بۈگۈن، مەن يىڭى تۇرمۇشۇمنى باشلايمەن.
بۈگۈن، مەن مەغلۇبىيەتنىڭ جاراھەتلىرى بىلەن تولغان قاداقتىن قۇتۇلىمەن.
بۈگۈن مەن بۇ دۇنياغا باشقىدىن تۆرىلىمەن،مەن ئۈزۈمزارلىقتا تۇغۇلىمەن، باغدىكى ئۈزۈملەرگە ھەرقانداق ئادەم ئېغىز تېگەلەيدۇ.
بۈگۈن، مەن ئەڭ ئېگىز، ئەڭ باراقسان تەكتىن ئەقىل-پاراسەتنىڭ مېۋىسىنى ئۈزىمەن، بۇ ئۈزۈم تەكلىرىنى نەچچە ئەۋلاد ئەقىلدارلار تىككەن.
بۈگۈن، مەن شىرنىلىك ئۈزۈمگە ئېغىز ئۈزۈمگە ئىغىز تىگىمەن. يەنە ھەربىرتال مۇۋەپپەقىيەت ئۇرۇقلىرىنى يۇتۇۋېتىمەن، يېڭى ھاياتلىق يۈرىكىمدە بىخ سۈرسۇن.
مەن تاللىغان يولدا ياخشى پۇرسەتلەر كۆپ، يەنە ئاچچىقى - چۈچۈكىمۇ بار. مەغلۇبىيەتنىڭ ھەمراھلىرىنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ، بىر يەرگە يىغىدىغان بولساڭ، ئېھرامدىنمۇ ئېگىز بولۇ] كېتىدۇ.
لېكىن، مەن ئۇلاردەك مەغلۇپ بولمايمەن، چۈنكى مېنىڭ قولۇمدا يول كۆرسەتكۈچ قىبلىنامە بار، دولقۇنلۇق دېڭىزلاردىن ئامان-ئېسەن ئۆتۈپ، ئارزۇيۇمدىكى قىرغاققا يېتەلەيمەن.
مېنىڭ كۈرەشلىرىمدىن ئەمدى مەغلۇبىيەت كۆرۈنمەيدۇ. مەغلۇبىيەت ۋە ئازاب دېگەنلەر ئەمدى مېنىڭ تۇرمۇشۇمدىن يوقىلىدۇ. مەغلۇبىيەت بىلەن مەن ئوت بىلەن سۇدەك كېلىشەلمەيمىز. ئۇلارنى ئىلگىرىكىدەك قوبۇل قىلالمايمەن، مەن ئەقىل - پاراسەتنىڭ يول باشلىشى بىلەن مەغلۇبىيەتنىڭ كۆلەڭگۈسىدىن قۇتۇلۇپ چىقىمەن. مول ، ساغلام، خۇشاللىق بېغىغا قەدەم قويىمەن، بۇلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ ئىلگىرىكى ئارزۇ- ئارمانلىرىمدىن ئېشىپ چۈشتى.
ئەگەر مەن مەڭگۈ ياشىغان بولسام، ھەممە نەرىسنى ئۆگىنىۋالغان بولاتتىم، لېكىن مېنىڭ ھاياتىم مەڭگۈلۈك ئەمەس، شۇڭا مەن چەكلىك ھاياتىمدا چىداملىقنى ئۆگىنىۋېلىشىم كېرەك، . چۈنكى، تەبىئەت ھېچقاچان ئادەمنىڭ رايىغا باققان ئەمەس، ھەممىگە قادىر تەڭرى دەرەخلەر پادىشاھى - زەيتۇن دەرىخىنى يۈز يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ياراتقانكەنمەن، لېكىن باش پىياز قىسقىغىنە توققۇز ھەپتىدىلا قۇرۇپ قالىدۇ. مەن ئىلگىرىكى باش پىيازدەك تۇرمۇشتىن قوتۇلىمەن دەرەخلەر پادىشاھى - زەيتۇن دەرىخى بولىمەنم رېئال تۇرمۇشتىكى ئەڭ ئۇلۇغ مالساتقۇچى بولۇپ چىقمەن.
