United Arab newspapers
باش بەت قىلىۋېلىڭ        قۇشۇۋېلىڭ ئىزدەش سېستىمىغا كىرىش تىزىملىتىش پارول قايتۇرۇش
شىرىنىم تورىغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز !
 
باش بەت خەۋەرلەر ئۇچۇرلار mp3 ناخشا MTV ناخشا كىنوخانا تور ئويۇنلىرى كۈلدۈرگە دېتاللار رەسىم
ئەڭ يېڭى پلاستىنكالار
  سىزنىڭ ئورنىڭىز: شىرىنىم تورى >> پلاستىنكا مەركىزى >> مەدەنىيەت ئۇچۇرلىرى >> كىنو ئۇچۇرلىرى
ئاۋات پىلاستىنكىلار
ئۇيغۇرلار ئىشلىگەن تۇنجى پەن - تې..
6 مىنۇتتا 270 كىنونى كۆرۈپ چىقىسىز
لى شياۋلوڭنىڭ سىز كۆرۈپ باقمىغان..
ئامىرىكا كىنولىرىدىكى مەخپىيەتل..
كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى..
مۇز دەۋرى 4 نىڭ ئېلان فىلىمىنى كۆر..
قورقۇنۇچلۇق !  فىلىمىدىن پارچە
«گۇمپىچى مۆشۈكئېيىق 2» نىڭ ئېلان ..
تەۋسىيە پىلاستىنكىلار
تەۋسىيە پلاستىنكا يوق!
    پىلاستىنكا ماتىريالىنى كۆرۈش

Facebook ئۆزىنى كىنو قىلىپ ئىشلىدى

  رېژىسسور:
  پىلاستىنكا تۈرى:  كىنو ئۇچۇرلىرى
  ئاساسلىق ئارتىسلار:
  فىلىم ئىشلىگۈچى:
  باش تارقىتىش ئورنى: نامەلۇم
  ئاۋاتلىغى: 881
  قوشقۇچى: xirinim
  قۇشۇلغان ۋاقتى: 2010/10/21 14:07:45
  كۆرۈش(ئاڭلاش):  بۇ پىلاستىنكىنى كۆرۈپ بېقىڭ

 تۇنۇشتۇرۇش  

دۇنيادىكى نۇرغۇن كىنولارنىڭ تور بېكىتى بار، لىكىن تور بېكەتنى كىنو قىلىپ ئىشلەيدىغانلار ناھايىتى ئاز. Facebookبۇ ئىشنى قىلدى.
Facebook نىڭ قۇرغۇچىسى Mark Zuckerberg ئەڭ ئاۋال خارۋارد ئونىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان چېغىدا ئىجتىمائىيئالاقە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان تور بېكەت قۇرۇشنى ئويلىغان. قىسقىغىنە ئالتە يېرىم يىل ۋاقىت ئىچىدە،Facebook دۇنيادىكى ئىشلەتكۈچىسى 500 مىليۇندىن ئاشىدىغان چوڭ تور بېكەتكە ئايلاندى، Mark Zuckerbergنىڭ ئىش ئىزلىرىنى ئاساسلىق يىپ ئۇچى قىلغان كىنو «ئىجتىمائىي ئالاقە تورى») The Social Network(نىڭتۇنجى قويۇلۇش مۇراسىمى نىيۇ يورك لىنكولىن مەركىزىدە ئېچىلغان.تۆۋەندە Facebook نىڭ تەرەققىيات جەريانىدىكى بەش قىزىقارلىق ئىشنى سۆزلەپ بېرىمىز.

