United Arab newspapers
باش بەت قىلىۋېلىڭ        قۇشۇۋېلىڭ ئىزدەش سېستىمىغا كىرىش تىزىملىتىش پارول قايتۇرۇش
شىرىنىم تورىغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز !
 
باش بەت خەۋەرلەر ئۇچۇرلار mp3 ناخشا MTV ناخشا كىنوخانا تور ئويۇنلىرى كۈلدۈرگە دېتاللار رەسىم
   ئۇچۇر تۈرى  
   &  تارماق سەھىپىلەر
     &   مودا ۋە يېڭىلىقلار
     &   رەسساملىق
     &   قۇرۇلۇش مەدەنىيىتى
     &   قول - ھۈنەر
     &   كۆرگەزمە
     &   فوتۇگرافلىق
     &   ئېلان - لاھىيە
     &   كىيىم - كېچەك
     &   گىرىم بۇيۇملىرى
     &   ماشىنا دۇنياسى
     &   يىمەك - ئىچمەك
   تەۋسىيە ئۇچۇر  
 
تەۋسىيە ئۇچۇر يوق!
   ئاۋات ئۇچۇر  
 
بەتتە پولو
lady gaga رول ئالغان گۇگېل chrome تور كۆر..
ئۆزگىچە ئېلانلار --(1-قىسم)
شىرىنىم تور بىكىتى ئېلانى
نۇزۇگۇم ئېلان لايىھەسى
ئۇلىنىش دۇنياسى ئېلانى
شۆپىلەننىڭ ئىلانى
نۇزۇگۇم ئېلان لايىھەسى
چەتئەلنىڭ ئاجايىپ ئىجادىي ئېلانل..
دۇنيا تەڭداشسىز گۈزەل (ئېلان)
    ئۇچۇر ئىزدەش  
نامى تونۇشتۇرۇش 
 
    ئۇچۇرلار تىزىملىكى    
باغۋەنچىلىكىمىزدىكى مەدەنىيەت ئامىللىرى
 باغۋەنچىلىك ،بوستانلىق مەدەنىيىتىمىزنىڭ ماددىي ئاساسلىرىنىڭ بىرىدۇر. باغۋەنچىلىك ،ئىقتىسادى كاتېگورىيە ئاممىباب كەسىپلەرنىڭ بىرى بولسىمۇ، ئەمما خەلقىمىزنىڭ ئەسىرلەردىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان 

   باغۋەنچىلىك،  بوستان مەدەنىيىتىنىڭ  ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ قالغان.باغۋەنچىلىك ،مىللىتىمىزنىڭ ئۇزاق تارىخىي جەريانىنى باشتىن كەچۈرگەن. نوقۇل ھالدىكى ئاممىباب خاراكتىرگە ئىگە ماددىي ئىگىلىك دائىرىسىدىن ھالقىپ، يەرلىك مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى قويۇقراق بولغان مىللەت خاسلىقىنى شەكىللەندۈرگەن. باغۋەنچىلىك ،خەلقىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، ئۇ خەلقىمىزنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى تۇرمۇشىدا ئۆزگىچە مەدەنىيەت مەنزىرىسىنى شەكىللەندۈرگەن.  

   بىرىنچىدىن، باغۋەنچىلىك دىيارىمىزنىڭ ‹‹مېۋە – چېۋە ماكانى››دىن ئىبارەت ماددىي مەدەنىيەت نامىنى شەكىللەندۈرگەن. بۇنداق ھالەتنى، ئاساسلىقى، ئىككى خىل ئىشلەپچىقىرىش ئامىلى بەلگىلىگەن: بىرى، پۈتۈن مىللەت بۇ كەسىپ بىلەن كەڭ كۆلەمدە شۇغۇللانغان، يەنە بىرى، تارىم ئويمانلىقى، جۇڭغار ئويمانلىقى، ئىلى ۋادىسى ۋە تۇرپان، قۇمۇل بوستانلىقلىرىدىكى يۇرتلارنىڭ شارائىتى يار بەرگەن جايلاردا باغۋەنچىلىك راۋاجلانغان. بۇنداق ئارقا كۆرۈنۈش ئاساسىدا تۇرپان ئۈزۈمى، قۇمۇل قوغۇنى، كورلا نەشپۈتى، كۇچا ئاق ئۆرۈكى، قەشقەر ئانىرى، ئاتۇش ئەنجۈرى، يەكەن بادىمى، خوتەن ياڭىقى قاتارلىق يۇرت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە مېۋىلەر تۈركۈمى ھاسىل قىلىنغان. باغۋەنچىلىكنىڭ تارقاق بوستانلىقلاردا ئومۇميۈزلۈك  راۋاجلىنىشى تاشقى مۇھىتقا نىسبەتەن ئىنتايىن ئوبرازلىق، كۆلەملىك ئىگىلىك تەسىراتىنى پەيدا قىلغان. بۇنداق ھالەتنى زامانىمىزدىكى ئىقتىسادشۇناسلىق ئىبارىلىرى بىلەن ئىپادىلىسەك، يەرلىك ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتە ‹‹داڭلىق ماركا›› ياراتتى، دېگەنلىكتۇر. بۇنداق ماركىنىڭ مەۋجۇت بولۇشى تاشقى ئىستېمال بازىرىغا نىسبەتەن مۇئەييەن ئىشلەپچىقىرىش ئەۋزەللىكىنى ۋە كەسىپ تەقسىماتىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ ھەم بۇنداق كەسىپنىڭ جۇغراپىيىۋى ۋە تارىخىي ئاساسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. 

