ئىلىنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل، يېرى مۈنبەت، ئادەملىرى ئاقكۆڭۈل، كان بايلىقلىرى مول، تاغ- دەريالىرى ئىنتايىن كۆركەم. كەڭساينى بويلاپ ماڭسىڭىز، يول بويىدىكى گۈزەل مەنزىرىلەر، ئۆزگىچە ئۆرپ- ئادەتلەر سىزگە بەدىئىي زوق ئاتا قىلىدۇ. ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، ئىلىدا ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تەبىئيلىكى قوغدىلىدىغان رايوندىن 6سى بار بولۇپ، ئۇلار مەنزىرە، ئىكولوگىيە ۋە مىللىي ئۆرپ- ئادەت بىر گەۋدە قىلىنغان داڭلىق ساياھەت ئورۇنلىرى ھىساپلىنىدىكەن. بۇ يەرنىڭ يەنە ‹‹چېگرا رايوندىكى ھەسەل كانى›› دىگەن چىرايلىق نامى بار بولۇپ، تەبىئىي ھەسەل ئىشلەپچىقىرىدىغان گۆھەر زىمىن ھىساپلىنىدۇ.

1980- يىلى، بۇ يەر ئىلى قارا ھەرە قوغداش رايونى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. ئىلى قارا ھەرە قوغداش رايونىنىڭ دائىرىسى كەڭ بولۇپ، ئىلىدىكى ھەر قايسى ناھىيىلەرگە تارقالغان. كۆلىمى 50 مىڭ كۇۋادىرات كىلومېتىردىن ئاشىدىغان قوغداش رايونى قارا ھەرىنىڭ نەسلى ۋە ياۋا ھەرە توپىنى قوغداپ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە سىرىتقى غەيرىي نەسىللىك ھەررىلەرنى بۇ يەرگە كىرگۈزمەي، قارا ھەرە نەسلىنىڭ ئۆزگىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

ئىلى قارا ھەرىسى-كاۋكاز ھەرىسىنى يەرلىكتە تەبىئىي تاللاپ يېتىشتۈرۈش ئارقىلىق شەكىللەنگەن ئېسىل ھەرە نەسلى بولۇپ، جۇغى چوڭ، كۆپىيىشى تېز، كېسەللىككە ۋە سوغۇققا چىداملىق، ھەسەل ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى يۇقىرى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن داڭق چىقارغان. ئىگىلىنىشىچە، ھەر بىر يەشىك ھەرە 150 كىلوگىرام ئەتراپىدا ھەسەل ئىشلەپچىقىرالايدىكەن. بۇ ھەسەللەرنىڭ سۈپىتى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، تەركىبىدە ئادەم تېنىگە پايدىلىق كۆپ خىل مىكرو ئېلمىنتلار، مېنىرال ماددىلار ۋە كۆپ خىل ۋىتامىنلار بار ئىكەن.
ئىلى ئورمان ۋە يايلاق بايلىقى جەھەتتە ئەۋزەللىككە ئىگە بولۇپ، تۈرلۈك ياۋا ئۆسۈملۈكلەر كۆپ ئۆسىدۇ. بۇ يەردە قويۇق ئىپتىدائىي ئورمانلار، بىپايان كەتكەن گۈزەل يايلاقلار سوزۇلۇپ ياتىدۇ. تاغ گۈللىرىنىڭ ئېچىلىش كۆلىمى مۆلچەرلىگۈسىز كەڭ بولۇپ، مەلىكەت بويىچە ئاز ئۇچرايدىغان، بۇلغانمىغان ئېسىل يايلاق ھىساپلىنىدۇ. بۇ يەرنىڭ سۈيى ئەلۋەك، يېرى مۈنبەت، ھاۋاسى يېقىشلىق بولۇپ، رەڭگا- رەڭ گۈللەر ياپيېشىل يايلاققا ئۆزگىچە ھۆسۈن قوشۇپ تۇرىدۇ.

بۇ گۆھەر زىمىندا ياۋا سوغىگۈل، تورسۇلداق، زاراڭزا، مامكاپ، چۆل رەيھىنى، ياۋا جىغان قاتارلىق يۈز خىلغا يېقىن دورىلىق ئۆسۈملۈكلەر ئۆسىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تۈرلۈك ياۋا گۈللەر، سۈنئىي ئۆستۈرۈلگەن زور كۆلەملىك مىۋىلىك دەرەخلەر بار بولۇپ، ھەقىقەتەنمۇ ھەسەل ھەرىلىرىنىڭ گۈل شىرنىسى يىغىدىغان يېشىل ماكانى ھىساپلىنىدۇ.
ھەر قېتىم تاغ گۈللىرى بەس- بەستە ئېچىلغاندا، خۇشپۇراق ھىدى كىشىنى مەست قىلىدۇ. قوغداش رايونىدىكى ھەسەل ھەرىلىرى رەڭگا- رەڭ تاغ گۈللىرى ئارىسىدا تولىمۇ ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ. بۇ يەردىن چىققان ھەسەلنىڭ ساپلىق دەرىجىسى %100، دورىلىق قىممىتى يۇقىرى، پۇرىقى ياخشى، تەملىك بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ساغلاملىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۆمرىنى ئۇزارتىدىغان ئەڭ ئېسىل يېشىل يىمەكلىك ھىساپلىنىدۇ.
ھەسەل ھەرىسىنى تىلغا ئالغان ئىكەنمىز، ئاشۇ ھەرىلەرگە ئوخشاش تىنىم تاپماي ئىشلەيدىغان ئىشچان ھەرە باققۇچىلارنى ئۇنتۇپ قالساق بولمايدۇ ئەلۋەتتە. ئىلىدا ھەسەل ھەرىسىنى بىر ئائىلە كىشىلىرى بىر بولۇپ باقىدۇ. ھەر قېتىم شىرنە يىغىش مەزگىلى كەلگەندە، ھەرە باققۇچىلار ھەسەل ھەرىلىرىنى ھەسەل مەنبەسى بار جايغا كۆچۈرۈپ كېلىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرى ھەسەل ھەرىلىرى بىلەن بىرگە ياشايدۇ. ھەر بىر تامچە ھەسەلگە ئۇلارنىڭ ھىسابسىز قان- تەرى سىڭگەن بولىدۇ. ھەر يىلى تاغ گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلغان مەزگىلدە، ئىلى يايلاقلىرىدا ھەرە باقۇچىلار بىلەن ھەسەل ھەرىلىرى ھاسىل قىلغان بىر تاتلىق ئېقىن توختىماي ئېقىپ، ئەتراپقا كىشىنى مەست قىلىدىغان خۇشپۇراق تارقىتىدۇ. |