بىرىنچى، Facebook نىڭ ئىشلەتكۈچىلىرى ئاساسلىقى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى
Mark Zuckerberg ئەڭ دەسلەپتە 2004-يىلى Facebook نى قۇرغان ۋاقتىدا ياتاقتىكىلەرنىڭ ئالاقە قىلىشىغا قولايلىقبولۇشىنى ئويلاپ قۇرغان، كىيىن بىرلا تارقىتىلغاندىن كىيىن يىغىشتۇرۇپ بولالماي قالغان. 2004-يىلىنىڭ ئاخىرىغابارغاندا، Facebook باشقا ئالىي مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئېچىۋېتىلگەن، 2005-يىلىدىن باشلاپ تولۇق ئوتتۇرامەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئېچىۋېتىلگەن، ئۇنىڭغا ئۇلاپ 2006-يىلى چوڭلارغا ئېچىۋېتىلگەن. گەرچە Facebook نىڭئاساسلىق ئوبىكتى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بولسىمۇ،  ئامېرىكىدىكى 134 مىليۇن ئىشلەتكۈچىسى ئىچىدە ئۈچتىنئىككى قىسىم ئىشلەتكۈچىنىڭ يېشى 26 ياشتىن يوقىرى بولغان، باشقا دۆلەتلەردە ئېشىش نىسىبىتى ئەڭ تىز بولىۋاتقىنىئوتتۇرا ياش ئاياللار بولماقتا.
Facebook نىڭ دۇنيادىكى ئۈچىنچى چوڭ بازىرى ھىندۇنۇزىيەدىكى 30 مىليۇن تور ئابونتى ئىچىدە 27 مىليۇن 800مىڭ ئابونت Facebook نىڭ ئىشلەتكۈچىسى ئىكەن، نۇرغۇن دۆلەتلەردە Facebook ئىشلەتمىگەنلىك دوستلىرى بىلەن ئالاقە قىلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ دەپ قارىلىدىكەن.

ئىككىنچى، Facebook توختىماستىن ئۆزگىرىپ تۇرغاندىلا ئاندن داۋاملىق تەرەققى قىلالايدۇ.
 Mark Zuckerberg توختىماسىتىن Facebook نى ئۆزگەرتىپ تۇرىدۇ، لىكىن بىر قىسىم ئۆزگەرتىشلەر ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارلاپ قويىدۇ، مەسلەن: ئالدىنقى يىلى Facebook قا ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ دوستلىرىنى ئاشكارە كۆرسىتىدىغان ئىقتىدار قوشۇلغان، لىكىن نۇرغۇن ئىشلەتكۈچىلەر بۇنىڭغا قاتتىق نارازى بولغان. شۇنىڭ  بىلەن Facebook بۇ ئىقتىدارنى ئېلىپ تاشلىغان.مىكروسوفت شىركىتى 2007-يىلى Facebook نى سېتىۋېلىش تەكلىۋىنى بەرگەندە، Mark Zuckerberg قوشۇلمىغان، ئەگەر قوشۇلغان بولسا شۇ ۋاقىتتىكى قىممىتى بويىچە ھېسابلىغاندا، Mark Zuckerberg نىڭ قىممىتى تۆت مىليارد دوللارغا يارايتتى.

ئۈچىنچى، Facebookنىڭ ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ كۆپىيىشى « دوستلۇق» ئىقتىدارى بىلەن قارشى بولۇپ قالدى
Facebook ئىچكى سىر غولغولىسى ئىچىدە تەرەققى قىلدى. 2006-يىلى Facebook قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ئىچكى سىر تالاش تارتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.يەنى دوستلۇق ئىقتىدارى ئىشلەتكۈچىنىڭ ئەڭ يېڭى ئۇچۇرىنى ئۇنىڭ دوستلىرىغا ھوزۇرلىنىشقا ئەۋەتىپ بەرگەن. Facebook نىڭ ئىشلەتكۈچىلىرى خۇسۇسىي مەخپىيەتلىك ھوقوقىنىڭ يەنە بىر خىل شەكلىگە سەل قارايدۇ، يەنى ناتونۇش كىشىلەرنىڭ دوستلىشىش تەكلىۋىنى قوبول قىلىۋېرىدۇ. ئەمەلىيەتتە Facebook دا دوست بولغانلىقىنىڭ ئۆزى خۇسۇسىي مەخپىيەتلىكلىرىنى باشقىلارنىڭ كۆرىشىدىن دېرەك بېرىدۇ.

