|
ئۇچۇرلار
تىزىملىكى |
|
|
قورۇما كاۋاپ |
|
|
|
[خۇرۇچى] قوينىڭ لوق گۆشى280گىرام،تۇز مۇۋاپىق مىقداردا،تۇخۇم بىر دانە،سوققان زىرە مۇۋاپىق،پۇرچاق ئۇنى ئازراق،پىياز ئىككى باش،سوققان لازا ئازراق،ئەبجەش ياغ500گرام. [قورۇش ئۇسۇلى] 1.قوينىڭ لوق گۆشىنى تەڭگىدەك چوڭلۇقتا نېپىز يالپاقلاپ توغرىلىنىدۇ.پىيازنى ئۇششاق چانىلىدۇ؛توغرالغان گۆشكە چىلانغان پۇرچاق ئۇنى،تۇز،تۇخۇملار ئارىلاشتۇرىدۇ. 2.قازانغا ياغ قۇيۇپ7-6دەرىجە قىزىتىپ،گۆشنى سىلىپ،بىر-بىرىگە چاپلاشتۇرماي ئالتۇىن سېرىق رەڭدە داغلىغاندىن كىيىن سۈزۈپ ئېلىنىدۇ. 3.ياغ يۇقى قازاننى ئېسىپ پىياز،قىزىل لازا سىلىپ تېز-تېز قورۇپلا گۆشنى سىلىپ،يەنە قورۇپ، ئاندىن زىرىنى سېپىپ ئىككى قېتىم ئۆرۈپلا تەخسە ياكى نانغا ئېلىنىدۇ. [ئالاھىدىلىكى] رەڭگى سېرىق،پارقىراق،گۆشى يۇمشاق،تەمى خۇددى زىخ كاۋاپنىڭ تەمىگە ئوخشايدۇ زىرە تەمى كۈچلۈك بولىدۇ. |
|
|
|
قۇشۇلغان
ۋاقتى:2010-9-3 19:13:53 |
ئاۋاتلىغى:116 |
|
|
|