United Arab newspapers
باش بەت قىلىۋېلىڭ        قۇشۇۋېلىڭ ئىزدەش سېستىمىغا كىرىش تىزىملىتىش پارول قايتۇرۇش
شىرىنىم تورىغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز !
 
باش بەت خەۋەرلەر ئۇچۇرلار mp3 ناخشا MTV ناخشا كىنوخانا تور ئويۇنلىرى كۈلدۈرگە دېتاللار رەسىم
   ئۇچۇر تۈرى  
   &  تارماق سەھىپىلەر
     &   مودا ۋە يېڭىلىقلار
     &   رەسساملىق
     &   قۇرۇلۇش مەدەنىيىتى
     &   قول - ھۈنەر
     &   كۆرگەزمە
     &   فوتۇگرافلىق
     &   ئېلان - لاھىيە
     &   كىيىم - كېچەك
     &   گىرىم بۇيۇملىرى
     &   ماشىنا دۇنياسى
     &   يىمەك - ئىچمەك
   تەۋسىيە ئۇچۇر  
 
تەۋسىيە ئۇچۇر يوق!
   ئاۋات ئۇچۇر  
 
بەتتە پولو
lady gaga رول ئالغان گۇگېل chrome تور كۆر..
ئۆزگىچە ئېلانلار --(1-قىسم)
شىرىنىم تور بىكىتى ئېلانى
نۇزۇگۇم ئېلان لايىھەسى
ئۇلىنىش دۇنياسى ئېلانى
شۆپىلەننىڭ ئىلانى
نۇزۇگۇم ئېلان لايىھەسى
چەتئەلنىڭ ئاجايىپ ئىجادىي ئېلانل..
دۇنيا تەڭداشسىز گۈزەل (ئېلان)
    ئۇچۇر ئىزدەش  
نامى تونۇشتۇرۇش 
 
    ئۇچۇرلار تىزىملىكى    
ئۈزۈم

ئۈزۈم —كىشىلەر تەرىپىدىن ئەتىۋارلىق مېۋە دەپ قارىلىدىغان بولۇپ ، دۇنيادىكى تۆت چوڭ مېۋىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدۇ. ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق ماددا يۇقىرى بولۇپ، ئىشلىتىلىش دائىرىسى كەڭ:رەڭدار ،پۇراقلىق ،تەملىك ،شۇنداقلا ئەڭ ياخشى مېۋىلەرنىڭ بىرى.ئۇنى ھەم بىۋاستە يېيىشكىمۇ ، قايتا پىششىقلاپ ئىشلىگەندىن كېيىن يېيىشكىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن ،ئۈزۈم ھارىقى ، ئۈزۈم شەربىتى ، قۇرۇق ئۈزۈم قاتارلىقلار.ئۈزۈمنىڭ يۇقارقىدەك ئارتۇقچىلىقى بولۇپلا قالماي،ئۇنىڭ  مېۋىسىنى ،يىلتىزىنى ،يوپۇرمىقىنى دورا ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ،ئۈزۈمنىڭ ھەممىلا يېرى گۆھەرھېسابلىنىدۇ.

     ئۈزۈم يەنە  شىنجاڭدىكى تېرىلىش كۆلىمى ئەڭ كۆپ بولغان باغۋەنچىلىك زىرائىتى ، ئۇنىڭ ئۆستۈرۈلۈش تارىخى 2000 يىلدىن ئاشىدۇ . XXئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىدىن بۇيان ، ھاراق ئىشلەش ، قۇرۇتۇش ۋە ھۆل پېتى يېيىش ، سىرتقا سېتىش قاتارلىقلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئەگىشىپ ، شىنجاڭدىكى ئۈزۈمنىڭ كۆلىمى ۋە مەھسۈلاتى كۆپلەپ ئاشتى . 2000 – يىلى ئۈزۈم ئۆستۈرۈلگەن كۆلەم 59 مىڭ گېكتار بولۇپ ، بىرلىك مەھسۇلاتى 11 مىڭ 576 كىلوگرام ، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 683 مىڭ 600 توننىغا يەتكەن . ئۈزۈم ئۆستۈرۈلىدىغان رايونلار ئاساسلىقى تۇرپان ئويمانلىقى ۋە قۇمۇلغا جايلاشقان . ئۈزۈم ئۆستۈرۈلۈش كۆلىمى پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئۈزۈم كۆلىمىنىڭ يېرىمىنى ، مەھسۇلاتى 3/2 قىسمىنى ئىگىلەيدۇ . شىنجاڭنىڭ ئۈزۈمى يۇقىرى ھوسۇللۇقى ۋە سۈپىتىنىڭ ئەلالىقى جەھەتتە مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ . تەركىبىدىكى ئېرىشچان قاتتىق ماددا مىقدارى%19 ~%21 ، قەنت تەركىبى 16–18 گرادۇس بولۇپ ، شىمالىي جۇڭگو رايونىدىكى مەھسۇلاتلارغا قارىغاندا 2~3 گرادۇس يۇقىرى . يەرلىك سورتلار 100 خىلدىن ئاشىدۇ . ئەلا سۈپەتلىك سورتلاردىن كىشمىش ئۈزۈم ، مۇناقى ، ئاق كىشمىش ، خوتەن قىزىل ئۈزۈمى قاتارلىقلار بار .

     ئۈزۈمنىڭ دورىلىق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ ، ئۇنى قۇرۇق يىگەندە ، نېرۋا زەئىپلىشىش ، ھەزىم ئىقتىدارى ياخشى بولماسلىق،ئىششىپ قېلىش،تولغاق قاتارلىق كېسەللەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ، ئۇنىڭ يەنە راكقا قارشى تۇرۇش،راك ھۈجەيرىسىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنى توسۇش،ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش،قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار.

باراڭدىكى ئۈزۈملەر

قۇرۇتۇش ئۈچۈن چۈنچىگە ئېسىلغان ئۈزۈملەر

 

  قۇشۇلغان ۋاقتى:2010-8-28 13:27:25 ئاۋاتلىغى:103
بېكەت ھەققىدە  |  ئېلان مۇلازىمىتى  |  شان -شەرەپلەر  |  قوللىغۇچىلىرىمىز  |  ئۇلىنىش ئىلتىماس قىلىش  |  ئۇلىنىش دۇنياسى  |  ئالاقىلىشىڭ
بۇ بېكەتنىڭ بارلىق ھۇقۇقى شىرىنىم تور تەتقىقات ئورنىغا مەنسۈپ ، باشقىلارنىڭ باش بەت لايىھەسىنى  ئوخشتىپ ياسىشى چەكلىنىدۇ .
مۇلازىمەت خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn    ئالاقە QQ نۇمۇرى : 627530058,396896928
ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453      ئالاقىلاشقۇچى : ئەكبەر

ICP10001556

8