تۆتىنچى، Mark Zuckerberg خارۋاردتىنىڭ مەكتەپ دوستلۇقىدىن ئۈلگە ئالغانمۇ ؟
Mark Zuckerberg خارۋاردتىنىڭ مەكتەپ دوستلۇقىدىن ئۈلگە ئېلىپ Facebook نى قۇرغانمۇ؟ بۇ « ئىجتىمائىي ئالاقە تورى» فىلىمىنىڭ ئەڭ يادرولۇق تىمىلىرىنىڭ بىر، بۇ كىنو Ben Mezrich نىڭ رومانى « تاساددىبى پەيدا بولغان بايۋەتچە: Facebook نىڭ قۇرۇلۇشى، جىنسىيەت، پۇل، قابىلىيەت، خائىنلىققا مۇناسىۋەتلىك بىر ھىكايە» دىن ئۆزگەرتىلىپ ئىشلەنگەن.

بەشىنچى، Facebook ئىلگىرىكىلەرنى بەكلا تاشلىۋەتتى
Friendster نىڭ قۇرغۇچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ Friendster نى قۇرۇشىدىكى دەسلەپكى ئۈمىدى پەقەت باشقىلارنىڭ توغرا بولغان چېسلانى تېپىۋېلىشى ئۈچۈنلا ئىدى، 2003-يىلى 8-ئايدا قۇرۇلغان MySpace نىڭ ئۈمىدىمۇ ئوخشاش ئىدى. سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق Facebook باشقىلار تەرپىدىن تېخىمۇ كەڭ بولغان ئالاقە سەھنىسى يارىتىپ بېرەلەيدۇ دەپ قارالدى. تېخنىكا جەھەتتىن Friendster ۋە MySpace نىڭ مۇرەككەپلىك دەرىجىسىنى Facebook بىلەن مەڭگۆ سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ.
 بۇ ئىككى شىركەتنىڭ مۇلازىمەت دائىرىسىنىمۇ Facebook بىلەن مەڭگۆ سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ،ھازىرغىچە، Facebook دۇنيادىكى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئىشلىتىلىش ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن تور بېكەت بولۇپ قالدى، ھەم دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ توردىكى رەسىم ئامبىرى بولۇپ قالدى. شۇنىڭدىن قارىغاندا Facebook ئەمدى ھەرگىز بىر ئادەتتىكى مودا ئەمەس، بەلكى بىر خىل پىشىپ يېتىلگەن، توردا ئالاقىلىشىدىغان ئۇسۇل. بەلكىم كىيىن Facebook باشقىلار تەرپىدىن بۇ ئورۇندىن چۈشۈرىۋېتىلىشى مومكىن، لىكىن بۇ ھەرگىز ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس.


&  ئالدىنقى پلاستىنكا:‹‹ ياخشىمۇسىز ، ئەپەندىم ››شياڭگاڭدا ئالقىشقا ئېرىشتى
&  كېيىنكى پلاستىنكا:جوۋ جىيېلۈننىڭ يېڭى كىنوسى«كۆك ھەرە پالۋان»نىڭ ئېلان رەسىمى
بېكەت ھەققىدە  |  ئېلان مۇلازىمىتى  |  شان -شەرەپلەر  |  قوللىغۇچىلىرىمىز  |  ئۇلىنىش ئىلتىماس قىلىش  |  ئۇلىنىش دۇنياسى  |  ئالاقىلىشىڭ
بۇ بېكەتنىڭ بارلىق ھۇقۇقى شىرىنىم تور تەتقىقات ئورنىغا مەنسۈپ ، باشقىلارنىڭ باش بەت لايىھەسىنى  ئوخشتىپ ياسىشى چەكلىنىدۇ .
مۇلازىمەت خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn    ئالاقە QQ نۇمۇرى : 627530058,396896928
ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453      ئالاقىلاشقۇچى : ئەكبەر

ICP10001556

9