[خۇرۇچى] 1.خېمىرتۇرۇچنى ئىلمان سۈت ياكى سۇدا ئېرىتكەندىن كىيىن،بۇغداي ئۇنى بىلەن قوناق ئۇنىنى ئارىلاشتۇرۇپ خېمىر يۇغۇرىلىدۇ.خېمىر بولغاندا ياخشى ئىشلەپ،280گرام چوڭلۇقتا زوۋۇلا ئۈزۈپ تاۋلاپ،قېلىنراق قىلىپ نان ئېچىپ،يۈزىگە پىچاقتا سىزىقچە ئۇرۇپ،ئۇششاق توغرالغان پىيازنى سۈركەپ تەييارلىنىدۇ. 2.قىزىغان تونۇرنىڭ ھاۋىسىنى تەڭشەپ،داپخاننى چىڭ ئېتىپ،تەييار ناننى تونۇرغا يېقىپ30مىنۇت دۈملەپ قۇرۇتۇپ پىشۇرۇلىدۇ. [ئالاھىدىلىكى] نان قۇرۇتۇپ پىشۇرۇلغاچقا،ئۇزۇن ساقلىنىدۇ.تەمى مەززىلىك،چاي،شورپىغا سالسىڭىز ئاسان يۇمشايدۇ. |