|
ئۇچۇرلار
تىزىملىكى |
|
|
ئەنجۈر |
|
|
|
ئەنجۈر — ئۈجمە ئائىلىسى ، ئەنجۈر ئۇرۇقدىشىغا تەۋە بولۇپ ، دۇنيادا ئۆستۈرۈش تارىخى ئەڭ ئۇزۇن بولغان مېۋىلىك دەرەخ . ئۇ تاڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىلا ئۆستۈرۈلۈشكە باشلىغان . 1999 – يىلنىڭ ئاخىرىدا پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە يېتىلگەن ئەنجۈر كۆلىمى 3900 گېكتار ، بىرلىك مەھسۇلاتى 2126 كىلوگرام ، ئومۇمىي مەھسۇلات 8290 توننا ، ئاساسلىق ئشلەپچىقىرىش رايونى ئاتۇش ، قەشقەركونا شەھەر ، قەشقەر ، قاغىلىق ، خوتەن ، ئاقسۇ . كورلا ۋە تۇرپان قاتارلىق ناھىيە – شەھەرلەرگە جايلاشقان . شىنجاڭ ئەنجۈرلىرىنىڭ سورتى ئەلا ، ئوزۇقلۇق تەركىبى مول ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاتۇشتىن چىقىدىغان چىقىدىغان ئەنجۈر ئەڭ ياخشى .ھۆل مېۋىسىنىڭ قەنت تەركىبى 14 ~17 گىرادۇس ، يۇقىرى بولغاندا 19.3 گرادۇسقا يېتىدۇ . بۇ ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭكىگە قارىغاندا 3 ~5 پىرسەنت پوئېنتى يۇقىرى . ئاقسىل تەركىبى %4.3 ، مېنرال ماددا تەركىبى %2.4 ؛ يەنە كاراتون ۋە ۋىتامىن A ، ۋىتامىن C، ئامىنو كىسلاتاسى ، كالتىسىي ۋە تۆمۈر قاتارلىق تەركىبلەر بار . ئەنجۈر بەدەننى قۇۋۋەتلەش ، ئۈچەينى نەملەش ، ئىشتەينى ئېچىش ، سۈت كېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ، قىزىتما قايتۇرۇش ، ياللۇغنى يوقىتىش ، تولغاقنى ، يۆتەلنى توختىتىش ، خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق روللارغا ئىگە . شىنجاڭدا ئەنجۈرنىڭ يەتتە خىل سورتى بار ، چىلگە ئەنجۈر ، سېرىق ئەنجۈر ، كىچىك يۇمىلاق سېرىق ئەنجۈر ، تۇخۇمسىمان سېرىق ئەنجۈر ۋە جاغدا ئەنجۈرى قاتارلىقلار . |
|
|
|
قۇشۇلغان
ۋاقتى:2010-8-28 13:11:10 |
ئاۋاتلىغى:93 |
|
|
|