|
ئۇچۇرلار
تىزىملىكى |
|
|
توخۇ گۆشى شورپىسى |
|
|
|
[خۇرۇچى] سېمىز توخۇ بىر دانە،سۇڭپىياز بىر تال،زەنجىۋىل بىر پارچە،تۇز مۇۋاپىق،قەلەمپۇر ئىككى تال،قارىمۇچ مۇۋاپىق،كونا شورپا105گرام،كاۋاۋىچىن ئازراق. [پىزۇرۇش ئۇسۇلى] 1.توخۇنى ئۆلتۈرۈپ تازىلاپ،ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىۋىتىپ،سۇدا يۇيۇپ،سوغۇق سۇغا سېلىپ سۇ قاينىغاندا كۆپۆكلىرىنى ئېلىۋىتىپ،سوققان قارىمۇچ،زەنجىۋىل،تۇز،كاۋاۋىچىن،قەلەمپۇرنى سېلىپ كونا شورپىنى قۇيۇپ بىر يېرىم سائەت سىم-سىم قاينىتىپ پىشۇرۇلىدۇ. 2.پىشقان توخۇنى سۈزۈپ ئېلىپ،بۆلەكلەر بويىچە پارچىلاپ،توخۇنىڭ شەكلىگە كەلتۈرۈپ تەخسىگە تىزىلىدۇ. 3.كاۋاۋىچىن،زەنجىۋىل،تۇزنى يۇمشاق سوقۇپ،تەخسىدىكى توخۇ گۆشىنىڭ ئۈستىگە سېپىپ داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ. |
|
|
|
قۇشۇلغان
ۋاقتى:2010-9-3 19:24:08 |
ئاۋاتلىغى:118 |
|
|
|