[خۇرۇچى] گۈرۈچ500گرام،زىرە مۇۋاپىق،گۆش500گرام،زەنجىۋىل سۈيى مۇۋاپىق،ياغ175گرام،كاۋاۋىچىن مۇۋاپىق سەۋزە500گرام،يۇمغاقسۈت ئازراق،پەمىدۇر ئىككى تال،تۇز مۇۋاپىق مىقداردا. [ئېتىش ئۇسۇلى] 1.گۆشنى ئىككى سامتىمىتىر چوڭلۇقتا.سەۋزىنى ئىنچىكە قەلەمچە قىلىپ،پىياز يالپاق،پەمىدۇر چوڭ-چوڭ پارچىلاپ توغرىلىنىدۇ.گۈرۈچ ئىسسىق سۇدا2-3قېتىم يۇيىلىدۇ. 2.قازانغا ياغ قۇيۇپ8-7دەرىجە قىزىتىپ داغلاپ،گۆشنى سېلىپ قىزارغىچە قورۇلىدۇ،كىيىن پىيازنى سېلىپ سارغايتىپ،پەمىدۇرنى،سەۋزىنى سېلىپ قورۇپ.تۇز ۋە سۇ قۇيۇپ قاينىتىلىدۇ.زىرە،كاۋاۋىچىن ۋە زەنجىۋىل سۈيىنى سېلىپ تەمىنى تەڭشىگەندىن كىيىن،گۈرۈچنى سېلىپ تېز-تىز ئارىلاشتۇرۇپ پىشۇرۇلىدۇ.ئەگەر سۇ يېتىشمىسە يەنە قايناق سۇ قۇيۇشقا بۇلىدۇ.ئاشنىڭ سۈيى تۈگەپ گۈرۈچمۇ پىشقاندا،ئوت15-10مىنۇت تىندۇرۇلىدۇ. 3.ئاش تەييار بولغاندا لېگەنگە ئۇسۇپ،ئۈستىگە يۇمغاقسۈت سېپىپ داستىخانغاكەلتۈرۈلىدۇ. [ئالاھىدىلىكى] ئاش يۇمشاق،يىيىشلىك بولىدۇ.ئاسان سېڭىدۇ.
|