|
ئۇچۇرلار
تىزىملىكى |
|
|
ئۇماچ |
|
|
|
[خۇرۇچى] قوناق ئۇنى175گرام،پىياز بىر باش،گۆش 175گرام،كاۋاۋىچىن مۇۋاپىق،ئېرىتمىگەن قوي يېغى70گرام،زەنجىۋىل مۇۋاپىق،چامغۇر140گرام،تۇز مۇۋاپىق مىقداردا،پىننە ئازراق. [ئېتىش ئۇسۇلى] 1.گۆش ۋە قوي يېغىنى جىگدىدەك چوڭلۇقتا،پىيازنى قىيپاش قىلىپ،چامغۇرنى چاقماق قەنتتەك قىلىپ توغرىلىدۇ. 2.قازاننى قىزىتىپ،توغرالغان ياغنى سېلىپ ئېرىتىپ،گۆشنى سېلىپ قورۇپ،پىيازنى سېلىپ سارغايتىپ،سوققان زەنجىۋىل،كاۋاۋىچىن،تۇز سېلىپ قورۇپ،175گرام ئۇندا قويۇلغىدەك سۇ قۇيۇپ تەمىنى تەڭشەپ،چامغۇرنى سېلىپ قاينىتىپ شورپا تەييارلىنىدۇ. 3.ئۇننى قاچىغا سېلىپ سوغوق سۇ قۇيۇپ،ئارىلاشتۇرۇپ خام ئۇماچ قىلىپ،قازانداتەييارلانغان شورپىغا قۇيۇپ ئارىلاشتۇرۇپ پىشۇرۇلىدۇ.ئاش پىشقاندىن كېيىن پىننە سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ قاچىلارغا ئۇسۇلىدۇ. [ئالاھىدىلىكى] دېھقان ئېشى بولۇپ،كۆپىنچە قۇرۇق سۇغىلا چامغۇر سېلىپ ئېتىلىدۇ.ھازىر كىشىلەر ئۆزىنىڭ يېمەك-ئىچمىكىنى ئۇماچ بىلەن تەڭشەيدۇ،ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى تامىقى. |
|
|
|
قۇشۇلغان
ۋاقتى:2010-9-3 19:18:36 |
ئاۋاتلىغى:129 |
|
|
|