       ئىككىنچىدىن، باغۋەنچىلىككە بىرقەدەر كۈچلۈك ئېكولوگىيىلىك مۇھىت ئېڭى سىڭدۈرۈلگەن. ئېكولوگىيە ئاڭنىڭ كۈچلۈك بولۇشى ئىنسانلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيىتىدىكى ئىلغارلىقنى ئىپادىلەيدۇ. ئۆزى ياشىغان مۇھىتنىڭ ئىقلىم شارائىتىغا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا باغۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىش ،قەدىمدىن بۇيان باغۋەنلىرىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئاڭ فورماتسىيىسىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان. ئۇلار باغۋەنچىلىكنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىدا، جۈملىدىن، يەر ئېچىش، ئۇرۇق سېلىش، سۇغىرىش، پەرۋىش قىلىش، ئوغۇتلاش، سەپلەپ ئۆستۈرۈش، پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش جەريانلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئىمكان بار تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتىگە بويسۇنغان ئاساستا تەبىئىي ئۇسۇللارنى ۋە ۋاسىتىلەرنى قوللىنىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەن. بۈگۈنكى دەۋردىكى مودا ئۇقۇملار بىلەن باھالىساق، ئەنئەنىۋى ئۇسۇل بىلەن ئىشلەپ چىقارغان تەبىئىي مەھسۇلاتلىرىمىزنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ‹‹يېشىل مەھسۇلات››، ‹‹زىيانسىز مەھسۇلات››، ‹‹ئورگانىك مەھسۇلات››دۇر. مېۋىنىڭ تاتلىق ياكى تېتىشلىق بولۇشى رايونىمىز مېۋىلىرىنىڭ باشقا ئىقلىم شارائىتىدىكى ئوخشاش خىلدىكى مېۋىلەردىن پەرقلىنىشىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئاساسى. ھازىرقى ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش ھاسىل قىلغان مېۋىلەر ھەقىقەتەن كۆركەم، ئۆلچەملىك، لېكىن، تەم جەھەتتە يەنىلا ئەسلىدىكى مايماق – سايماق، ئۆلچەمسىز،  دەپ قارالغان مېۋىلەرگە يەتمەيدۇ.

       ئۈچىنچىدىن، باغ بىنا قىلىش خەلقىمىزنىڭ ھويلا – ئارام مەدەنىيىتىنىڭ شەكىللىنىشىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان. خەلقىمىزنىڭ تۇرمۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەت بوشلۇقىنى تەقسىملەشتە، يەنى قورۇ – جاي بەرپا قىلىشتا باغنىڭ ئورنى ھالقىلىق ئورۇندا تۇرغان. مەسىلەن، مېۋىلىك باغنىڭ بىنا قىلىنىشى ھەر بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىگە نىسبەتەن تۇرالغۇ رايونى، تېرىلغۇ رايونى، باقمىچىلىق – قوتان رايونى، ئامبار – ئىسكىلات رايونىدىن ئىبارەت بىرقانچە چوڭ ھويلا فۇنكسىيە رايونىنىڭ ھاسىل قىلىنىشىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەجدادلىرىمىز قەدىمدىن بۇيان ئۆي سالسا ئالدى – كەينىگە مېۋىلىك كۆچەت قويغان، بۇ ھەم مۇھىتنى گۈزەللەشتۈرۈش رولىنى ئوينىغان، ھەم قۇملىشىشقا توسۇق بولغان، تومۇز ئىسسىقتا سايە ۋە دالدا بولغان، ئەتراپتىكى مۇھىتنىڭ ھاۋاسىنى تەڭشەپ تۇرغان. يېزا – كەنتلەردىكى باغۋاراننى ئاساس قىلغان ھويلا – ئارام مەدەنىيىتىنى خەلقىمىزنىڭ ئىنتايىن مول ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەنىيەت جۇغلانمىسىنىڭ  جانلىق مۇزېيى، دېيىشكە بولىدۇ. باغۋارانچىلىق ۋاسىتە قىلىنغان ھويلا – ئارام مەۋجۇدىيىتى ھەربىر يەككە قورۇ – جايدىن ھالقىپ، خەلقىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋەتلىرىنى ۋە تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەھەللىدارچىلىق مۇناسىۋەتلىرىنى ھاسىل قىلىشقىمۇ مۇئەييەن ئاساس سالغان. خەلقىمىز زىچ ئولتۇراقلاشقان يېزا  كەنتلەردىكى ئۆزگىچە تاشقى ئوبراز ۋە كۆرۈنۈش تەسىراتلىرى مول باغۋەنچىلىك مەدەنىيىتىمىز بىلەن ئالاھىدە گىرەلىشىپ كەتكەن. ئاشۇ يىراق بوستانلىقلاردىكى يۇرت – مەھەللىلەرنىڭ ماددىي مەدەنىيەت كارتىنىلىرى يوشۇرۇن ھېس – تۇيغۇلىرىمىزغا نىسبەتەن بىر خىل جەلپكار  سېھرىي كۈچ بېغىشلىغان. بۇنداق مەنىۋى تەسىراتنىڭ مىللەت مۇھىتىدا ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ياكى باشقا مىللەت نەزىرىگە ئۆزگىچە مەدەنىيەت ھادىسىسى بولۇپ چېلىقىشى دەل باغۋەنچىلىكىمىزنىڭ ئولتۇراق بوستانلىق مەدەنىيىتىمىزگە زور ھاياتىي كۈچ بېغىشلىغانلىقىنىڭ يارقىن نامايەندىسىدۇر.

