|
ئۇچۇرلار
تىزىملىكى |
|
|
ئۇيۇتما(لەڭپۇڭ) |
|
|
|
[خۇرۇچى] پۇرچاق ئۇنى500گرام،ئاچچىقسۇ بىر كىلوگرام،سۇ يېغى100گرام،سوققان قىچا15گرام سوققان لازا25گرام،سوققان زەنجىۋىل ئۈچ گرام،سامساق ئۈچ-تۆت باش،تۇز مۇۋاپىق مىقداردا. [ئېتىش ئۇسۇلى] 1.پۇرچاق ئۇنىنى سۇغا چىلاپ ياخشى ئارىلاشتۇرۇپ سۇيۇق شىرى قىلىپ2-1سائەت قويغاندىن كىيىن كۆك سۇ يىغىلىدۇ،ئۇن ئاستىغا چۆكىدۇ.ئۈستىگە يېغىلىپ قالغان كۆك سۇ تۆكۈۋېتىلىدۇ،مۇشۇ ئۇسۇل بۇيىچەئىككى-ئۈچ قىتىم سۈيىنى يەڭگۈشلىگەندىن كىيىن،پۇرچاق ئۇنىنىڭ پۇرىقى تۈگەيدۇ. ئاندىن يەنە ئۇنىڭغا سۇ قۇيۇپ،ئۇنى ئەگلەكتىن ئۆتكۈزۈپ،تۇز،ئاچچىقسۇ قۇيۇپ تەمىنى تەڭشەپ،قازانغا تۆكۈپ قاينىتىپ پىشۇرۇلىدۇ. 2.سامساقنى ئۇششاق چاناپ سوققان لازا،ئاچچىقسۇ قوشۇپ ئارىلاشتۇرۇپ،ئۈستىدىن قىززىق ياغنى قۇيۇپ داغلاپ،ئاندىن قايناقسۇ قۇيۇپ سۇيۇق لازا تەييارلىنىدۇ. 3.سوققان قىچا،زەنجىۋىللەرنى ئاچچىقسۇغا تۆكۈپ ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. 4.سوۋۇتۇلغان ئۇيۇتمىنى قىرغۇچتا قىرىپ ياكى ئنىچىكە توغراپ تاخسىگە ئېلىپ ئۈستىگە سۇيۇق لازا،ئاچچىقسۇ قۇيۇپ ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. [ئالاھىدىلىكى] سوغۇق،ئاچچىق-چۈچۈك،ئىشتىھانى ئاچىدۇ،يېيىشلىك. |
|
|
|
قۇشۇلغان
ۋاقتى:2010-9-3 19:24:44 |
ئاۋاتلىغى:145 |
|
|
|