2010–يىللىق شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسى شىنجاڭ پائالىيەت ھەپتىلىكىدە ئويۇن قويىدىغان ئارتىسلار ‹‹بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي›› ناملىق نومۇرنى رېپېتىتسىيە قىلماقتا
ەسى خەۋىرى30–سېنتەبىرگىچە ئېلىپ بېرىلىدىغان شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسى ‹‹شىنجاڭ پائالىيەت ھەپتىلىكى›› دە ، پۈتۈن دۇنيا ئېكىسكۇرسىيەچىلىرىگە شىنجاڭنىڭ كىشىنى ئۆزىگە تارتىدىغان نەپس ‹‹چىنە ئۇسسۇلى›› ، چوڭ تىپتىكى جۇشقۇن كوللېكتىپ ئۇسسۇل ‹‹دولان دولقۇنى›› قاتارلىق بىر–بىرىدىن ئېسىل، نادىر ناخشا– ئۇسسۇللىرى تەقدىم قىلىنىدۇ .
اڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسى شىنجاڭ پائالىيەت ھەپتىلىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى يەرمەنكە باغچىسىدا ئېچىلدى.
ىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، شىنجاڭنىڭ شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسىگە قاتنىشىشىغا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسى شىنجاڭ سارىيىنىڭ باشلىقى شۈي گۇەنبىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا شىنجاڭ پائالىيەت ھەپتىلىكىنىڭ ئاساسلىقى ئېچىلىش مۇراسىمى، ساياھەت تونۇشتۇرۇش يىغىنى، ئەدەبىيات - سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنداش ۋە ئۆگىتىش رايونى كۆرگەزمىسىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى تونۇشتۇردى.
دە، ساياھەت تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا، شىنجاڭنىڭ ساياھەت بايلىقى ۋە ساياھەت مەھسۇلاتلىرى تونۇشتۇرۇلىدۇ؛ ئەدەبىيات - سەنئەت نومۇرلىرى ئاساسلىقى ھەر كۈنى باۋگاڭ چوڭ سەھنىسىدە ئوينىلىدىغان، شىنجاڭ بەدىئىي تىياتىرخانىسى ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكى ئىجاد قىلغان ‹‹بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي››، شىنجاڭ مۇقام ئانسامبىلى ئىجاد قىلغان ‹‹مۇقام باھارى›› قاتارلىق نومۇرلارنى ھەمدە شىنجاڭ بەدىئىي تىياتىرخانىسى مىللىي ئوركېستىرى باۋگاڭ كىچىك سەھنىسىدە ئورۇنلايدىغان شىنجاڭنىڭ مىللىيچە مۇزىكىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئۆگىتىش رايونىدا خوتەن قاشتېشى باش تېما قىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ قاشتېشى مەدەنىيىتى مەركەزلىك نامايان قىلىنىدۇ.
شۈي گۇاڭبىن مۇنداق دېدى: شىنجاڭ پائالىيەت ھەپتىلىكى ‹‹شەھەر تۇرمۇشىنى يەنىمۇ گۈزەللەشتۈرۈش›› تىن ئىبارەت بۇ باش تېمىغا باغلانغان ئاساستا، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە تەبىئىي مەنزىرىسى، تەبىئىي شارائىت ۋە ئۆرپ - ئادىتى، پارلاق مىللىي مەدەنىيىتىنى، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەن 30 يىلدىن بۇيان شىنجاڭدا قولغا كەلتۈرۈلگەن شانلىق نەتىجىلەرنى، مەركەزنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە قېرىنداش ئۆلكە، رايون، شەھەرلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، بىرلىكتە گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىدىغان گۈزەل كېلەچەكنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ.
غىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 12 ۋىلايەت - ئوبلاستنىڭ سەنئەت ئۆمەكلىرىدىكى ھەر مىللەت ئارتىسلار ساياھەتچىلەرگە جەمئىي 3415 مەيدان ئويۇن قويۇپ بەردى.
ئىگىلىنىشىچە، ماينىڭ ئاخىرلىرىدىن بۇيان، شىنجاڭ سارىيىغا كېلىدىغانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەي، كۈنىگە ئېكىسكۇرسىيە قىلىدىغانلارنىڭ سانى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 20 مىڭدىن 30 مىڭ ئادەم (قېتىم) گىچە بولغان. 29 - ماي تۇنجى قېتىم 30 مىڭ ئادەم (قېتىم) دىن ئاشقان، 26 - ئىيۇن 36 مىڭ 810 ئادەم (قېتىم) لىك ئەڭ يۇقىرى رېكورت يارىتىلغان. نۆۋەتتە، كۈنىگە كۈتۈۋېلىنىۋاتقان ساياھەتچى 30 مىڭ ئادەم (قېتىم) ئەتراپىدا ئىكەن. 18 - سېنتەبىرگىچە، شىنجاڭ سارىيىنىڭ ئېكىسكۇرسىيەچىلىرى 3 مىليون 500 مىڭ ئادەم (قېتىم) دىن ئېشىپ كەتكەن.