[خۇرۇچى] ئاق ئۇن500گرام،تۇز مۇۋاپىق مىقداردا،لوق قوي گۆشى بىر كىلوگرام،جاڭيۇ ئازراق،بەسەي500گرام،سۇ يېغى70گرام،قارىمۇچ مۇۋاپىق مىقداردا.شورپا250گرام. [ئېتىش ئۇسۇلى] 1.بوشراق،پېتىر خېمىريۇغۇرۇپ،ئەھۋالغا قاراپ زوۋۇلا ئۈزۈپ تاۋلاپ،قۇرۇق ئۇن سېپىپ،ئۈستىنى قۇرۇق لاتا بىلەن يېپىپ قويۇپ،بىر تەرەپتىن پوزا بىلەن جىلىت ئېچىلىدۇ. 2.گۆشنى گۆش توغراش ماشىنىسىدىن ئىككى قېتىم ئۆتكۈزۈپ ياكى توغراپ،ئۇنىڭغاشورپا ياكى سۇ قۇيۇپ سىڭدۈرۈپ،ئۇششاق توغرالغان بەسەي،جاڭيۇ،تۇز،سوققان قارىمۇچ، سۇ يېغى سېلىپ ھەممىسىنى ئارىلاشتۇرۇپ قىيما تەييارلىنىدۇ. 3.ئېچىلغان جىلتىغا بىر قوشۇقتىن قىيما سېلىپ تۈگۈپ قايناۋاتقان سۇغا سېلىپ،پەس ئوتتا6-5مىنۇت پىشۇرۇپ، قازان ۋاراقلاپ قايناپ كەتسە،پات-پات سوغۇق سۇ قۇيۇپ تۇرۇش كېرەك.بولمىسا جۇۋاۋا ئېزىلىپ كىتىدۇ،پىشقان جۇۋاۋىنى تەخسىگە سۈزۈپ،داستىخانىغا كەلتۈرۇلىدۇ.ھەربىر كىشىگەبىردىن كىچىك تەخسە ۋە چوكا قويۇلىدۇ. بەسەي،جاڭيۇ،سۇيېغى،سۇ،شورپادېگەنلەرنى شارائىتقا،ئادىتىگە قاراپ ئىشلەتسەياكى ئىشلەتمىسىمۇ بولىدۇ.ئائىلىلەردە كۆپىنچەگۆش،پىيازبىلەنلا ئېتىلىدۇ. [ئالاھىدىلىكى] جىلىتى نېپىز،قىيمىسى يۇمشاق ھەم شورپىلىق،مەززىلىك. |