بۇ مۇمكىنمۇ؟ مەندە يا چوڭقۇر بىلم يا مول تەجرىبە يوق. ئۇنىڭ ئۈسىتىگە، مەن بىر مەزگىل نادانلىق ۋە مىشچانلىقنىڭ پاتقىغا پېتىپ يۈردۇم. جاۋابى ناھايىتى ئاددىي: مەن قانداقتۇر بىلىم ۋە تەجرىبە دېگەنلەرنى ئۆزۇمگە يۈك قىلىۋالمايمەن.. تەڭرى ماڭا يېتەرلىك بىلىم ۋە ئىقتدار بەرگەن، بۇخىل تالانىت باشقا جانلىقلاردا كەمدىن - كەم بولىدۇ. تەجرىبىنىڭ قىممىتى ئادەتتە بەك كۆپتۈرۈلىۋېتىدۇ. ئادەم قېرىغاندا تۇتۇرۇقىسز گەپلەرنى قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ.
گەپنىڭ راستىنى قىلغاندا، تەجرىبە ھەقىقەتەن بىزگە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىتىدۇ. بىرلا يامان يېرى، ئۇنىڭغا ناھايتى ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ. كىشلەر ئەقىل - پاراسەتكە ئېرىشكەندە بولسا، ئۇنىڭ قىممىتى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن يوقىلىدۇ ياكى ئازلاپ بارىدۇ. نەتىجسى كۆپىنچە شۇنداق بولىدۇ، مول تەجرىبىگە ئىگە بولغاندا، ئادەمنىڭمۇ بىر پۇتى گۆرگە ساڭگىلغان بولىدۇ. تەجرىبە بىلەن ئادەت بىر - بىرىگە مۇناسىۋەتلىك، مەلۇم دەۋرىگە ماس كەلگەن ھەرىكەن بۈگۈنمۇ ئۇنى قوللىنىشقا بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.
پەقەت پرىنسىپلا ئۇزۇن مۇددەتلىك بولىدۇ. مەن ھازىر بۇ پرىنسىپلارغا ئىگە بولدۇم، مېنى مۇۋەپپقىيەت يولىغا باشلايدىغان بۇ پرىنسىپلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ بىر نەچچە پرچە تېرە قەغەزگە يېزىلغان. ئۇ ماڭا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنڭ يولىنىلا ئەمەس، يەنە مەغلۇبىيەتتىن قانداق ساقلىنىشنىمۇ ئۆگىتىدۇ. چۈنكى، مۇۋەپپەقىيەت بىر خىل روھى ھالەت. مۇۋەپپەقىيەتكە نىسبەتەن ھەركىمىنىڭ ئۆزئالدىغا كۆز قارشى بولىدۇ، ئەمما مەغلۇبىيەتنىڭ ئەزەلىدىن بىرلا چۈشەندۈرۈشى بولۇپ كەلگەن: مەيلى ئۇ قانداق نىشان بولسۇن، مەغلۇبىيەت - بىر ئادەمنىڭ ھاياتىدىكى شۇ نىشانغا يېتەلمەسلىكى دېمەكتۇر.
ئەمەلىيەتتە ، مۇۋەپپقىيەت بىلەن مەغلۇبىيەتنىڭ ئەڭ چوڭ پەرقى ئوخشاش بولمىغان ئادەتتىن كەلگەن. ياخشى ئادەت مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئاچقۇچى، ناچار ئادەت مەغلۇبىيەتكە ئۇلۇغ ئېچىلغان ئىشىك. شۇڭا، مېنىڭ بىرىنچى ئىشىم، ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈپ، ئۇنى پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىش.
كىچىك ۋاقتىمدا مەن ھېسسىياتقا تاينىپ ئىش قىلىپ كەلدىم، ھازىر چوڭ بولدۇم، ئەمدى ئۇنداق تەنتەكلىكنىڭ ئورنىغا ياخشى ئادەتنى دەسىتىمەن. مېنىڭ ئەركىن خاراكتىرىم ئۇزۇن يىللاردىن بېرى شەكىللىنىپ قالغان ناچار ئادەتكە بويسۇنۇپ كەلدى. ئۇلار مېنىڭ ئىستىقبالىمغا تەھدىت سالماقتا. مېنىڭ ھەرىكىتىم سىناپ بېىقىش، ھېسيات، بىر تەرەپلىمە قاراش، ھەۋەس، مۇھەببەت، ۋەھىمە، مۇھىت ۋە ئادەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ كەلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئەڭ يامىنى ئادەت، شۇڭا ، ئادەتنىڭ قۇلى بولۇش توغرا كەلسە ياخشى ئادەتنىڭ قولى بولۇشۇم كېرەك، ناچار ئادەتلەردىن قۇتۇلۇپ، يېڭى ئېتىزغا ياخشى ئۇرۇقلارنى سېلىىشىم كېرەك. مەن ياخشى ئادەتنى يېتىلدۇرۇپ، ئۇنى پۈتۈن ۋۇجۇدۇمدىن بىلەن ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىشم كېرەك.