|
ئۇچۇرلار
تىزىملىكى |
|
|
شوۋىگۈرۈچ (كاشكاپ ئېشى) |
|
|
|
|
[خۇرۇچى] قوينىڭ لوق گۆشى140گرام،سەۋزە ئىككى باش،پىياز بىر باش،پەمىدۇر بىر تال،قارىمۇچ ئازراق،گۈرۈچ140گرام،كاۋۋاۋىچىن ئازراق،تۇز مۇۋاپىق،يۇمغاقسۈت ئازراق. [ئېتىش ئۇسۇلى] 1.قوي گۆشىنى قوناقتەك ئۇششاق توغراپ،سوغۇق سۇغا سېلىپ قاينىتىپ،يىغىلغان كۆپىكىنى ئېلىۋىتىپ،گۈرۈچ،كاۋاۋىچىن سېلىپ،تۇز قۇيۇپ قاينىتىپ،گۈرۈچ ئېتىلغاندىن كېيىن ئۇششاق چانالغان پىياز،پەمىدۇر،سەۋزىنى سېلىپ پىشۇرۇلىدۇ. 2.پىشقان شوۋىگۈرۈچىنى قاچىلارغا ئۇسۇپ،ئۈستىگە چانالغان يۇمغاقسۈتنى،قارىمۇچنى سېلىپ داستىخانىغا كەلتۈرۈلىدۇ. [ئالاھىدىلىكى] گۈرۈچ ئېزىلىپ پىشقان،تەمى ياش،يېڭى،بۇنى كاشكاپ ئېشى دەپمۇ ئاتايدۇ.ئسسىقى ئېشىپ كەتكەن كىشىلەر ئىستېمال قىلىدۇ.بۇ ھەم غىزا،ھەم داۋا بولىدۇ.
| |
|
|
|
قۇشۇلغان
ۋاقتى:2010-9-3 19:06:38 |
ئاۋاتلىغى:95 |
|
|
|