United Arab newspapers
باش بەت قىلىۋېلىڭ        قۇشۇۋېلىڭ ئىزدەش سېستىمىغا كىرىش تىزىملىتىش پارول قايتۇرۇش
شىرىنىم تورىغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز !
 
باش بەت خەۋەرلەر ئۇچۇرلار mp3 ناخشا MTV ناخشا كىنوخانا تور ئويۇنلىرى كۈلدۈرگە دېتاللار رەسىم
   ئۇچۇر تۈرى  
   &  تارماق سەھىپىلەر
     &   مودا ۋە يېڭىلىقلار
     &   رەسساملىق
     &   قۇرۇلۇش مەدەنىيىتى
     &   قول - ھۈنەر
     &   كۆرگەزمە
     &   فوتۇگرافلىق
     &   ئېلان - لاھىيە
     &   كىيىم - كېچەك
     &   گىرىم بۇيۇملىرى
     &   ماشىنا دۇنياسى
     &   يىمەك - ئىچمەك
   تەۋسىيە ئۇچۇر  
 
تەۋسىيە ئۇچۇر يوق!
   ئاۋات ئۇچۇر  
 
بەتتە پولو
lady gaga رول ئالغان گۇگېل chrome تور كۆر..
ئۆزگىچە ئېلانلار --(1-قىسم)
شىرىنىم تور بىكىتى ئېلانى
نۇزۇگۇم ئېلان لايىھەسى
ئۇلىنىش دۇنياسى ئېلانى
شۆپىلەننىڭ ئىلانى
نۇزۇگۇم ئېلان لايىھەسى
چەتئەلنىڭ ئاجايىپ ئىجادىي ئېلانل..
دۇنيا تەڭداشسىز گۈزەل (ئېلان)
    ئۇچۇر ئىزدەش  
نامى تونۇشتۇرۇش 
 
    ئۇچۇرلار تىزىملىكى    
بېلىق كاۋىپى

نۇرغۇن كىشىنىڭ نەزىرىدە ئۇيغۇرلار بېلىق يەپ كەتمەيدۇ ، ئەمما ، سىز جەنۇبىي شىنجاڭدىكى زەرەپشان دەرياسى بويلىرىغا بېرىپ قالسىڭىز ، بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بېلىق يەپلا قالماستىن بەلكى ، بېلىق كاۋىپى پىشۇرۇشتا دۇنيادىكى ئاز ئۇچرايدىغان ، قەدىمي ۋە ئىپتىدائىي ئۇسسۇلنى ساقلاپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىسىز ، بۇ خىلدىكى بېلىق كاۋىپى باشقا ھەرقانداق بېلىق كاۋىپىغا قارىغاندا ئىنتايىن تەملىك ، ئەلۋەتتە.

     زەرەپشان دەرياسى بويىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بېلىق كاۋىپى پىشۇرۇشىدا تۆۋەندىكىدەك قەدەم باسقۇچلار ئېلىپ بېرىلىدۇ: ئالدى بىلەن پۈتۈن بېلىقنىڭ قاسرىقى قىرىۋېتىلىدۇ ، بېلىقنىڭ قورساق قىسمى يېرىلىپ ، بېلىقنىڭ ئىچكى ئەزالىرى ئېلىۋېتىلىدۇ . بېلىقنىڭ تەكشى پىشىشى ئۈچۈن بېلىقنىڭ ئۈستۈنكى قىسمى ۋە ئاستىنقى قىسمىغا ئىككى تال قىسقا ياغاچ زىق توغرىسىغا پاراللېل ھالەتتە ئۆتكۈزۈلۈپ ، بېلىقنىڭ بەدىنى يەلپۈگۈچسىمان كېرىلىدۇ ، بېلىقنىڭ ئاغزىدىن قۇيرۇقىغىچە بىر تال تومراق يۇلغۇن زىق ئۇزۇنىسىغا ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئۆتكۈزۈپ تەييار قىلىۋېلىنغان پۈتۈن بېلىقلار بېلىقنىڭ بەدىنىگە ئۆتكۈزۈلگەن توم زىق ئارقىلىق دەريا بويىدىكى قۇم ساھىلىغا يۇمىلاق چەمبەر شەكلىدە سانجىپ ، تىزىلىدۇ ، ‹‹چەمبەر›› نىڭ ئوتتۇرىغا قۇرۇپ كەتكەن توغراق ئوتۇنى ياكى يۇلغۇن شاخچىلىرىدىن كىچىك گۈلخان ياسىلىپ ، بېلىق ئۇنىڭ ئوتىدا بىر سائەتلەر ئەتراپىدا قاقلاپ پىشۇرىلىدۇ . پىشۇرۇپ ئېلىنغان بېلىق كاۋىپىغا تۇز ، مۇچ ئۇۋىقى ، زىرىلەر سېپىلسە ، بېلىق كاۋىپى تېخىمۇ خۇش پۇراق ۋە يېيىشلىك بولىدۇ. 

 

  قۇشۇلغان ۋاقتى:2010-8-28 12:43:37 ئاۋاتلىغى:119
بېكەت ھەققىدە  |  ئېلان مۇلازىمىتى  |  شان -شەرەپلەر  |  قوللىغۇچىلىرىمىز  |  ئۇلىنىش ئىلتىماس قىلىش  |  ئۇلىنىش دۇنياسى  |  ئالاقىلىشىڭ
بۇ بېكەتنىڭ بارلىق ھۇقۇقى شىرىنىم تور تەتقىقات ئورنىغا مەنسۈپ ، باشقىلارنىڭ باش بەت لايىھەسىنى  ئوخشتىپ ياسىشى چەكلىنىدۇ .
مۇلازىمەت خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn    ئالاقە QQ نۇمۇرى : 627530058,396896928
ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453      ئالاقىلاشقۇچى : ئەكبەر

ICP10001556

7