United Arab newspapers
باش بەت قىلىۋېلىڭ        قۇشۇۋېلىڭ ئىزدەش سېستىمىغا كىرىش تىزىملىتىش پارول قايتۇرۇش
شىرىنىم تورىغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز !
 
باش بەت خەۋەرلەر ئۇچۇرلار mp3 ناخشا MTV ناخشا كىنوخانا تور ئويۇنلىرى كۈلدۈرگە دېتاللار رەسىم
   ئۇچۇر تۈرى  
   &  تارماق سەھىپىلەر
     &   مودا ۋە يېڭىلىقلار
     &   رەسساملىق
     &   قۇرۇلۇش مەدەنىيىتى
     &   قول - ھۈنەر
     &   كۆرگەزمە
     &   فوتۇگرافلىق
     &   ئېلان - لاھىيە
     &   كىيىم - كېچەك
     &   گىرىم بۇيۇملىرى
     &   ماشىنا دۇنياسى
     &   يىمەك - ئىچمەك
   تەۋسىيە ئۇچۇر  
 
تەۋسىيە ئۇچۇر يوق!
   ئاۋات ئۇچۇر  
 
بەتتە پولو
lady gaga رول ئالغان گۇگېل chrome تور كۆر..
ئۆزگىچە ئېلانلار --(1-قىسم)
شىرىنىم تور بىكىتى ئېلانى
نۇزۇگۇم ئېلان لايىھەسى
ئۇلىنىش دۇنياسى ئېلانى
شۆپىلەننىڭ ئىلانى
نۇزۇگۇم ئېلان لايىھەسى
چەتئەلنىڭ ئاجايىپ ئىجادىي ئېلانل..
دۇنيا تەڭداشسىز گۈزەل (ئېلان)
    ئۇچۇر ئىزدەش  
نامى تونۇشتۇرۇش 
 
    ئۇچۇرلار تىزىملىكى    
ئۇيغۇر نانلىرى

نان – ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يېمەكلىكلىرى ئىچىدە ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولۇش بىلەن بىللە، يەنە ئاساسلىقى ئەنئەنىۋى يېمەكلىكنىڭ بىرى. ئۇيغۇر خەلقى ئۆزىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ناندىن زادىلا ئايرىلالمايدۇ. زامانلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ناننىڭ تۈرلىرى كۆپەيدى. تۆۋەندە ناننىڭ ئاساسلىق تۈرلىرىنى قىسقىچە تونۇشتۇرىمىز.

       1. ئۆي نېنى – ئۇنغا خېمىرتۇرۇچ سېلىپ خېمىر يۇغۇرۇلۇپ، ئىسسىق يۆگەپ قويۇپ بولدۇرۇلىدۇ. خېمىر بولغاندىن كېيىن بىر جىڭ ئېغىرلىقتا زۇۋۇلا ئۈزۈپ قۇرۇق ئۇنلاپ قېلىن راسلىنىدۇ. ئوتتۇرىغا چۈككۈچ چىكىپ، ئۈستىگە داستىخان يېپىپ تىندۇرۇلىدۇ. بۇ خىل ئۆي نېنىغا ياغ چەيلىسىمۇ ياكى چىگىردەك، سىيادان ئارىلاشتۇرسىمۇ بولىدۇ. تونۇر ئادەتتىكىدەك قىزىتىلىدۇ. تونۇرغا تۇز سېپىپ ھاۋاسى تەڭشىلىدۇ. ناننىڭ ئارقىسىنى تۇز سۈيى بىلەن سۇلاپ، يەڭلىك بىلەن يېقىپ تونۇرنى توشقۇزغاندىن كېيىن،  ناننىڭ يۈزىگە سۇ ئۇرۇپ تونۇرنىڭ ئاغزى چىڭ ئېتىلىدۇ. ئەگەر ئوت بوش بولسا داپخۇننى ئېچىپ ئوت يېلىنجىتىلىدۇ، نان قېلىن بولغىنى ئۈچۈن تونۇردا ئۇزاقراق تۇرغۇزۇلۇپ، سىڭدۈرۈپ پىشۇرۇلىدۇ. بۇنداق ئۆي نېنىنى ئۇزاق ساقلاشقا بولىدۇ.

        2. بازار نېنى - ‹‹ئاق نان›› دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ نان مۇنداق ياسىلىدۇ: خېمىر بوشراق يۇغۇرۇلۇپ، ئۇزۇنراق تۇرغۇزۇلىدۇ.  خېمىر تىنغاندىن كېىيىن زۇۋۇلا قىلىنىدۇ. نان ئۇتتۇرلۇق ئېچىلىپ تونۇرغا ئۇتتۇرلۇق يېقىپ قايسىسى پىشسا شۇ قومۇرۇۋېلىنىدۇ. بۇ ناننىڭ ئوتتۇرىسى نېپىز، گىرۋىكى توم بولىدۇ. يۈزىگە چۈككۈچ چېكىلىدۇ. ناننى ئېچىپ بولغاندىن كېيىن تونۇرغا يېقىش ئالدىدا، يۈزىگە چانالغان باش پىياز ۋە كۈنجۈت سۈرۈلىدۇ، نان تونۇرغا گەزنە بىلەن يېقىلىدۇ.

        بۇ خىل ناننى يېگۈچىلەر ئوتتورلۇق ئەكىرىپ يەيدۇ، ئۇزۇن ساقلاشقا بولمايدۇ. بۇ ناننى ئىسسىق ۋاقتىدا يېسە ناھايىتى مەزىلىك، تەملىك بولىدۇ.

        3. گىردە – ئۇيغۇر خەلقى ياخشى كۆرۈپ يەيدىغان نان تۈرلىرىنىڭ بىرى. ئۇزاق سەپەرگە چىققۇچىلار بۇ ناندىن ئېلىپ ماڭىدۇ. بۇ ناننىڭ ياسىلىشى مۇنداق: ئۇنغا خېمىر تۇرۇچ سېلىپ، چىڭ يۇغۇرىلىدۇ. خېمىر ئۇزاق ئىشلەپ باستۇرۇپ قويۇلىدۇ. خېمىر كۆپكەندىن كېيىن، زۇۋۇلا ئۈزۈلۈپ تاۋلىنىدۇ. ناننىڭ گىرۋىكىنى يۇمىلاق، ئوتتۇرىسىنى ئويمان قىلىپ ياساپ، پەشخونغا ئوڭدىسىغا تىزىپ، يۈزىگە سۇ ئۇرۇپ، كۈنجۈت سېپىپ، ئىككى ناننىڭ يۈزىنى بىر قىلىپ جۈپلەپ، داستىخان بىلەن يېپىپ قويۇلىدۇ. قىزىتىلغان تونۇرنىڭ ئوتىنى كۆمۈپ، داپخوننى ئېتىپ تونۇرغا تۇز  سېپىپ، تونۇرنىڭ ھاۋاسى تەڭشىلىدۇ. ناننى يېقىپ بولۇپ،  يۈزىگە سۇ ئۇرۇپ، تونۇرنىڭ ئاغزىنى يېپىپ، يېرىم سائەتچە خۇيلىنىدۇ. نان قولغا چاپلاشمىسا، خۇي يېگەن بولىدۇ. خۇي يەتكەندە تونۇرنىڭ ئاغزى ئېچىلىپ نان يۈزىگە بوش سۇ چېچىپ داپخوننى ئېچىپ ئوت يېلىنچىتىلىدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ بەزى جايلىرىدا جىگدىنى سۇغا چىلاپ شەربەت چىقىرىپ گىردە يۈزىگە پۈركەيدۇ. بۇ خىل نان ‹‹شەربەت نان›› دەپ ئاتىلىدۇ.

