United Arab newspapers
باش بەت قىلىۋېلىڭ        قۇشۇۋېلىڭ ئىزدەش سېستىمىغا كىرىش تىزىملىتىش پارول قايتۇرۇش
شىرىنىم تورىغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز !
 
باش بەت خەۋەرلەر ئۇچۇرلار mp3 ناخشا MTV ناخشا كىنوخانا تور ئويۇنلىرى كۈلدۈرگە دېتاللار رەسىم
   ئۇچۇر تۈرى  
   &  تارماق سەھىپىلەر
     &   مودا ۋە يېڭىلىقلار
     &   رەسساملىق
     &   قۇرۇلۇش مەدەنىيىتى
     &   قول - ھۈنەر
     &   كۆرگەزمە
     &   فوتۇگرافلىق
     &   ئېلان - لاھىيە
     &   كىيىم - كېچەك
     &   گىرىم بۇيۇملىرى
     &   ماشىنا دۇنياسى
     &   يىمەك - ئىچمەك
   تەۋسىيە ئۇچۇر  
 
تەۋسىيە ئۇچۇر يوق!
   ئاۋات ئۇچۇر  
 
بەتتە پولو
lady gaga رول ئالغان گۇگېل chrome تور كۆر..
ئۆزگىچە ئېلانلار --(1-قىسم)
شىرىنىم تور بىكىتى ئېلانى
نۇزۇگۇم ئېلان لايىھەسى
ئۇلىنىش دۇنياسى ئېلانى
شۆپىلەننىڭ ئىلانى
نۇزۇگۇم ئېلان لايىھەسى
چەتئەلنىڭ ئاجايىپ ئىجادىي ئېلانل..
دۇنيا تەڭداشسىز گۈزەل (ئېلان)
    ئۇچۇر ئىزدەش  
نامى تونۇشتۇرۇش 
 
    ئۇچۇرلار تىزىملىكى    
بەتتە پولو تەييارلاش ئۇسۇلى
[خۇرۇچى]
    گۈرۈچ ئىككى كىلوگرام،زەنجىۋىل سۈيى ئازراق،گۆش500گرام،سوققان كاۋاۋىچىن  بىر چىمدىم،ياغ200گرام،سامساق بىر تال،يېسىۋىلەك(بەسەي)250گرام،پۇرچاق ئۇنى35  گرام،پىنتوزا140گرام،سوققان زەرچىۋە بىر چىمدىم،سۇڭپىياز70گرام،زىرە مۇۋاپىق،پەمىدۇر  بىر تال.
[ئېتىش ئۇسۇلى]
    1.گۈرۈچنى پاكىزە تازىلاپ،ئىلمان سۇ بىلەن3-4قېتىم يۇيىلىدۇ.
    2.سەۋزىنى قەلەمچە،گۆشنى نېپىز،يالپاق،يىسىۋىلەك(بەسەينى)چاچتەك ئىنچىكە توغرىلىدۇ.پىنتوزا قىززىق سۇغا چىلاپ قۇيىلىدۇ.سۇڭپىياز،پەمىدۇر(شوخلا)سامساقلار ئۇششاق توغرىلىدۇ.
    3.قازانغا 140~150گرام ياغ قۇيۇپ،7-8دەرىجە قىزىتىپ،ياخشى داغلانغاندىن كىيىن گۆشى شېلىۋېلىنغان سۆڭەكنى ياغقا سېلىپ رەڭگى قىزارغىچە قورىلىدۇ.كېيىن سۆڭەكنى ئېلىۋىتىپ،پىيازنىڭ بىر قىسىمىنى قازانغا سېلىپ سارغايتىپ،ئاندىن توغرالغان سەۋزىنى سېلىپ ئازراق تۇز سېپىپ ئارىلاشتۇرۇپ قورۇلىدۇ.سەۋزە قورۇلۇپ قزغۇچ رەڭگە كىرگەندە،پولوغا كېتىدىغان سۇنىڭ يېرىمىنى قۇيۇپ،ئۇنىڭغا زىرە،ئازراق زەرچىۋە سېلىپ،10-15مىنۇت قاينىتىلىدۇ.زىرۋەكنىڭ تۇز تەمىنى تەڭشەپ،گۈرۈچنى سېلىپ،گۈرۈچنىڭ ئۈستىدىن بىر سانتىمىتىر كۆتۈرۈلۈپ تۇرغۇدەك قايناق سۇ قۇيۇپ،ئوتنى پەسەيتىپ،چوغنىڭ قىزىقىدا قازان تەكشى كاينىتىلىدۇ،ئاش قايناۋاتقاندا بىر نەچچە يېرىگە تاياق سانجىلىدۇ.گۈرۈچ سۇنى ئاساسەن سىڭدۈرۈپ  بولغاندا،ئاش15-10مىنۇت دەم يېدۇرۇلىدۇ.
    4.توغرالغان گۆشكە چىلانغان پۇرچاق ئۇنى،تۇز سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ،قازاندىكى7-6دەرىجە قىززىقلىقتىكى ياغقا گۆشنى سېلىپ قىزارتىپ قورۇپ،ئاندىن سۇڭپىيازنى سېلىپ بىر-  ئىككى ئېلىشتۈرۈپ ئۇششاق چانالغان پەمىدۇرنى سېلىپ قورۇپ ئارقىدىن يىسىۋىلەكنى(بەسەينى)سېلىپ سارغايغىچە قورۇلىدۇ.قورۇش جەريانىدا زەنجىۋىل سۈيى،كاۋاۋىچىن،مۇۋاپىق مىقداردا تۇز سېلىنىدۇ.ئاندىن ئازراق سۇ قۇيۇپ،يۇمشاتقان پىنتوزىنى،سامساقنى سېلىپ ئارىلاشتۇرىلىدۇ.بۇ سەي لېگەنگە ئۇسۇلغان پولونىڭ ئۈستىگە سېلىنىدۇ.مانا بۇ بەتتە پولو دېيىلىدۇ.
[ئالاھىدىلىكى]
    بەتتە پولو قىش پەسلىدە شۇنداق ئېتىلىدۇ. لېكىن ياز پەسلىدە يىسىۋىلەك(بەسەي)ئورنىغاجاڭدو،تەرخەمەك كەرەپشىلەنى ئارىلاشتۇرۇپ ئەتسىمۇ ياكى خالىغان كۆكتات تۈرىدىن بىر نەچچە خىلنى قوشۇپ قورۇپ ئەتسىمۇ بولىۋېرىدۇ.
 

  قۇشۇلغان ۋاقتى:2010-9-3 19:08:11 ئاۋاتلىغى:94
بېكەت ھەققىدە  |  ئېلان مۇلازىمىتى  |  شان -شەرەپلەر  |  قوللىغۇچىلىرىمىز  |  ئۇلىنىش ئىلتىماس قىلىش  |  ئۇلىنىش دۇنياسى  |  ئالاقىلىشىڭ
بۇ بېكەتنىڭ بارلىق ھۇقۇقى شىرىنىم تور تەتقىقات ئورنىغا مەنسۈپ ، باشقىلارنىڭ باش بەت لايىھەسىنى  ئوخشتىپ ياسىشى چەكلىنىدۇ .
مۇلازىمەت خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn    ئالاقە QQ نۇمۇرى : 627530058,396896928
ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453      ئالاقىلاشقۇچى : ئەكبەر

ICP10001556

4