|
ئۇچۇرلار
تىزىملىكى |
|
|
پىلتە لەڭمەن |
|
|
|
[خۇرۇچى] ئۇن بىر كىلوگرام،سامساق بىر باش،گۆش175گرام،ئاچچىقسۇ مۇۋاپىق،سۇ يېغى140گرام،كاۋاۋىچىن سۈيى ئازراق، كۆك لازا ئىككى شوخ،سۇڭپىياز بىر تال،پەمىدۇر ئىككى تال،،تۇزمۇۋاپىق مىقداردا. [ئېتىش ئۇسۇلى] 1.يۇقۇرىدا ئېيتقىنىمىزدەك،پەسىلگە قاراپ ئۇنغاتۇز ۋە سۇ قۇيۇپ خېمىر يۇغۇرۇپ،پورەك چىققىچە ئىشلەپ،15مىنۇت تىندۇرغاندىن كىيىن35گرام چوڭلۇقتا زوۋۇلا ئۈزۈپ،زوۋۇلنى ياغلاپ تۇرۇپ بىگىز قولدەك توملۇقتا ئۇزۇنچاق پىلتە قىلىمىز.پىلتىلەرنى دەستىلەپ تىزغاندا،ھەر قەۋىتىنىڭ ئۈستىنى ياغلاپ تۇرۇش كېرەك.پىلتىلەرنى تەييار بولغاندا يەنە15-10مىنۇت تىندۇرغان ياخشى. 2.تىنغان پىلتىنى بىر-بىرىدىن ئېلىپ ئاشتاختىدا ئىككى ئالىقان بىلەن دومىلىتىپ تەكشىلىۋىلىپ،ئاندىن ئىككى بىشىدىن تۇتۇپ سوزۇپ ئاشتاختا ئۈستىگە قاتار-قاتارتىزىلىدۇ. ئاندىن ئىككى ئۇچىدىن تۇتۇپ ئىككى بىلىكىمىزنى كېرىپ ئاستا ۋە دادىللىق بىلەن سوزۇپ،ئوتتۇرىسىنى ئاشتاختىغا بوش-بوش ئۇرۇپ،بىر غۇلاچ بولغاندا قاتلاپ يەنە سوزىلىدۇ. ئىنچىكە سوزۇلغاندا،بىر ئالقىنىمىزغا يىغىلغان پىلتە بېشىنى ئۈزىۋېتىپ،ئىنچىكە سوزۇلغان خېمىرنى قازانغا تاشلاپ بەش مىنۇت قاينىتىلىدۇ.ئاش پىشقاندىن كىيىن سوزۇپ ئېلىپ،سوغوق سۇدا چايقاپ،ئاندىن يا ئىسسىتىپ ياكى شۇ پېتىچە چىنىلەرگە ئېلىپ ئۈستىگە تەييارلانغان سەينى سالساق بولىدۇ. [ئالاھىدىلىكى] ئېشى تىرىك،چايناشلىق،تەمى ياخشى،يېڭى بولۇپ،كىشىلەر ئىشتىھا بىلەن يەيدۇ. |
|
|
|
قۇشۇلغان
ۋاقتى:2010-9-3 19:16:01 |
ئاۋاتلىغى:110 |
|
|
|