ياڭاق — شىنجاڭدىكى ئەڭ قەدىمىي دەرەخ تۈرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ، شىنجاڭدا ياڭاقنىڭ ئۆستۈرۈلۈش تارىخى ئەڭ ئۇزۇن . ئەسلىدە پەقەت دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرى ئەتراپىدا پارچە – پۇرات ئۆستۈرۈلەتتى . خوتەن ، قاراقاش ، قاغىلىق قاتارلىق جايلاردا نەچچە يۈز يىللىق ياڭاق دەرەخلىرى بار . دەرەخ تاجىسىنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 600 ~ 700 كوۋادرات مېتىرغا يېتىدۇ . بىر تۈپتىن 200~300 كىلوگرام ياڭاق ئالغىلى بولىدۇ . يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، ئاقسۇ ، قەشقەر قاتارلىق رايونلار تۇتاش ياڭاق ئورمانلىقىنى بەرپا قىلدى . 2000 – يىلى ساقلاپ قېلىنغان دەرەخ كۆلىمىنىڭ كۆلىمى (يالغۇز تۈپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) 868.5 گېكتار ، بىرلىك مەھسۇلاتى 13 مىڭ 814 كىلوگرام ، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 11 مىڭ 899 توننا بولغان . ياڭاق ئىشلەپچىقىرىدىغان رايونلار ئاساسلىقى خوتەن ، قەشقەر ، ئاقسۇ بولۇپ ، بايىنغۇلىن ئوبلاستى ئۇلاردىن كېيىن تۇرىدۇ ، تۇرپان ۋىلايىتى ۋە قۇمۇلدا ئاز مىقداردا تارقالغان . شىنجاڭنىڭ ياڭىقىنىڭ مەھسۇلاتى يۇقىرى ، سۈپىتى ئەلا ، ئادەتتە ھەر بىر كوۋادرات دەرەخ تاجىسى سايە چۈشۈرگەن كۆلەمدە ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ياڭاق مېغىزى 0.45 كىلوگرام ، يەككە مېۋە ھەجىمى 35~40 كۇب سانتېمىتىر ، مېغىز چىقىش نىسپىتى %50~ %65 ، ياغ تەركىبى نىسپىتى%65~%70 ، قاتتىق پوستلۇق مېۋىسىنىڭ تۈرلۈك كۆرسەتكۈچلىرى دۆلەتنىڭ ئەلا دەرىجە ئۆلچىمىگە يەتكەن . ئەلا سۈپەتلىك ياڭاق دەرىخى سورتلىرىدىن ‹‹ۋۇ 417 ›› ، ‹‹شىنشىن–2›› ۋە يېڭىدىن تاللاپ يېتىشتۇرۇلگەن سورتتىن ‹‹شىنۋېن 185 ›› ، ‹‹شىنۋېن 81 ›› ، ‹‹ شىنفىن 179 ›› ، ‹‹شىنۋېن 333 ››، شىنفېڭ ، شىنگۇاڭ ، شىنلۇ قاتارلىقلار بار . شىنجاڭدا ياڭاقنىڭ 100 خىل سورتى بار .
ياڭاق مېغىزى
ياڭاقنىڭ ماسلىشىشچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ ، ئۇنى تاغلىق ، قۇملۇق ، سازلىق ، شورلۇق يەرلەردە ئۆستۈرگىلى بولىدۇ . ياڭاق مېغىزى تەركىبىدە ماي ، ئاقسىل ، فوسفور ، كالىتسىي ، يود قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار مول بولۇپ ، سانائەت ۋە دورىگەرلىكتە كۆپ ئىشلىتىلدۇ . بولۇپمۇ ، ياڭاق مېغىزى تەركىبىدە يود مىقدارى ئالاھىدە يۇقىرى بولۇپ ، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ئالاھىدە رول ئوينايدۇ . شېخى ۋە يوپۇرمىقى ھەرخىل ئۆسمە ۋە بەدەن قىچىشىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا ، شۇنداقلا ئائىلىلەردە يۇڭ كېيىم – كېچەك ۋە گىلەملەرگە كۈيە چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئالاھىدە ئىشلىتىلدۇ . ياغىچى بولسا ھاۋا قاتنىشى ۋە ھەربىي سانائەت ، تامغا ياساش قاتارلىق ئالاھىدە خام ماتېرىيال ، مېۋە پوستى دۆلەت مۇداپىئەسىدىكى زەھەردىن مۇداپىئەلىنىش نىقابىنىڭ ئالاھىدە سۈپەتلىك ماتېرىيالى . |