|
ئۇچۇرلار
تىزىملىكى |
|
|
خام قىيما ئاش |
|
|
|
[خۇرۇچى] ئاق ئۇن بىر كىلوگرام،زەنجىۋىل سۈيى ئازراق،سېمىز گۆش175گرام،تۇخۇم بەش دانە تۇزمۇۋاپىق مىقداردا،پەمىدۇر ئىككى تال،ئاقمۇچ ياكى قارىمۇچ بىر چىمدىم،پىياز بىر تال سامساق تۆت چىش،يۇمغاقسۈت ئازراق. [ئېتىش ئۇسۇلى] 1.ئۇندا ئوتتۇراھال ئش خېمىرى تۇغۇرۇپ،قەغەزدەك نېپىز قېلىپ يېيىپ،چاچتەك ئىنچىكە كېسىلىدۇ.گۆشنى بۇغدايدەك ئۇششاق توغراپ،ئۇششاق چانالغان پىياز،تۇز،ئاق قارىمۇچ بىلەن قىيما قىلىدۇ.پەمىدۇرنى يالپاق،يۇمغاقسۈت،سامساق ئۇششاق توغرىلىدۇ. قازانغا سۇ قۇيۇپ قاينىتىپ،تۇخۇمنى چېقىپ پۈتۈن پىشۇرۇپ ئېلىنىدۇ.ئاندىن قازانغا پەمىدۇر،قىيمىلارنى سېلىپ تۇز،زەنجىۋىل سۈيى قۇيۇپ،چاچتەك كىسىلگەن ئۈگرىنى سېلىپ3-2مىنۇت قاينىتىپ پىشۇرۇپ،سامساق،يۇمغاقسۈتنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ،ئاشنى چۈشۈرىمىز.پىشۇرۇلغان تۇخۇمنى ھەربىر قاچىغا بىردىن سېلىپ،ئۈستىگە ئاشنى ئۇسۇپ داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ. [ئالاھىدىلىكى] ئاش قىيما تېتىيدۇ،يېيىشلىك ھەم مەززىلىك. |
|
|
|
قۇشۇلغان
ۋاقتى:2010-9-3 19:17:18 |
ئاۋاتلىغى:126 |
|
|
|