[خۇرۇچى] ئاق ئۇن بىر كىلوگرام،ئاچچىقسۇ ئازراق،گۆش175گرام،پىنتوزامۇۋاپىق،سۇ يېغى140گرام،زەنجىۋىل سۈيى ئازراق،يېسىۋىلەك150گرام،تۇز مۇۋاپىق مىقداردا،پەمىدۇر ئىككى دانە،سۇڭپىيازبىرتال،سامساق بىر باش،كاۋاۋىچىن سۈيى ئازراق. [ئېتىش ئۇسۇلى] 1.خېمىرنى پىلتە لەڭمەننىڭ خېمىرىدەك قىلىپ تەييارلاپ،تىنغان پىلتىنى ئىككى بېشىدىن تۇتۇپ سوزۇپ ئاشتاختىنىڭ ئۈستىگە تىزىپ،ئۈستىدىن بېسىپ ياپىلاق قېلىپ،ئىككى تالدىن تۆت تالغىچە پىلتىنى ئىككى بېشىدىن تۇتۇپ پىلتە لەڭمەن سوزغاندەك سوزۇپ قازانغا سالىمىز بەش مىنۇت قاينىتىپ،سۈزۈپ ئېلىپ سوغۇق سۇدا چايقاپ شۇ پېتىچە ياكى ئىسسىتىپ تەخسىگە ياكى چېنىگە ئېلىپ،ئۈستىگەئالاھىدە قورۇلغان قورۇمىنى سالساق بولىدۇ. [ئالاھىدىلىكى] ئېشى سىلىق،يۇمشاق،يېيىشلىك بولىدۇ.
|