United Arab newspapers
باش بەت قىلىۋېلىڭ        قۇشۇۋېلىڭ ئىزدەش سېستىمىغا كىرىش تىزىملىتىش پارول قايتۇرۇش
شىرىنىم تورىغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز !
 
باش بەت خەۋەرلەر ئۇچۇرلار mp3 ناخشا MTV ناخشا كىنوخانا تور ئويۇنلىرى كۈلدۈرگە دېتاللار رەسىم
   ئۇچۇر تۈرى  
   &  تارماق سەھىپىلەر
     &   مودا ۋە يېڭىلىقلار
     &   رەسساملىق
     &   قۇرۇلۇش مەدەنىيىتى
     &   قول - ھۈنەر
     &   كۆرگەزمە
     &   فوتۇگرافلىق
     &   ئېلان - لاھىيە
     &   كىيىم - كېچەك
     &   گىرىم بۇيۇملىرى
     &   ماشىنا دۇنياسى
     &   يىمەك - ئىچمەك
   تەۋسىيە ئۇچۇر  
 
تەۋسىيە ئۇچۇر يوق!
   ئاۋات ئۇچۇر  
 
بەتتە پولو
lady gaga رول ئالغان گۇگېل chrome تور كۆر..
ئۆزگىچە ئېلانلار --(1-قىسم)
شىرىنىم تور بىكىتى ئېلانى
نۇزۇگۇم ئېلان لايىھەسى
ئۇلىنىش دۇنياسى ئېلانى
شۆپىلەننىڭ ئىلانى
نۇزۇگۇم ئېلان لايىھەسى
چەتئەلنىڭ ئاجايىپ ئىجادىي ئېلانل..
دۇنيا تەڭداشسىز گۈزەل (ئېلان)
    ئۇچۇر ئىزدەش  
نامى تونۇشتۇرۇش 
 
    ئۇچۇرلار تىزىملىكى    
شىنجاڭنىڭ چايچىلىقى

ئادەتتە كىشىلەر:شىنجاڭنىڭ كېلىماتى قۇرغاق، يامغۇر ئاز ياغىدۇ، چاي دەرىخى ئۆستۈرۈشكە ماس كەلمەيدۇ، شۇڭا چاي ئىشلەپچىقىرالمايدۇ، شىنجاڭدا سېتىلىۋاتقان چايلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگونىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىن ئېلىپ كېلىنگەن، دەپ قارايدۇ.شۇ سەۋەپلىك، شىنجاڭنىڭ چاي ئىشلەپچىقىرىدىغانلىقىنى بىلىدىغانلار قەدىمدىن تارتىپ ناھايىتى ئاز.ئەمەلىيەتتە، شىنجاڭمۇ چاي ئىشلەپچىقىرىدۇ، ھەتتا شىنجاڭ ئىشلەپچىقارغان بىر قىسىم چايلار چىڭ سۇلاسى دەۋرىدە تارتۇق بويۇمى قىلىنغان.بۈگۈنگە كەلگەندە، شىنجاڭلىقلار شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە جۇغراپىيىلىك ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۆسۈملۈكلىرىدىن چاي ياساشنى سىناپ باققان، مەسىلەن: قارىقاش ناھىيىسىنىڭ ئەتىرگۈل چېيى، ئىلىنىڭ ئۆسۈملۈك غولى چېيى قاتارلىقلار.

 

شىنجاڭنىڭ يەرلىك چايچىلىقى مانا مۇشۇنداق تارىخنىڭ ئۇزۇن ئېقىنى ۋە ھازىرقى زامان جەمئىيىتىدە ئەۋلاتتىن ئەۋلاتقا داۋاملىشىپ كەلگەن. قەدىمدە شىنجاڭنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەر بىلەن بولغان چاي بىلەن ئاتنى ئالماشتۇرۇش سودا پائالىيىتى بىر مەزگىل ئەۋجىگە چىقىپ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بىلەن چىگرا رايون، خەنزۇلار بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى سودا ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى بەلگىلىك دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرگەن. جۇڭگونىڭ تاڭ، سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن بۇيان، تارىختا ئۆتكەن ئەمەلدارلار غەربىي رايون چاي سودىسى ۋە شىنجاڭ چايچىلىقىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن. شىنجاڭنىڭ يەرلىك چېي بىلەن تەمىنلەش تەلەپنى قاندۇرالمىغاندا، ياۋا ئۆسۈملۈك يوپۇرمىقىنى پىششىقلاپ ئىشلەش ئارقىلىق چاي ئىشلەپچىقىرىپ، جۇڭگونىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىن كىرگۈزىلىدىغان چاينىڭ ئورنىدا ئىشلەتكەن. 18 _ ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە، ئىلى رايونىدىكى ئاھالىلار تاغدىكى ياۋا ئۆسۈملۈك يوپۇرمىقىنى چاي ئورنىدا ئىستېمال قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرگەن.

 

         چاي ئىستېمال قىلىش شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ، قازاق ، موڭغۇل قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇشىغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن. شىنجاڭدىكى ھەر قايسى ئاز سانلىق مىللەتنىڭ ئۆزگىچە چاي ئىچىش ئالاھىدىلىكى، ئادىتى بار. موڭغۇللار، قازاقلار ناشتىدا دائىم دىگۈدەك ئەتكەن چاي ئىچىدۇ، سېرىق ماي يەيدۇ، بۇ تەرىپى ئۇيغۇرلارنىڭ ناشتىدا ئەتكەن چاي بىلەن نان يىيىش، خۇيزۇلارنىڭ ھورنان بىلەن سىنچاي ئىچىش ئادىتى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. خۇيزۇلار خەنزۇلار ئىشلىتىدىغان ئېغىزى بار پىيالىدا چاي ئىچىش ئادىتىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، مېھمان كۈتكەندە ياكى كۆڭۈل ئاچقاندا مۇشۇنداق پىيالىدا چاي ئىچىدۇ، لېكىن ئۇنىڭغا چاينىلا دەملەپ قالماستىن، بەلكى يەنە جىگدە، ياڭاق مېغىزى، كىشمىش، چىلان ۋە ناۋات قاتارلىقلارنى قوشۇپ دەملەيدۇ. چاي ئىستېمال قىلىش شىنجاڭلىقلار ئارىسىدا ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە، شىنجاڭلىقلار قوي، كالا گۆشى، سۈت قاتارلىق تەبىئىتى ئىسسىق، مايلىق، ئاسان ھەزىم بولمايدىغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىدۇ. چاينىڭ تەركىبىدە بولسا مىكرو ئىلمىنتلار مول، شىنجاڭلىقلار كۆكتاتنى ئاز ئىستېمال قىلىدىغانلىقتىن، ئادەم تېنىگە ئېھتىياجلىق بولغان ۋېتامىنلارنى چاي ئارقىلىق تولۇقلايدۇ. شۇڭا چاي ئىستېمال قىلىش شىنجاڭلىقلارنىڭ يېمەك _ ئىچمەك ئادىتىگە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۇلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيىتى، ئۆرپ ئادىتىگىمۇ زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن.

 

  قۇشۇلغان ۋاقتى:2010-8-28 12:53:30 ئاۋاتلىغى:78
بېكەت ھەققىدە  |  ئېلان مۇلازىمىتى  |  شان -شەرەپلەر  |  قوللىغۇچىلىرىمىز  |  ئۇلىنىش ئىلتىماس قىلىش  |  ئۇلىنىش دۇنياسى  |  ئالاقىلىشىڭ
بۇ بېكەتنىڭ بارلىق ھۇقۇقى شىرىنىم تور تەتقىقات ئورنىغا مەنسۈپ ، باشقىلارنىڭ باش بەت لايىھەسىنى  ئوخشتىپ ياسىشى چەكلىنىدۇ .
مۇلازىمەت خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn    ئالاقە QQ نۇمۇرى : 627530058,396896928
ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453      ئالاقىلاشقۇچى : ئەكبەر

ICP10001556

7