[خۇرۇچى] ئۇن بەش كىلوگرام،سۇ ئىككى كىلوگرام،خېمىرتۇرۇچ175گرام،تۇز مۇۋاپىق مىقداردا [يېقىش ئۇسۇلى] 1.ئۇنغا خېمىرتۇرۇچ سېلىپ خېمىر يۇغۇرۇپ،ئىسسىق يۆگەپ ئىككى سائەت قۇيۇپ بولدۇرغاندىن كېيىن،بىر جىڭلىقتىن زوۋۇلا ئۈزۈپ قوغۇنلاپ تاۋلاپ،گىرۋىكىنى قېلىنراق،ئوتتۇرىسىنى نېپىزرەك قېلىپ،كەڭرەك نان ياساپ،ئوتتۇرسىغاچەككۈچ چېكىپ ئۈستىگەداستىخان يېپىپ15مىنۇت تىندۇرۇلىدۇ. 2.تونورنى ئادەتتىكىدەك تەييارلاپ،تۇز سېپىپ تونۇرنىڭ ھاۋىسىنى تەڭشەپ،ناننىڭ ئارقىسىنى تۇز بىلەن ھۆللەپ تونۇرغا يېقىپ،تونۇرنى تولدۇرغاندىن كىيىن،ناننىڭ يۈزىگەسۇ ئۇرۇپ تونۇرنىڭ ئاغزىنى چىڭ ئېتىپ20-15مىنۇت خۇيلىنىدۇ.ئاندىن ئاغزىنى ئېچىپ،ئوت بوش بولسا داپخاننى ئېچىۋىتىپ،ناننى قىزارتىپ،قۇرۇتۇپ ئېلىنىدۇ. [ئالاھىدىلىكى] بۇ نان ئىچى كاۋاك،بوش بولغاچقا،چاي ياكى سۇغا چىلىسا ئاسان يۇمشايدۇ. |