[خۇرۇچى] قوينىڭ ياغلىق ئۈچىيى بىر دانە،پىياز ئىككى باش،گۈرۈچ500گرام،سەۋزە ئىككى باش، گۆش105گرام،سوققان زىرە ئازراق،قوينىڭ جىگىرى بىر تال،سوققان قارىمۇچ ئازراق،يۈرەك بىر تال،سۇ بىر كىلوگرام،چاۋا ياغ105گرام،تۇز مۇۋاپىق مىقداردا. [قۇيۇش ئۇسۇلى] بۇ—ھېسىپقا ئوخشاش تەييارلىنىدۇ.قاسقانغا دۈملەپ پىشۇرۇلىدۇ. پىشۇرغاندا بىر نەچچە يېرىگە يىڭنە سانجىلىدۇ.بولمىسا ھېسىپ ئېتىلىپ كېتىدۇ. [ئالاھىدىلىكى] ئىچى يۇمشاق ھەم مەززىلىك تېتىيدۇ،ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئالاھىدە تاماقلىرىدىن بىرى. ھېسىپنىڭ ئىچىگە گۈرۈچ ۋە باشقا خۇرۇچلارنى مۇۋاپىق ئىشلىتىش لازىم. |