[خۇرۇچى] كىچىك پاقلانلارنىڭ قوۋۇرغىسى بىر كىلوگرام،تۇخۇم ئىككى دانە،پۇرچاق ئۇنى ئازراق پىياز سۈيى ئازراق،ئاقمۇچ ئازراق،تۇز مۇۋاپىق،سوققان زىرە مۇۋاپىق،سوققان لازا مۇۋاپىق. [كاۋاپ قىلىش ئۇسۇلى] 1.قوۋۇرغا گۆشىنى ئىككى سانتىمېتىر كەڭ،تۆت سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا تەكشى توغراپ تۇخۇم،پۇرچاق ئۇنى،پىياز سۈيى،تۇز بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قويۇلىدۇ. 2.دوخاپكىنى قىزىتىپ تەييارلانغان گۆشنى لېسقا تىزىىپ دوخاپكىدا پىشۇرۇلىدۇ. قوۋۇرغا گۆش پىشقاندىن كىيىن تەخسىگە تەكشى تىزىىپ،زىرە،لازا،تۇز بىلەن زىياپەت جوزىسىغا كەلتۈرۈلىدۇ. [ئالاھىدىلىكى] گۆشنى چۈرۈك،تەمى مەززىلىك،شىنجاڭ ئالاھىدە سەيلىرىنىڭ بىرى. |