[خۇرۇچى] ئاق ئۇن بىر كىلوگرام،قېتىق70گرام،سۇ500گرام،سۇ يېغى70گرام،قايماق70گرام،تۇزمۇۋاپىق مىقداردا،ئېرىتكەن قوي يېغى70گرام. [ئېتىش ئۇسۇلى] 1.تۇز قۇيۇپ ئىسسىق سۇدا خېمىر يۇغۇرۇپ،ئۇنىڭغا70گرام داغلانغان پىششىق سۇ يېغى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلەپ،15-10مىنۇت تىندۇرغاندىن كىيىن،نوغۇچ بىلەن نېپىز يېيىپ،يۈزىگە قوي يېغى ۋە قايماق سۈركىلىدۇ.ئاندىن بىر تەرەپتىن خېمىرنى تۈرۈپ ئۇزۇن تۈرمەل قىلىپ،ئككى بېشىدىن تۇتۇپ بىر نەچچە قېتىم تولغاپ ئېشىپ،200-170گرام چوڭلۇقتا زوۋۇلا ئۈزۈپ،ھەربىر زوۋۇلىنى يەنە ئېشىپ قاتلىما ياسىلىدۇ.قاتلىمىنىڭ ئىچى قات-قات بولۇشى،چۆرىسى ئىككى سانتېمىتىر،ئوتتۇرىسى بىر سانتېمىتىر قېلىنلىقتا بۇلۇشى لازىم. 2.تەييارلانغان قاتلىمىغا تۈكچە(چەككۈچ)ئۇرۇپ،ئاندىن يۈزىگەقېتىق سۈركەپ،ھاۋىسى تەڭشەلگەن تونۇرغا يېقىپ ياكى دوخاپكىغا سېلىپ پىشۇرۇلىدۇ. [ئالاھىدىلىكى] تېشى چۈرۈك،پارقىراق،خېمىرى گۇچ-گۇچ،مەززىلىك. |