United Arab newspapers
باش بەت قىلىۋېلىڭ        قۇشۇۋېلىڭ ئىزدەش سېستىمىغا كىرىش تىزىملىتىش پارول قايتۇرۇش
شىرىنىم تورىغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز !
 
باش بەت خەۋەرلەر ئۇچۇرلار mp3 ناخشا MTV ناخشا كىنوخانا تور ئويۇنلىرى كۈلدۈرگە دېتاللار رەسىم
   ئۇچۇر تۈرى  
   &  تارماق سەھىپىلەر
     &   مودا ۋە يېڭىلىقلار
     &   رەسساملىق
     &   قۇرۇلۇش مەدەنىيىتى
     &   قول - ھۈنەر
     &   كۆرگەزمە
     &   فوتۇگرافلىق
     &   ئېلان - لاھىيە
     &   كىيىم - كېچەك
     &   گىرىم بۇيۇملىرى
     &   ماشىنا دۇنياسى
     &   يىمەك - ئىچمەك
   تەۋسىيە ئۇچۇر  
 
تەۋسىيە ئۇچۇر يوق!
   ئاۋات ئۇچۇر  
 
بەتتە پولو
lady gaga رول ئالغان گۇگېل chrome تور كۆر..
ئۆزگىچە ئېلانلار --(1-قىسم)
شىرىنىم تور بىكىتى ئېلانى
نۇزۇگۇم ئېلان لايىھەسى
ئۇلىنىش دۇنياسى ئېلانى
شۆپىلەننىڭ ئىلانى
نۇزۇگۇم ئېلان لايىھەسى
چەتئەلنىڭ ئاجايىپ ئىجادىي ئېلانل..
دۇنيا تەڭداشسىز گۈزەل (ئېلان)
    ئۇچۇر ئىزدەش  
نامى تونۇشتۇرۇش 
 
    ئۇچۇرلار تىزىملىكى    
ئۇيغۇرلارنىڭ دورىلىق چاي مەدەنىيتى

ئۇيغۇرلار ئاجايىپ مېھماندوست ھەم چايخۇمار خەلق. ئۇيغۇرلارنىڭ مېھماندوست، چايخۇمارلىقى ئۇزاق مۇددەتلىك تارىخىي تەرەققىيات، ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتى ۋە كىشىلىك تۇرمۇش مۇناسىۋەتلىرى جەريانىدا تەدرىجىي شەكىللەنگەن. شۇنىڭدەك ئەجدادلاردىن ئەۋلادلارغا ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىپ ۋە مۇكەممەللىشىپ كېلىۋاتقان ئۆرپ– ئادەت خاراكتېرىنى ئالغان ئېسىل مەدەنىيەتلەرنىڭ بىرىدۇر.

      ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىدە دورىلىق چاي يەنە چاي دورىسى ۋە چايلىق دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ ساقلىقنى ساقلاش، مىجەزنى تەڭشەپ، سالامەتلىكنى ئاسراش، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە دەپ قارىلىدۇ.

     ئۇيغۇر خەلقى دورىلىق چاينى ئىستېمال قىلىشتا پەسىلگە قاراپ تەڭشەشكە، ھەر قايسى پەسىللەردە شۇ پەسىلگە قاراپ ماس دورىلىق چايلارنى ئىچىشكە ئادەتلەنگەن. ياز پەسلىدە بەدەنگە ھۆللۈك يەتكۈزۈپ قاننى سوۋۇتقۇچى، ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتكۈچى دورىلىق چايلارنى، كۈز پەسلىدە ھەزىم قىلىشنى ياخشىلايدىغان، تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىق بولغان دورىلىق چايلارنى، قىش پەسلىدە بەدەننى قىزىتىپ قاننىڭ ئايلىنىش سۈرئىتىنى تېزلىتىدىغان، تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىق دورىلىق چايلارنى، ئەتىياز پەسلىدە بولسا، بەدەننى كۈچەيتىدىغان، تەبىئىتى قۇرۇق سوغۇق بولغان چايلارنى تەڭشەپ ئىچىشكە ئادەتلەنگەن.

     قىسقىسى ھەر بىر كىشى چاي دورىسىنى پەسىلگە، ئۆزىنىڭ تەبىئىتى، مىجەزىگە قاراپ تەڭشەپ ئىچىشكە ئەھمىيەت بەرگەن. دورىلىق چايلار مېڭە، يۈرەك ۋە ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەيدىغان چايلار، ئورۇقلاشقا، تاماكا تاشلاشقا ياردەم بەرگۈچى دورىلىق چايلار، باش ئاغرىقى، نېرۋا كېسەللىكلىرى، نەپەس يولى كېسەللىكلىرى، يۈرەك، مېڭە قان تومۇر توسۇلۇش كېسەللىكلىرى، ئۈچەي كېسەللىكلىرىگە شىپا بولىدىغان دورىلىق چايلار، جىگەر، ئۆت كېسەللىكلىرى، بۆرەك، سۈيدۈك يولى كېسەللىكلىرى، تېرە، بوغۇم كېسەللىكلىرى، بەش ئەزا كېسەللىكلىرى، بالىلار كېسەللىكلىرى، شۇنىڭدەك ئاياللار كېسەللىكلىرىگە شىپا بولىدىغان دورىلىق چايلار، ئۇنىڭدىن باشقا، بىر قىسىم مېۋە ھەمدە مېۋە قېقى دەملەنمىسى قاتارلىق دورىلىق چاي تۈرلىرىمۇ بار. پەن – تېخنىكىنىڭ ئۆزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇر تېبابىتى ساھەسىدىكى تېببىي خادىملار دورىلىق چاي مەدەنىيىتى ئۈستىدە ئەتراپلىق ئىزدىنىپ، چوڭقۇر تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ئىلغار تېخنىكا ئارقىلىق، ئۇيغۇر دورىلىق چاي مەدەنيىتىنىڭ گۈللىنىشىگە زور ھەسسىلەرنى قوشماقتا.

 

  قۇشۇلغان ۋاقتى:2010-8-28 13:25:04 ئاۋاتلىغى:125
بېكەت ھەققىدە  |  ئېلان مۇلازىمىتى  |  شان -شەرەپلەر  |  قوللىغۇچىلىرىمىز  |  ئۇلىنىش ئىلتىماس قىلىش  |  ئۇلىنىش دۇنياسى  |  ئالاقىلىشىڭ
بۇ بېكەتنىڭ بارلىق ھۇقۇقى شىرىنىم تور تەتقىقات ئورنىغا مەنسۈپ ، باشقىلارنىڭ باش بەت لايىھەسىنى  ئوخشتىپ ياسىشى چەكلىنىدۇ .
مۇلازىمەت خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn    ئالاقە QQ نۇمۇرى : 627530058,396896928
ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453      ئالاقىلاشقۇچى : ئەكبەر

ICP10001556

7