇرتەگە ھۇجۇم قى..
شىۋاشىنگىر يۇقىرى باھادا ئۆزىنىڭ تەرجىمىھالىنى چ..

شىرىنىم تورى ئۇچۇر مەركىزى  (2010 - 5 - 17)  ,    ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453 ICP10201682