بادام—بۇنىڭدىن 1300 نەچچە يىل ئىلگىرى پېرسىيىدىن كىرگۈزۈلگەن . جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەت ، ئوبلاستلىرىدا ئۆستۈرۈلىدۇ . يەكەن ، قاغىلىق ، پوسكام ، قەشقەر كونا شەھەر ، قەشقەر يېڭى شەھەر ، قەشقەر ، يېڭىسار قاتارلىق ناھىيە – شەھەرلەر ئاساسلىق ئۆستۈرۈلىدىغان جايلار ھېسابلىنىدۇ . XX ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا جەمئىي يېتىلگەن بادام دەرىخى 15 مىڭ 400 گېكتار ، يىللىق قۇرۇق مېۋە مەھسۇلاتى 4400 توننىدىن ئارتۇق بولدى . بادامنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى مول بولۇپ ، تەركىبىدە %50 ياغ ، %28 ئاقسىل ، %10 شېكەر ، %0.91 تويۇنمىغان ماي كىسلاتاسى قاتارلىقلار بار . بادام ھەم يېمەكلىك قىلىنىدىغان ، ھەم دورا قىلىپ ئىشلەتكىلى بولىدىغان قۇرۇق مېۋە ھېسابلىنىدۇ . تېبابەتچىلىكتە دېئابىت كېسىلى ، ئاشقازان كېسىلى ، زۇكام ، بالىلاردىكى تۇتقاقلىق قاتارلىق كېسەللەرنى داۋالاشتا ماسلاشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ . ئۇيغۇر تېبابىتىدە بادام مېغىزى كۆپ ھاللاردا دورا خۇرۇچى قىلىنىدۇ . سورت بايلىقى جەھەتتە ھازىر 24 مەھەللىۋى جىنسسىز ئەلا سورتنىڭ بارلىقى ئېنىقلاندى . ئۇنسۇ ناھىيىسى جام يېزىسدا سورت بايلىقى كۆچەتزارلىقى بەرپا قىلىنغان بولۇپ ، ئۇ يەردە 8000 تۈپتىن ئارتۇق جىنسسىز ئەلا لىنىيە ساقلانغان . ھازىر ئۆستۈرۈلۈۋاتقان سورتلاردىن يۇمشاق پوستلۇق تاتلىق بادام ، تاتلىق بادام ، قېلىن پوستلۇق بادام قاتارلىق ئۈچ لىنىيە ، 30 نەچچە سورت بار . يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئورمانچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيىسى يەنە سىناق قىلىش ئارقىلىق شۇاڭرۈەن ، ۋەنفېڭ ، دوگو ، جىپىي ، شۇاڭبو ، خەنفېڭ قاتارلىق ئالتە يېڭى ئەلا سورت لىنىيىسىنى تاللاپ چىقتى .
ھەر خىل باداملار
چەتئەلدىكى بىر قىسم دۆلەتلەر بادام سۈتى ئىشلەپ چىقىرىپ ، ئۇنىڭدىن بەدەنگە پايدىلىق بولغان بادام قۇۋۋەت ھارىقى ۋە ئاچچىق مېغىزلىق بادامدىن ياسالغان ئاغرىق توختىتىش دورىسىنى ياساپ چىققان . ئامىرىكىدىكى بىر قىسىم دوختۇرخانىلار ، بادام ئۇنىدىن دىئابېت كېسلى ، بالىلار تۇتقاق كېسلى ، ئاشقازان كېسىلى قاتارلىقلارغا دورا ياسىغان . يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان ، ئاچچىق بادامدىن ، تارقىلىشچان ۋىرۇسلۇق زۇكامغا تاقابىل تۇرىدىغان يېڭى دورا ياساپ چىقىلغان . ئامرىكا چىكاكودىكى مەلۇم بىر ئونىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇتقۇچىسى خالود تەكشۈرۈش دوكىلاتىدا ، ئاچچىق مېغىزنىڭ راكنى داۋالاش رولى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان . |