United Arab newspapers
باش بەت قىلىۋېلىڭ        قۇشۇۋېلىڭ ئىزدەش سېستىمىغا كىرىش تىزىملىتىش پارول قايتۇرۇش
شىرىنىم تورىغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز !
 
باش بەت خەۋەرلەر ئۇچۇرلار mp3 ناخشا MTV ناخشا كىنوخانا تور ئويۇنلىرى كۈلدۈرگە دېتاللار رەسىم
   ئۇچۇر تۈرى  
   &  تارماق سەھىپىلەر
     &   مودا ۋە يېڭىلىقلار
     &   رەسساملىق
     &   قۇرۇلۇش مەدەنىيىتى
     &   قول - ھۈنەر
     &   كۆرگەزمە
     &   فوتۇگرافلىق
     &   ئېلان - لاھىيە
     &   كىيىم - كېچەك
     &   گىرىم بۇيۇملىرى
     &   ماشىنا دۇنياسى
     &   يىمەك - ئىچمەك
   تەۋسىيە ئۇچۇر  
 
تەۋسىيە ئۇچۇر يوق!
   ئاۋات ئۇچۇر  
 
بەتتە پولو
lady gaga رول ئالغان گۇگېل chrome تور كۆر..
ئۆزگىچە ئېلانلار --(1-قىسم)
شىرىنىم تور بىكىتى ئېلانى
نۇزۇگۇم ئېلان لايىھەسى
ئۇلىنىش دۇنياسى ئېلانى
شۆپىلەننىڭ ئىلانى
نۇزۇگۇم ئېلان لايىھەسى
چەتئەلنىڭ ئاجايىپ ئىجادىي ئېلانل..
دۇنيا تەڭداشسىز گۈزەل (ئېلان)
    ئۇچۇر ئىزدەش  
نامى تونۇشتۇرۇش 
 
    ئۇچۇرلار تىزىملىكى    
نورۇزلۇق تائام — سۈمەلەك
نورۇز — دىيارىمىزدىكى ئۇيغۇر، ئۆزبېك، قازاق، قىرغىز، تاجىك، تاتار قاتارلىق مىللەتلەرگە ئورتاق ئەنئەنىۋى مىللىي بايرام. ئۇلارنىڭ بۇ بايرامنى نىشانلاش ۋاقتى، مەزمۇنى  بىردەك بولسىمۇ، ئادەتلەر جەھەتتىن مەلۇم خاسلىققا ئىگە. مەسىلەن: نورۇزلۇق تائام — ئۇيغۇرلاردا ‹‹نورۇز ئېشى››، قازاقلاردا ‹‹كۆجە››، ئۆزبېكلەردە ‹‹سۈمەلەك››،... بولغىنىدەك.

      سۈمەلەك يېيىشلىك، ئۆزگىچە تائام بولۇپ، ئۇنى تەييارلاش جەريانى مۇنداق: ھەر يىلى 3 – ئاي كىرىشى بىلەن، يەنى نورۇز كۈنلىرىگە 12 – 13 كۈن قالغاندا مەلۇم مىقداردىكى بۇغداي(مۇراسىمغا قاتنىشىدىغان ئادەم سانىغا قاراپ)چوڭ تەڭنە (جاۋۇر)گە سېلىنىپ سۇ قۇيۇلۇپ،ئىككى كۈن ئەتراپىدا چىلاپ قويۇلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن بۇغداي سۈزۈۋېلىنىپ،  ئىسسىق ئۆيگە يېيىتىلىپ، ئۈستىگە كىليونكا يېپىلىپ، كۆرپىلەر بىلەن چۈمكىلىپ، ئىلىمان سۇ چېچىلىپ ئىككى كۈن تۇرغۇزۇلىدۇ. بۇ جەرياندا بۇغداي 4 – 5 سانتىمېتىرچە بىخلىنىدۇ. بۇ چاغدا يوغان تاختاي پاكىز يۇيۇلۇپ، بۇغداي مايسىسى تاختاي ئۈستىگە تەكشى يېيىتىپ قويۇلىدۇ. ئۈندۈرمە شۇ ھالەتتە ئىللىق جايدا بىر ھەپتىچە تۇرغاندىن كېيىن يەنە بىر نەچچە سانتىمېتىر ئۆسىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن مايسىنىڭ ئۇچىدىن ئىككى –  ئۈچ سانتىمېتىر قىرقىۋېتىلىپ، قالغان قىسمى تازا ئېزىپ – يانجىلىپ ئەلگەكتە سۈزۈۋېلىنىدۇ. بۇ تەرتىپ تاماملانغاندىن كېيىن، داش قازان ئېسىلغان ئوچاققا ئوت  قالىنىپ، بىر چارەك  (سەككىز كىلوگرام) بۇغداي ئۈندۈرمىسى ئۈچۈن قازانغا بەش كىلوگرام  ئەتراپىدا ئۆسۈملۈك يېغى قۇيۇلۇپ، ياغ داغلانغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا بىر چېلەك سۇ قۇيۇپ، ئاندىن بۇغداي ئۈندۈرمىسىنىڭ ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈلگەن سۈيى(سۈتى) قۇيۇلىدۇ، ئۇ بىر ئاز قاينىغاندىن كېيىن قازان مۇۋاپىق مىقداردا سۇ بىلەن تولدۇرۇلۇپ يەنە بەش چارەكچە بۇغداي ئۇنى سېلىپ چېلىنىپ، ئون سائەتچە قاينىتىلىدۇ. بۇ جەرياندا قازاندىكى سۇ تەركىبىي پۈتۈنلەي پارغا ئايلىنىپ،  ئۇن، ياغ ۋە بۇغداي مايسىسىنىڭ شىرنىسىلا قالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن جىگەر  رەڭگە كىرگەن، ئاقسىل، ۋىتامىن قاتارلىق ئادەم تېنىگە يېقىشلىق تەركىبلەر مول بولغان، قەنت –  شېكەر سېلىنمىسىمۇ شېرىن، يېيىشلىك بولغان بۇ تاڭسۇق تائام تەييار بولغان بولىدۇ.

 

  قۇشۇلغان ۋاقتى:2010-8-28 12:42:41 ئاۋاتلىغى:119
بېكەت ھەققىدە  |  ئېلان مۇلازىمىتى  |  شان -شەرەپلەر  |  قوللىغۇچىلىرىمىز  |  ئۇلىنىش ئىلتىماس قىلىش  |  ئۇلىنىش دۇنياسى  |  ئالاقىلىشىڭ
بۇ بېكەتنىڭ بارلىق ھۇقۇقى شىرىنىم تور تەتقىقات ئورنىغا مەنسۈپ ، باشقىلارنىڭ باش بەت لايىھەسىنى  ئوخشتىپ ياسىشى چەكلىنىدۇ .
مۇلازىمەت خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn    ئالاقە QQ نۇمۇرى : 627530058,396896928
ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453      ئالاقىلاشقۇچى : ئەكبەر

ICP10001556

7