United Arab newspapers
باش بەت قىلىۋېلىڭ        قۇشۇۋېلىڭ ئىزدەش سېستىمىغا كىرىش تىزىملىتىش پارول قايتۇرۇش
شىرىنىم تورىغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز !
 
باش بەت خەۋەرلەر ئۇچۇرلار mp3 ناخشا MTV ناخشا كىنوخانا تور ئويۇنلىرى كۈلدۈرگە دېتاللار رەسىم
   ئۇچۇر تۈرى  
   &  تارماق سەھىپىلەر
     &   مودا ۋە يېڭىلىقلار
     &   رەسساملىق
     &   قۇرۇلۇش مەدەنىيىتى
     &   قول - ھۈنەر
     &   كۆرگەزمە
     &   فوتۇگرافلىق
     &   ئېلان - لاھىيە
     &   كىيىم - كېچەك
     &   گىرىم بۇيۇملىرى
     &   ماشىنا دۇنياسى
     &   يىمەك - ئىچمەك
   تەۋسىيە ئۇچۇر  
 
تەۋسىيە ئۇچۇر يوق!
   ئاۋات ئۇچۇر  
 
بەتتە پولو
lady gaga رول ئالغان گۇگېل chrome تور كۆر..
ئۆزگىچە ئېلانلار --(1-قىسم)
شىرىنىم تور بىكىتى ئېلانى
نۇزۇگۇم ئېلان لايىھەسى
ئۇلىنىش دۇنياسى ئېلانى
شۆپىلەننىڭ ئىلانى
نۇزۇگۇم ئېلان لايىھەسى
چەتئەلنىڭ ئاجايىپ ئىجادىي ئېلانل..
دۇنيا تەڭداشسىز گۈزەل (ئېلان)
    ئۇچۇر ئىزدەش  
نامى تونۇشتۇرۇش 
 
    ئۇچۇرلار تىزىملىكى    
ئۇيغۇرلارنىڭ نان مەدەنىيىتى
 نان– خەلقىمىز قەدىمدىن تارتىپ ئاساسلىق  ئىستېمال قىلىپ كېلىۋاتقان ھەم كۈندىلىك تۇرمۇشمىزدا كەم بولسا بولمايدىغان ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى يېمەكلىك. يەنە كىلىپ ئوتقا قاقلاپ سىڭدۈرۈپ پىشۇرۇلغانلىقتىن ئۇنى ئۇزاق ساقلىغىلى بولىدۇ.

      بىز ھەممىمىز نانغا ئامراق. ئاچچىق دەملەنگەن چايدىن ئانچە-مۇنچە ئوتلاپ قويۇپ، مەززىلىك، سىڭىشىپ پىشقان ئاق ناننى ھۇزۇرلىنىپ يېيىش كىشىگە ئالەمچە ھۇزۇر بېغىشلايدۇ. بالىلار، دادىلار خوش بولغاچقىمۇ، ئانىلىرىمىز قىززىق تونۇرلارغا باش تىقىشتىن يانمايدۇ.

      چەرچەننىڭ زاغۇنلۇق، قۇمۇلنىڭ لاپچۇق، قارادۆۋىدىكى بۇنىڭدىن 3000 يىللار بۇرۇنقى دەۋىرگە ئائىت قەبرىلەردىن تېپىلغان توقاچ نانلار ئەجدادلىرىمىزنىڭ شۇ چاغلاردىلا ناننى ئاساسلىق يېمەكلىك سۈپىتىدە ئىستېمال قىلغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. ئەينى دەۋىردە گەرچە گۆش، سۈت -قايماق ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئاساسلىق يېمەك -ئىچمىكى بولغان بولسىمۇ، ئۇنى ئۇزاق ساقلاشقا بولمايتتى. ئەجدادلىرىمىز بۇ زىددىيەتلەرنى پەقەت نان ئارقىلىقلا ھەل قىلغان.


      تارىخىي مەنبەلەردە خاتىرىلىنىشچە، نان غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋىرىدىلا يىپەك يولى ئارقىلىق غەربىي يۇرتتىن ئوتتۇرا تۇزلەڭلىككە تارقالغان ئىكەن.‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى›› دىمۇ ھازىرقى نان تۈرلىرىمىزنىڭ ھەممىسى خاتىرىلەنگەن. ماتىرىياللاردىن ئىگىلىنىشچە، يۇگۇسلاۋىيىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى، مەرھۇم تېتو 70- يىللاردا جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگنىدە، ئۈرۈمچىدىكى مەخسۇس چەتئەللىكلەرنى كۈتىدىغان بىر مېھمانخانىدا بىر نەچچە كۈن تۇرۇپتۇ. ئۇنى ئۈزىتىش يۈزىسىدىن ئۆتكۈزۈلگەن زىياپەتتە تېتو شىرە ئۈستىدىكى تونۇر كاۋىپى، پولۇ، چۆچۈرىدەك تۈگۈلگەن ئىچىدىكى قىيمىسى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان پېتىر مانتا، پەرمۇدە، تىتىرەپ تۇرىدىغان ھور قاتلمىسى، ئۆپكە -ھېسىپ، سىڭىپ پىشقان ئاق نان قاتارلىقلارنى ماختاپ تۇرۇپ، بۇ تاماقلارنى ئەتكەن ئاشپەز بىلەن كۆرۈشكۈسى بارلىقىنى ئېيتىپتۇ ھەمدە بۇ تاماقلارنى بىر -بىرلەپ ماختاپ، ئەڭ ئاخىرىدا يۈزىگە كۈنجۈت بىلەن سىيادان سېپلگەن،  سىڭىپ پىشقان ئاق ناننى قولىغا ئېلىپ : ‹‹ مانا بۇ ھەممىدىن سىڭىشلىق ، ھەممىدىن ئىسىل تائام ئىكەن ›› دەپتۇ.

      دەرۋەقە نان داستىخاننىڭ كۆركى، سەپەرگە چىققانلارنىڭ ھەمراھى.  ئۇنى قۇرۇق يېيىشكىمۇ، قورۇما بىلەن يېيىشكىمۇ، چايغا ، سۈتكە چىلاپ يېيىشكىمۇ، ئىسسىق، يۇمشاق چاغدا يېيىشكىمۇ، ساقلاپ يېيىشكىمۇ ئەپلىك.

      ئەجدادلىرىمىز دەسلەپ ناننى قوقاسقا كۆمۈپ پىشۇرغان. كېيىنچە تونۇر، ئوچاق، كۆمەچدان، تاۋا ياكى قاسقاندا پىشۇرىدىغان بولغان. بۇلار ھىلىغىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە. بۇلارنىڭ ئىچىدە تونۇر ئۆزگىچىلىكى بىلەن ھىلىغىچە كەڭ قوللىنىلماقتا.

 

      ماتىرىياللاردا كۆرستىلىشىچە ۋە يېمەك -ئىچمەك مەدەنىيىتىمىزدىن قارىغاندا، نان تۈرلىرىمىزدىن –كاكچا، ئۆي نېنى، توقاچ، كۈنجۈتلۈك توقاچ، سەپەر توقىچى، توي نېنى، سىيادانلىق نان، ھەمەك قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭدىن باشقا، ھەر قايسى يۇرتلارنىڭ شارائىتى ۋە ئىستېمال ئادىتىگە ئاساسەن تەدىرىجىي بارلىققا كېلىپ مۇكەممەللەشكەن يەرلىك نان تۈرلىرىمۇ كۆپ بولۇپ، بۇلارنى تەييارلاش قائىدىسى، شەكلى، ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئوخشاشمايدۇ.

      نان مەدەنىيىتىمىزنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتى جەريانىدا ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى›› دەۋىرىدىكى نان تۈرىگە يەنە گۆش نان، گىردە، گۆش گىردە، شىرمەن نان، خۇيلىما، پوشكال، قۇيماق قاتارلىقلارمۇ قوشۇلۇپ، نانلىرىمىزنىڭ بۈگۈنكى دەۋىردىكى سان ۋە سۈپەت جەھەتتىكى تەرەققىياتىغا پۇختا ئاساس سالغان.

      جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ يېمەك -ئىچمەك ئىستېمال قۇرۇلمىمىزدا ئاز بولمىغان ئۆزگىرىشلەر بولغان بولسىمۇ، ئەمما ناندىن ئىبارەت سىمۋۇللۇق تۈسكە ئىگە مەدەنىيەت مىراسىمىز داستىخانلىرىمىزدىكى نازۇ -نېمەتلەر قاتارىدىن چۈشۈپ قالغىنى يوق. خەلقىمىز ھىلىھەم ھەر قېتىملىق تامىقىدا ناندىن ئايرىلغان، نانسىز ئەزىز مېھمانلىرىنى ئۇزاتقان ئەمەس. دېمەك، نان خەلقىمىزنىڭ ئۇزۇقلىنىش ۋاستىسىلا ئەمەس، بەلكى تۇرمۇش، قىممەت قارىشىغا سېڭىپ كەتكەن ئومۇمىي مىزانغا ئايلانغان. ئەجدادلىرىمىز ناننى تىرىكلىكنىڭ سىمۋۇلى سۈپتىدە ئۇلۇغلاپ كەلگەچكە، بىزدە ‹‹نېنى يوقنىڭ جېنى يوق›› دېگەن ماقال، بۇغداي نېنى قوناق نېنىدىن يېيىشلىك، تەملىك بولغاچقا، ‹‹بۇغداي نېنىڭ بولمىسىمۇ، بۇغداي سۆزۈڭ بولسۇن›› دېگەن ماقال  بارلىققا كەلگەن. ئەجدادلىرىمىز يەنە ناننى تىرىكلىك نىشانى سۈپىتىدە يېراقتىكى يېقىن كۆرگەن ئۇرۇق -تۇغقان، دوست -يارەنلىرىگە ئەۋەتىدىغان، سەپەرگە چىققانلارغا يوللۇق تۇتىدىغان، زىياپەت، مېھماندارچىلىقتا ئالدى بىلەن مېھمانلارغا نان قويۇپ ناننى ئۇلۇغلايدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرگەن بولۇپ ھىلغىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە.


      بازار ئىگىلىكىنىڭ چوڭقۇرلىششىغا ئەگىشىپ، مىللىي يېمەك -ئىچمەك كەسپىي كارخانىلىرىمىزمۇ يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ تەدىرىجىي تەرەققى قىلدى.  بۇنىڭ بىلەن ئۇزاق ئەسىرلەر مابەينىدە بىر خىل بېكىنمە ھالەتتە تۇرىۋاتقان نانلىرىمىزمۇ ئەنئەنىۋى ئۆرپ -ئادەت ۋە زامانىۋى ئىلغار پەن -تېخنىكا بىلەن ئورگانىك يوغۇرۇلۇپ، ئىستېمال يۈزلىنىشمىزگە، دەۋر تەلىپىگە ئويغۇنلاشتى. ئالايلۇق،  ئۈرۈمچى ‹‹دەرمان›› سودا چەكلىك شىركىتى، ‹‹مامۇتجان ئالاھىدە سامسا نانلىرى›› شىركىتى، ‹‹سۇلايمان ئەلرازى نانلىرى›› قاتارلىق كەسپىي كارخانىلار نانلىرىغا مەخسۇس ماركا ئېلىپ، ئۇيغۇر نانلىرىنى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىغا يۈزلەندۈرۈپ، مىللىتىمىزنىڭ نان مەدەنىيىتىگە تۆھپە قوشۇپ، ئۆز نانلىرى ئارقىلىق ئاۋامنى رازى قىلىپلا قالماستىن، ھەركۈنى نەچچە مىڭلاپ ناننى مەخسۇس ئوراپ قاچىلاپ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە، ئوتتۇرا ئاسىيا بازارلىرىغا ماڭغۇزۇپ، ئۆز ئىگىلىكىنى تەرەققى قىلدۇرۋاتىدۇ.

 

      يېقىندا ‹‹دەرمان›› سودا چەكلىك شىركىتى، ‹‹مامۇتجان ئالاھىدە سامسا نانلىرى›› شىركىتى نانلىرىنى 2008- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تونۇشتۇرۇپ، ئۇيغۇر نانلىرىنى خەلقئاراغا يۈزلەندۈرش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. راستىنى ئېيتىقاندا بۇ نانلىرىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى بازىرى ئۈچۈن ئامەت بولغۇسى.

 

  قۇشۇلغان ۋاقتى:2010-8-28 13:03:16 ئاۋاتلىغى:93
بېكەت ھەققىدە  |  ئېلان مۇلازىمىتى  |  شان -شەرەپلەر  |  قوللىغۇچىلىرىمىز  |  ئۇلىنىش ئىلتىماس قىلىش  |  ئۇلىنىش دۇنياسى  |  ئالاقىلىشىڭ
بۇ بېكەتنىڭ بارلىق ھۇقۇقى شىرىنىم تور تەتقىقات ئورنىغا مەنسۈپ ، باشقىلارنىڭ باش بەت لايىھەسىنى  ئوخشتىپ ياسىشى چەكلىنىدۇ .
مۇلازىمەت خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn    ئالاقە QQ نۇمۇرى : 627530058,396896928
ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453      ئالاقىلاشقۇچى : ئەكبەر

ICP10001556

8