       تۆتىنچىدىن، باغۋەنچىلىك ،خەلقىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئائىلە ئىگىلىك تۈزۈلمىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتكەن. نۇرغۇن يېزا – كەنتتە پەرزەنتلەرنىڭ ئۆيلۈك – ئوچاقلىق بولغاندىن كېيىنمۇ ئاتا – ئانىلىرى بىلەن بىللە تۇرۇشى ئىشلەپچىقىرىشنى تەشكىللەشكە قۇلاي بولۇش، ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىدىن مەركەزلەشتۈرۈپ پايدىلىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈندۇر. باغۋەنچىلىك كەسپىنى چۆرىدىگەن ئاساستىكى ئەنئەنىۋى ئائىلە ئىگىلىك تۈزۈلمىسىنىڭ مەۋجۇت بولۇشى، يەنە بىر جەھەتتىن، چوڭلار بىلەن ئەۋلادلار، شۇنداقلا قېرىنداشلار ئارا، ئۇرۇق – تۇغقانلار ئارا ئۆزگىچە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ شەكىللىنىشىدىمۇ مۇھىم رول ئوينىغان.

      بەشىنچىدىن، باغۋەنچىلىك خەلقىمىزنى سەنئەت نۇقتىسىدا رەڭ ۋە گۈلگە پۈركەنگەن بوستانلىق مىللىتى قىلىپ خاراكتېرلىگەن. باغۋەنچىلىك مۇئەييەن جۇغراپىيىلىك كېلىمات ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى ئاساس قىلغان، سېپى ئۆزىدىن ماددىي –  ئىقتىسادىي پائالىيەت بولسىمۇ، لېكىن ئۇ خەلقىمىزنىڭ فولكلورىدا، مىمارچىلىقىدا، يېمەك – ئىچمەك مەدەنىيىتىدە، كۈتۈنۈش – ساغلاملىق پائالىيىتىدە، شۇنداقلا قول ھۈنەرۋەنچىلىكىدە چەكسىز سەنئەت تەسەۋۋۇرىنى ھاسىل قىلغان. باغۋەنچىلىكنى بوستانلىق مەدەنىيىتىمىزدىكى ئەڭ گۈزەل مەنزىرە، دېسەك ھەرگىزمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ. ئۇنىڭ گۈزەللىكى قۇرغاق كېلىمات مۇھىتىدىكى قاقاسلىقلارنى يېشىللىققا پۈركىگەنلىكىدە، خەلقىمىزنىڭ سەنئەت تۇيغۇسىنى ئۇرغۇتقانلىقىدا، ئېستېتىك تەسەۋۋۇرىنى بېيىتقانلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ.

 

  قۇشۇلغان ۋاقتى:2010-8-28 13:24:21 ئاۋاتلىغى:92
بېكەت ھەققىدە  |  ئېلان مۇلازىمىتى  |  شان -شەرەپلەر  |  قوللىغۇچىلىرىمىز  |  ئۇلىنىش ئىلتىماس قىلىش  |  ئۇلىنىش دۇنياسى  |  ئالاقىلىشىڭ
بۇ بېكەتنىڭ بارلىق ھۇقۇقى شىرىنىم تور تەتقىقات ئورنىغا مەنسۈپ ، باشقىلارنىڭ باش بەت لايىھەسىنى  ئوخشتىپ ياسىشى چەكلىنىدۇ .
مۇلازىمەت خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn    ئالاقە QQ نۇمۇرى : 627530058,396896928
ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453      ئالاقىلاشقۇچى : ئەكبەر

ICP10001556

7