(تەڭرىتاغ تورى)
نەشپۈت — ياۋروپا نەشپۈتى بىلەن جۇڭگو ئاق نەشپۈتىنىڭ تەبئىي شالغۇتلاشقان سورتى . دەسلەپكى مەزگىلدە كورلا ئەتراپىدا يېتىشتۈرۈلۈپ راۋاجلاندۇرۇلغان بولغاچقا ، كورلا نەشپۇتى دەپ ئاتىلىدۇ .XX ئەسىرنىڭ 50 –، 60 – يىللىرىدا نەشپۈت ئۆستۈرۈش كۆلىمى 1600 گېكتارغا يەتمەيتتى ، مەھسۇلاتى ئاران نەچچە يۈز توننا ئىدى . ئىسلاھات ، ئېچىۋېتىش يولغا قۇيۇلغاندىن بۇيان ، نەشپۈت مەھسۇلاتى ۋە سۈپىتى زور ھەجىمدا يۇقىرى كۆتۈرۈلدى . 2000 – يىلغا كەلگەندە ، نەشپۈت كۆلىمى 33 مىڭ 900 گېكتارغا يەتتى . بۇنىڭ ئىچىدە يېتىلگەن نەشپۈت دەرىخىنىڭ كۆلىمى 13 مىڭ گېكتار ، بىرلىك مەھسۇلاتى 15 مىڭ كىلوگرام ، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 194 مىڭ 800 توننا . ھەر يىلى مىڭ توننىدىن ئارتۇق ئېكىسپورت قىلىنىپ ، 2 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن كۆپرەك تاشقى پىرېۋوت يارىتىلىۋاتىدۇ . نەشپۈت ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرى ئاساسلىقى بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى ھەر قايسى شەھەر ، ناھىيە ۋە تۈەن مەيدانلارغا جايلاشقان . نەشپۈتنىڭ مېۋىسى چوڭ بولۇپ ، يەككە مېۋىسىنىڭ ئېغىرلىقى 90–180 گرام كېلىدۇ . پوستى نېپىز ، ئېتى سۇلۇق ، شىرنىلىق ، تەملىك ، پۇراقلىق ۋە تاتلىق .تەكىبىدە ئاقسىل ، ماي ، كالتىسىي ، فوسفور ، تۆمۈر ، ۋە ھەر خىل فېرمېنىتلار ۋە ۋىتامىن B1 ، ۋىتامىن B2 ، ۋىتامىن C قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار مول . تىبابەتچىلىكتە ئۆپكىنى ياشارتىش ، يۈرەك ئىقتىدارىنى ياخشىلاش ، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش ، يۆتەلنى توختىتىپ بەلغەمنى بوشىتىش ، ئىسىقنى قايتۇرۇپ ، زەھەرنى تازىلاش قاتارلىق روللارغا ئىگە .

قىزىرىپ پىشقان نەشپۈتلەر |