ساڭزا ئۇيغۇرلارنىڭ ھېيت-ئايەم، توي-تۆكۈنلەردە كەم بولسا بولمايدىغان يېمەكلىكلىرىنىڭ بىرى.
سېلىش ئۇسۇلى:
ئالدى بىلەن پىيازنى نېپىز يالپاقلاپ توغراپ، كاۋاۋىچىن بىلەن قۇشۇپ قاينىتىپ، پىياز بىلەن كاۋاۋىچىننىڭ سۈيى ئوبدان چىقىپ بولغاندا، پىياز بىلەن كاۋاۋىچىننى سۈزۈپ ئېلىۋېلىپ، سۈيىنى سۇۋۇتىمىز. ئازراق ياغ داغلاپ ئۇنىمۇ سۈۋۇتىمىز. سۇۋۇتۇلغان كاۋاۋىچىن سۈيىگە تۇز بىلەن ئۇن ھەم تەييارلىغان ياغنى قۇيۇپ قاتتىقراق قىلىپ خېمىر يۇغۇرىمىز. (توخۇم چىقىۋەتسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ). خېمىرنى ياخشى چەيلەپ پۇشۇرۇپ 15 مىنۇت تىندۇرغاندىن كېيىن زۇۋۇلا ئۈزۈپ تاۋلاپ، ئازراق ياغلاپ ئۈستى-ئۈستىلەپ تېزىپ 15-20 مىنۇت تىندۇرىمىز.
ئاندىن قازانغا ياغ قۇيۇپ تىنغان زۇۋۇلىنى ئىنچىكە ئىشىپ چوكىغا ئېلىپ قىزىتىلغان ياغدا پۇشۇرىمىز. بولسا پاكىزە يۇلغۇندىن تاياقچە ياساپ پۇشۇرسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. |