يېقىندا، كەلپېن ناھىيىسىنىڭ يەرلىك ، ئۆزگىچە ئالاھىدە مەھسۇلاتى بولغان ‹‹ چېپىت نېنى›› ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى غەيرىي مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتاردىن ئورۇن ئېلىپ ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ زور قىزىقىشىنى قوزغىدى.
كەلپىن ناھىيىسىگە سەيلى ساياھەتكە بارسىڭىز، مەيلى شەھەر ياكى يېزىلاردا بولسۇن ئومۇمەن ئويغۇر ئائىلىسىدە مېھمان بولسىڭىزلا، ھەممىلا ئۆيدە دىگۈدەك بۇ ناھىيىنىڭ يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتى بولغان چېپىت نان يەنى نېپىز ناننى تېتىپ ھوزۇرلىنىسىز ۋە بۇ ناننىڭ ئۆزگىچە تەمىنى ماختىماي تۇرالمايسىز. ئىگىلىنىشىچە ، بۇ خىل ئۆزگىچە نان ئاپتونوم رايون بويىچە پەقەت كەلپىن ناھىيىسىدىلا يېقىلىدىغان ۋە ئىستېمال قىلىنىدىغان بولۇپ ، ئۇ ھەم كۇچا ، توقسۇ ناھىيىلىرىدە يېقىلىدىغان چوڭ نان ھەم باشقا جايلاردا يېقىلىدىغان ئادەتتىكى ئاق نانلار بىلەن زور دەرىجىدە پەرقلىنىدىكەن. كەلىپىن چاپىتىسىنى يېقىشقا كېتىدىغان ئەسۋابلار تونۇر، ئوتۇن، نان تېشى، پۇزا، رىپتە، يەڭلىك، سۇپۇرا، تۇز ئېكىدىغان پىپەك قاتارلىقلار .
تونۇر- تونۇر خام كېسەكتىن ياسىلىدۇ . ئىچىكى قىسمىنىڭ دىيامېتىرى 120سانتىمېتىردىن 1مېتىرغىچە ، ئۈستۈنكى ئېغىزى 60-70 سانتىمېتىرغىچە بولىدۇ. ئىچى شور بىلەن شورلىنىپ تەييارلىنىدۇ. ئوتۇن- تونۇرنى قىزدۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. ئادەتتە چاپىتا يېقىش ئۈچۈن ئۈرۈك ئوتۇنى ئاساس قىلىنىدۇ.
نان تېشى – چاپىتىنى راسلاشقا (كەڭرىتىشكە)ئىشلىتىلىدۇ. دىيامېتىرى 55-60 سانتىمېتىر ئەتىراپىدا بولۇپ ، يۈزى سىلىق تاشتىن تەييارلىنىدۇ. (جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ، تۈرلۈك نان تاشلىرى مەيدانغا كەلدى . بۇلار گەرچە ياغاچ ، سۇلياۋلاردىن ياسالغان بولسىمۇ يەنىلا نان تېشى دەپ ئاتىلىۋاتىدۇ. پۇزا – پۇزا چاپىتىنى كەڭرىتىشكە (نىپىزلىتىش) ئىشلىتىلىدۇ . ئۈرۈك ياكى ئۈجمە ياغىچىدىن ياسىلىدۇ. رىپتە - كەلىپىن چاپىتىنىسىنى يېقىش ئۈچۈن مەخسۈس ئىشلىتىلىدۇ. دىيامېتىرى 50 –55 سانتىمېتىر ئەتىراپىدا بولىدۇ. يەڭلىك – نان يېقىشتا قولىنىڭ كۆيۈپ ، مەينەت بولۇپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. سۇپۇرا – چاپىتا يېقىشتا نان تېشى، ئۈن قاتارلىق چاپىتا يېقىشقا كېتىدىغان بارلىق خام ماتېرىياللارنى قويۇشقا ئىشلىتىلىدۇ. پىپەك – تونۇر قىزىپ تاۋلانغاندىن كېيىن تونۇرغا تۇز ئېكىشكە ئىشلىتىدۇ. پىپەككە ئاساسەن قومۇش پىپىكى ئىشلىتىلىدۇ. كەلپىن چېپىت نېنى ئوخشاشلا ئادەتتىكى تونۇرلاردا يېقىلىدۇ . شەھەر ، يېزىلاردىكى ھەممە كىشى دېگۈدەك ئىستېمال قىلىشقا ئامراق ، بولۇپمۇ توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىم ئىشلىرىدىكى مېھمان كۈتۈشلەردە كەم بولسا بولمايدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. كۆپىنچە ھاللاردا چېپىت نان داستىخانغا گۆش - پولۇ ۋە شورپىلىق سۇيۇق ئاشلار بىلەن يۈرۈشلەشتۈرۈلۈپ تەييارلىنىدۇ. بۇنىڭدا ئاساسلىقى مېھمانلارنىڭ گۆش ۋە پولونى چېپىت نانغا ئوراپ يىيىشكە قولايلىق يارىتىش كۆزدە تۇتۇلغان. بۇنداقتا گۆش ، پولو ۋە چېپىت نېنى تېخىمۇ يىيىشلىك ھەم مېزىلىك بۇلىدۇ. ئادەتتە بىر قىسىم ئۆت كېسىلى ۋە جىگەرنى ماي قاپلاش كېسىلى بولغانلىقتىن پولو ۋە قوي گۆشى يىيىشتىن ئېھتىيات قىلىدىغانلارمۇ بۇ خىل ئەندىشىدىن خالىي بولالايدۇ. چۈنكى پولو ۋە گۆشتىكى ماينى چېپىت نېنى سۈمۈرۈۋالىدۇ، يەنە مېھمانلارنىڭ گۆش - پولونى چېپىت نانغا ئوراپ ‹‹ زەللە ›› قىلىۋېلىشىغا قۇلايلىق بولىدۇ. چېپىت ناننى تونۇرغا يېقىپ پىشۇرۇش جەريانى بىر قەدەر ئاددىي ۋە ئىنچىكە بولۇپ ، ئالدى بىلەن سۈپەتلىك بۇغداي ئۇنى يۇغۇرۇلۇپ ئۆلچەملىك خېمىر تەييارلىنىدۇ. ئادەتتە تەخمىنەن 200 گىرام خېمىر بىلەن بىر چېپىت نان پىشىپ چىقىدۇ. ئۆلچەملىك پىشۇرۇپ تەييارلانغان بىر چېپىت ناننىڭ دىئامېتىرى ئادەتتە 40 ـــ 50 سانتىمېتىر بولىدۇ . بولۇپمۇ تونۇردىن يېڭى سۇيۇۋېلىنغان چېپىت نان ھەم يۇمشاق ھەم پۇراقلىق بولۇپ ، ئىنتايىن يىيىشلىك بۇلىدۇ. ئاياللار ئادەتتە يېڭى پىشۇرۇلغان ئىسسىق چېپىت نانلارنى مەلۇم ۋاقىت شامالدىتىپ ، سوۋۇتقاندىن كېيىن داستىخانلارغا ئوراپ كۈن نۇرى چۈشمەيدىغان سالقىن جايلارغا قويۇپ ساقلايدۇ. بۇنداق قىلغاندا بىر قەدەر ئۇزۇن ۋاقىت سۈپەتلىك ساقلاپ يىگىلى بولىدۇ. كەلپىن چېپىت نېنى ئادەتتە ئەل ئىچى ھۈنەرۋەنلەر مەخسۇس تىكىپ تەييارلىغان رۇپتە بىلەن ئوتۇندا قىزىتىلغان تونۇرغا يېقىلىپ پىشۇرۇلىدۇ، يەنى ئالدى بىلەن خېمىر مەخسۇس ياسالغان تاختىغا قويۇلۇپ مەخسۇس ياسالغان كىچىك نوغۇچ، پۇزا بىلەن يېيىتىلىپ نېپىز، يۇمىلاق ھالەتكە كەلتۈرۈلىدۇ، ئاندىن ناۋايلار تونۇرغا چاپلاپ پىشۇرىدۇ. ئادەتتە بىر مىنوت ئىچىدىلا پىشىپ بولىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە ، كەلپىن ناھىيىسىدە چېپىت ناننىڭ تارىخى بىر قەدەر ئۇزۇن بولۇپ ، قايسى يىللاردا ، كىم تەرىپىدىن ئىجات بولغانلىقىغا ئائىت ھازىرغىچە ئېنىق تارىخىي ماتېرىيال بولمىسىمۇ، پىشقەدەملەرنىڭ دىيىشىچە كەم دېگەندە 2 مىڭ يىلدىن كۆپرەك تارىخقا ئىگە ئىكەن. مەيلى ئاچارچىلىقتا ئۆتكەن كونا جەمئىيەتتە بولسۇن ياكى ئىسلاھات ، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان ھازىرقى مەزگىللەردە بولسۇن ، كىشىلەر چېپىت نېنىنى ئۇزۇندىن بۇيان ئۆزىگە ھەمراھ قىلىپ كەلگەن. چېپىت نېنىنىڭ ئىجات قىلىنىشى ھەققىدە كىشىلەر ئارىسىدا ھەر خىل پەرەز، قاراشلار تارقالماقتا. بۇنىڭ ئىچىدە بىر قەدەر ئىشەنچىلىك بولغىنىنى مۇنداق ئىككى نوقتىغا يىغىنچاقلاشقا بۇلىدۇ. بىرى، كەلپىن ناھىيىسىنىڭ گەزلىك يېزىسى چېپىت ناننىڭ ئەسلى ماكانى بولۇپ ، بۇ يېزىنىڭ كېلىماتى قۇرغاق ، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ. ئۇزۇندىن بۇيان ، كىشىلەر ئەڭ ئالىي يېمەك - ئىچمەك ئىستېمالىدا قوي گۆشىنى سۇدا پىشۇرۇپ يىيىشنى ئاساس قىلىپ كەلگەن. بۇ جەرياندىكى نەچچە يۈز يىللىق ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىش جەريانىدا گۈش يىيىشكە قۇلاي بولىدىغان چېپىت نېنى ئىجاد قىلىنغان . يەنە بىرى كەلپىن ناھىيىسىدىكى ئويغۇر ، قىرغىز قاتارلىق ھەر مىللەت خەلقى باشقا جايلاردىكى خەلقلەرگە ئوخشاشلا ئۇزۇندىن بۇيان ئادەتتىكى بۇغداي نېنى، قۇناق نېنى، مايلىق نان، سۈت نان، كۆمەچ نان قاتارلىقلارنى ئاساسلىق يېمەكلىك قىلىپ كەلگەن. بۇ خىل نانلارنى پىشۇرۇشقا ئادەتتە يېرىم سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىتى كېتىدۇ. رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە بىر كۈنى بىر توپ مۇساپىر كەلپىننىڭ مەلۇم بىر كەنتىگە كېلىپ ئۆزلىرىنى قۇتقۇزۇشنى، ياردەم بېرىشنى ئۆتۈنگەن. ئاق كۆڭۈل كەلپىن خەلقى بۇ مۇساپىرلارنىڭ چىرايىدىكى بىچارىلىك ، ئاچلىقنى كۆرۈپ ھەممە ئائىلە نان يېقىپ ئۇلارغا ياردەم بېرىش دولقۇنىنى قوزغىغان. مۇشۇ جەرياندا بىر كىشى نانلارنى تېز پىشۇرۇش، ۋاقىتنى تېجەش ئۈچۈن تېز پىشىدىغان چېپىت نېنىنى كەشپ قىلىپ ، تېز نان پىشۇرۇش بويىچە مۆجىزە ياراتقان. شۇنىڭدىن تارتىپ چېپىت نېنى ھازىرغا قەدەر داۋاملىشىپ كەلگەن. خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ ئېشىشىغا ۋە بازارلارنىڭ ئاۋاتلىشىشىغا ئەگىشىپ ، نۆۋەتتە ، ناھىيە بازىرىدا بىر قانچە يەردە مەخسۇس چېپىت نېنى يېقىپ ساتقۇچى ناۋايلار بارلىققا كەلدى. چېپىت نېنى ئىلگىرىكى توي- تۆكۈن، نەزىر - چىراغلاردا ئىستېمال قىلىنىشتىن ھازىر ئادەتتىكى چاغلاردا ئۆيلەرگە مېھمان كەلسىلا ئىستېمال قىلىنىدىغان بولدى. ئىگىلىنىشىچە ، كەلپىننىڭ بۇ خىل ئۆزگىچە نان مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ كەڭ بازارغا يۈزلەندۈرۈش ئۈچۈن ئۆتكەن يىلدىن بۇيان بۇ ناھىيىدىكى بىر قىسىم دېھقانلار ئاقسۇ شەھىرىدە مەخسۇس ناۋايخانا ئېچىپ چېپىت نېنىنى بازارغا سېلىپ ، كەڭ ئاممىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن.
|