      4. گۆش گىردە -  بۇ خىل گىردە ئۇيغۇر خەلقى سۆيۈپ يەيدىغان نان تۈرلىرىنىڭ بىرى. گۆش گىردە مۇنداق ياسىلىدۇ: بۇنىڭ خېمىرى پېتىر بولىدۇ. لېكىن خېمىرى چىڭ ھەم تۇزلۇقراق يۇغۇرىلىدۇ ۋە ياخشى ئىشلىنىدۇ. زۇۋۇلا ئۈزۈپ تاۋلاپ بىر ئاز تىندۇرىلىدۇ. ئاندىن چىلىت ئېچىلىدۇ،  قوي ياكى كالىنىڭ لوق گۆشى نېپىز، قۇناق چوڭلۇقىدا توغرىلىپ، ئۇنىڭغا ئازراق سۇ يىدۇرۇلىدۇ. ئاندىن پىشىق توغرالغان باش پىياز، قارىمۇچ، تۇز ئارلاشتۇرۇلىدۇ.  يەنە قۇيرۇق ياغدىن ئازراق توغراپ ئارلاشتۇرۇپ قىيما تەييارلىنىدۇ. جىلىتقا قىيما سېلىپ بولاق مانتا تۈگكەندەك  تۈگۈپ، ئۈستىگە سۇ ئۇرۇپ تەييارلىنىدۇ. قىزىتىلغان تونۇرنىڭ  چوغلىرىنى تونۇرنىڭ ئوتتۇرىسىغا يىغىپ داپخۇننى ئېتىپ، تونۇرنىڭ يۈزىگە تۇز سۈيى ئۇرۇپ ھاۋاسى تەڭشەلگەندىن كېيىن يېقىلىدۇ. يېقىلىپ بولغان ناننىڭ يۈزىگە يەنە سۇ ئۇرۇلۇپ تونۇرنىڭ ئاغزى ھىم يېپىلىدۇ. گىردە خۇي يېگەندىن كېيىن تونۇرنىڭ ئاغزى ۋە داپخۇن ئېچىۋېتىلىپ، ئوتنى يەلپۈپ يېلىنجىتىدۇ. گىردىنىڭ گىرىدىنىڭ يۈزى چاپلاشمايدىغان دەرىجىدە قېتىشقاندا خۇي يېگەن بولىدۇ ۋە تونۇردىن قومۇرۇپ داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ.

      5. گۆش نان – گۆشنى ئۇششاق توغراپ، ئۇنىڭغا ئۇششاق توغرالغان باش پىياز، سوققان زىرە، قارىمۇچ ۋە تۇز ئازىلاشتۇرۇپ قىيما تەييارلىنىدۇ. خېمىر تۇرۇچ سېلىپ خېمىر يۇغۇرۇلۇپ ئازراق تىندۇرغاندىن  كېيىن، زۇۋۇلا ئۈزۈپ تاۋلاپ، زۇۋۇلىنىڭ گىرۋىكىنى نېپىز، ئوتتۇرىسىنى بىر ئاز قېلىن قىلىپ، بىر چوڭ، بىر كىچىك جىلىت تەييارلىنىدۇ. چوڭ جىلىتقا قىيما تەكشى يېيىتىلىدۇ. ئۈستىگە كىچىك  جىلىت يېپىلىپ، چوڭ جىلىتنىڭ گىرۋىكىنى ئارقىغا ياندۇرۇپ، پۈرۈپ نان تەييارلىنىدۇ. ئاندىن تاۋا ياكى قازانغا ياغ قۇيۇپ نان ئۆرۈپ – چۆرۈپ تەكشى پىشۇرۇلىدۇ. پىشقاندا ھەر بىر گۆش ناننى پىچاق بىلەن پارچە – پارچە قىلىپ توغراپ، لېگەنگە ئېلىپ داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ. بۇ خىل نان شورپىلىق، تەملىك، يۇمشاق بولۇپ، تولىمۇ يېيىشلىك بولىدۇ.

      6. ھەمەك نان – بۇ نان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ‹‹چوڭ نان›› دەپمۇ ئاتلىدۇ. بۇ نان  ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى نانلىرىدىن بىرى.  بۇ نان كۆپىنچە ھېيىتلاردا، تويلاردا داستىخانىغا دەستىلەپ قويۇلۇپ، ئۈستىگە ئۇششاق ياغلىق توقاچلار قويۇلىدۇ. ئۆزى قاتتىق بولىدۇ. لېكىن چايغا سالسا تېز ئېرىيدۇ. يېيىشلىك بولىدۇ.

     ھەمەك  مۇنداق ياسىلىدۇ: ناننىڭ خېمىرى چىڭراق يۇغۇرۇلىدۇ. ياخشى ئىشلەپ، زوۋۇلا ئۈزۈپ تاۋلاپ، چوڭلۇقنى چوڭراق ئەلگەكتەك قىلىپ يېقىپ، سىڭدۈرۈپ پىشۇرۇلىدۇ. كۇچانىڭ <<بىچاق نېنى>> مۇ ھەمەكنىڭ چوڭايتىلغان شەكلى بولۇپ،  ئۇ تېخىمۇ مەززىلىك.

