[خۇرۇچى] 500گراملىق بېلىق ئىككى تال،شورپا ئىككى چۆمۈچ،قوينىڭ چاۋا يېغى ئازراق،ئاچچىقسۇ ئازراق،سۇڭپىياز بىر تال، سوققان زەنجېۋىل ئازراق،پۈتۈن زەنجىۋىل ئىككى پارچە،تۇز مۇۋاپىق مىقداردا،تېتىتقۇ بىر چىمدىم. [پىشۇرۇش ئۇسۇلى] 1.بېلىقنى قىرىپ،ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىۋىتىپ،دۈمبىنى،توغرىسىغا تىلىپ چىش چىقىرىپ، قىزىق سۇغا بىسىپ پۇرىقى چىقىرۋېتىلىدۇ؛سۇڭپىيازنى ئىنچىكە،چاۋا ياغ ئۇششاق توغرىلىدۇ،زەنجىۋىل ئۇششاق چانىلىدۇ. 2.تۇز،تېتىتقۇسېلىپ تەڭشەلگەن شورپا تەييارلىنىدۇ. 3.تەخسىگە سۇڭپىيازنى تىزىپ،ئۈستىگە بېلىقنى قويۇپ،ئۇنىڭ ئۈستىگە زەنجىۋىل،چاۋاياغلارنى ئۆز تەرتىپى بويىچە تىزىپ،ئاندىن تەڭشەلگەن شورپىنى تۆكۈپ،قاسقانغا سېلىپ25~20مىنۇت دۈملىنىدۇ.ئاچچىقسۇ،سوققان زەنجىۋىل ئايرىم تەخسىدە كەلتۈرۈلىدۇ. [ئالاھىدىلىكى] شەكلى كۆركەم،تەمى مەززىلىك ھەم يېڭى.
|