      7. تۇقاچ – تۇقاچ ئۇيغۇر نېنىنىڭ ئالاھىدە تۈرى.  مەھمۇت قەشقىرى ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى›› (1 توم 464- بەت) دا ‹‹تۇقاچ›› دېگەن سۆزنى بۇ سۆز ‹‹توق ئادەم ›› دېگەن ئىبارىدىكى ‹‹توق›› سۆزىدىن ياسالغان. ‹‹چۈنكى توقاچ ئادەمنى تويدۇرىدۇ››دەپ چۈشەندۈرگەن.

      ئۇيغۇر خەلقى ئائىلىلەردە ئۆزلىرى يېيىش ۋە مېھمانلارغا قويۇش ئۈچۈن، سەپەرگە  چىققۇچىلارغا يوللۇق  تۇتۇش ئۈچۈن، ياكى يىراقتىكى يېقىن ئادەملىرىگە خالتا قىلىپ ئەۋەتىش ئۈچۈن توقاچ يېقىلىدۇ. خېمىر بولغاندىن كېيىن، زۇۋۇلا ئۈزۈپ پىيالىنىڭ ئاغزىچىلىك چوڭلۇقتا (ئۇنىڭدىن كىچىك بولسىمۇ بولىدۇ) توقاچ راسلىنىدۇ. ئوتتۇرىسىغا  چەككۈچ چېكىپ، يۈزىگە داستىخان يېپىپ تىندۇرۇلىدۇ. تونۇرنى قىزىتىش، ناننى يېقىش، ۋە پىشۇرۇش جەريانى، ئۇسۇلى گىرىدە ناننىڭكىدەك بولىدۇ. تۇقاچ پىشقاندىن كېيىن تونۇردىن قومۇرۇپ، قىزىق ۋاقتىدىلا ئېرىمىگەن قوي يېغى سۈرۈلۈپ پارقىتىلىدۇ. توقاچنىڭ خېمىرى سۈت، تۇخۇم، قوي يېغى ئارىلاشتۇرۇلۇپ يۇغۇرۇلسا تېخىمۇ تەملىك بولىدۇ، بۇ خىل تۇقاچنىڭ ئالاھىدىلىكى، قېتىپ كەتسە چايغا چىلىغان ھامان يۇمشايدۇ. ئۇزاق ۋاقىت ساقلاشقا بولىدۇ. ئوڭاي كۆكىرىپ كەتمەيدۇ.

      8. جۆۋەندە -  بۇ نان بەزى يەرلەردە ‹‹قۇشۇقلۇق نان›› دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ نان مۇنداق ياسىلىدۇ: مەلۇم نىسبەتتە ئاق ئۇن بىلەن قۇناق ئۇنى (مەيلى ئارپا ئۇنى، مەيلى ئاق قوناق ئۇنى ياكى كۆممىقۇناق ئۇنى) نى ئارىلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭغا خېمىر تۇرۇچ سلېىپ خېمىر يۇغۇرۇلىدۇ، خېمىر بولغاندىن كېيىن زۇۋۇلا ئۈزۈپ تاۋلاپ، نان ئېچىپ يۈزىگە ئۇششاق توغرالغان پىياز سۈركىلىدۇ. قىزىتقان تونۇرنىڭ ھاۋاسىنى تەڭشەپ، داپخوننى ئىتىپ، تونۇرنى دۈملەپ سىڭدۈرۈپ پىشۇرۇلىدۇ.

     9. زاغرا – خەس قۇناق ئۇنى  بىلەن قىلىنغان نان ‹‹زاغرا›› دەپ ئاتىلىدۇ. زاغرا ئۈچۈن كۆممىقۇناق ياكى ئاق قۇناق ئۇنى ئىشلىتىلىدۇ. ئۇن قىزىق سۇ بىلەن يۇغۇرۇلىدۇ. خېمىر سۇۋۇغاندا ئۇنىڭغا خېمىرتۇرۇچ سېلىنىپ بىرەر سائەت بولدۇرۇلىدۇ.، ئاندىن زۇۋۇلا ئۈزۈپ ئاق ئۇنغا  دوملىتىپ، گىرۋىكى نېپىز، ئوتتۇرىسى قېلىن قىلىپ نان راسلىنىدۇ. قىزىتىلغان تونۇرغا يېقىن  جۆۋەندە نانغا ئوخشاش قىلىپ پىشۇرۇلىدۇ. زاغرا تونۇردا ئۇزۇقراق تۇرغۇزۇلىدۇ. زاغرىنىڭ  خېمىرىنى يۇغارغاندا ئۇششاق توغرالغان پىياز، مانتا كاۋىسى ئارىلاشتۇرۇپ پىشۇرۇلسا زاغرا تېخىمۇ يېيىشلىك ۋە مەزىلىك بولىدۇ.

      10. قاتلىما – قاتلىما ئۇيغۇر نانلىرىدىن ئالاھىدە بولغان بىر تۈر. مەھمۇت قەشقىرى ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى›› (1توم، 672- بەت )دا ‹‹قاغۇرغان››دېگەن سۆزنى ‹‹ماي بىلەن يۇغۇرۇلۇپ، تونۇر ياكى ئوچاقتا پىشۇرۇلىدىغان بىر خىل نان›› دەپ چۈشەندۈرىدۇ. بۇ قاتلىمىنىڭ ئويغۇر نانلىرى ئىچىدە ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

       قاتلىما مۇنداق ياسىلىدۇ: خېمىر يۇغۇرۇپ، خېمىر تىندۇرۇلغاندىن كېيىن نۇغۇچ بىلەن يۇققا يېيىلىدۇ. ئاندىن يېيىلغان خېمىرغا كۆيدۈرۈلگەن قۇيرۇق ماي ياكى ئەبجەش ماي سۈرتىلىدۇ. ئاندىن خېمىر تۈرۈلۈپ تۈرمە قىلىنىدۇ. تۈرمىنى تولغاپ، زۇۋۇلا ئۈزۈلىدۇ. ھەر بىر زۇۋۇلا پۇزا ئېچىلىپ نان ھالىتىگە كەلتۈرۈلىدۇ. ئاندىن  قىزىق تونۇرغا يېقىلىدۇ ياكى دوخۇپكىدا پىشۇرۇلىدۇ. كۆپىنچە ئائىلىلەردە قاتلىما قازاندا ياكى تاۋىدا ياغدا ئۆرۈپ – چۆرۈپ پىشۇرۇلىدۇ.  تونۇر قاتلىمىسى يېيىشلىك ۋە مەززىلىك بولىدۇ.

     قاتلىمىنىڭ يەنە ‹‹گۆش قاتلىمىسى››  دەپ ئاتىلىدىغان تۈرىمۇ بار. بۇنىڭ خېمىرى  يۇقىرىقى قاتلىمىنىڭكىگە ئوخشاش تەييارلىنىدۇ.  خېمىر ئۈگرىنىڭ خېمىرىدەك چوڭ ھەم نېپىز يېيىلىدۇ. ئاندىن ئۇششاق توغرالغان گۆش ، نېپىز چانالغان پىياز، قارىمۇچ ۋە تۇزلارنى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلانغان قىيما سېلىپ تۈرمە تۈرۈلىدۇ. ئۇنىڭدىن زۇۋۇلا ئۈزۈلۈپ، زۇۋۇلا پۇزا بىلەن ئېچىلىپ نان تەييارلىنىدۇ. بۇ خىل قاتلىمىنى تونۇرغا يېقىپ پىشۇرسىمۇ، قازاندا ياكى تاۋىدا پىشۇرسىمۇ بولىدۇ.

     قاتلىمىنىڭ ئالاھىدىلىكى: خېمىرى قاتمۇ  قات بولىدۇ. يۇمشاق، يېيىشلىك، سىڭىشلىك بولىدۇ.

 

  قۇشۇلغان ۋاقتى:2010-8-28 12:58:57 ئاۋاتلىغى:101
بېكەت ھەققىدە  |  ئېلان مۇلازىمىتى  |  شان -شەرەپلەر  |  قوللىغۇچىلىرىمىز  |  ئۇلىنىش ئىلتىماس قىلىش  |  ئۇلىنىش دۇنياسى  |  ئالاقىلىشىڭ
بۇ بېكەتنىڭ بارلىق ھۇقۇقى شىرىنىم تور تەتقىقات ئورنىغا مەنسۈپ ، باشقىلارنىڭ باش بەت لايىھەسىنى  ئوخشتىپ ياسىشى چەكلىنىدۇ .
مۇلازىمەت خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn    ئالاقە QQ نۇمۇرى : 627530058,396896928
ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453      ئالاقىلاشقۇچى : ئەكبەر

ICP10001556

8