ئۇيغۇرلار شىنجاڭدىكى كۆچمەن چارۋىچىلىقتىن مۇقىم ئولتۇراقلىشىپ، دېھقانچىلىققا بۇرۇنراق يۈزلەنگەن مىللەتلەرنىڭ بىرى. گەرچە ئاشلىقنى ئاساسىي تائام قىلسىمۇ ئەمما ئوزۇقلىنىش مەدەنىيىتىدە ھازىرمۇ نۇرغۇنلىغان كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەردە بار بولغان ئۆزگىچە ئادەت ساقلانماقتا. گۆشتىن تەييارلانغان مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە تۈرلۈك يىمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىدۇ .
يىمەك-ئىچمەك قۇرۇلمىسى: ئادەتتىكى ئەھۋالدا ، زور كۆپچىلىك ئۇيغۇرلار ئۇننى ئاساسىي تائام قىلىدۇ. گۆش، سۈتنى ياقتۇرىدۇ. كۆكتاتنى ئاز ئىستېمال قىلىدۇ. ياز پەسلىدە مىۋە-چىۋىنى كۆپرەك يەيدۇ. ئۇيغۇرلار ئۈچ ۋاق تاماقلىنىشقا ئادەتلەنگەن. ئەتتىگەندە ئادەتتە چاي ياكى ئەتكەن چاي نان بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. بۇ ئاددى غىزالىنىش، چۈشتە، كەچتە تائام ئاساس قىلىنىدۇ. ئارىسالدا ۋاقىتلاردا چۈشتە ئوبدان ئوزۇقلىنىدۇ.
دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىللىرىدە چۈشلۈك تاماقنى ئېتىز بېشىدا يەيدۇ. ئادەتتە دېھقانلار ئېتىزلىقتا قوغۇن–تاۋۇز ياكى قېتىق بىلەن نان يەيدۇ. تاماق يىگەندە بىر ئائىلىدىكى چوڭ–كىچىك ھەممىسى قولىنى پاكىزە يۇيۇپ ، ئاندىن تائاملىنىدۇ. تاماقتىن كېيىن ، داستىخاننى يىغىشتىن بۇرۇن چوڭلارنىڭ ‹‹دۇئاسى›› دىن كېيىن داستىخاندىن ئايرىلىدۇ.
بۇنىڭدىن بۇرۇن، كۆپچىلىك ئۇيغۇرلار ئاساسەن ياغاچ ۋە ساپالدىن ياسالغان چىنە، قوشۇق، تەخسىلەردە غىزالىناتتى. ئەمما يەنىلا نۇرغۇنلىرى قولى بىلەن غىزالىنشنى ياقتۇراتتى.
ئۇيغۇرلارنىڭ گۆش تۈرىدىكى ئەنئەنىۋى يىمەكلىكلىرى ئاساسەن قوي گۆشى، كالا گۆشى، توخۇ، بېلىق قاتارلىقلار. بولۇپمۇ قوي گۆشىنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىدۇ. ئۇندىن سىرت بۇرۇن بەزىبىر ياۋايى ھايۋانلارنى ئالايلۇق: جەرەن، بوغا، ئارقار، بۆكەن، كەكلىك، قىرغاۋۇل، بۈدۈنە، كەرىقۇر قاتارلىقلارنى تولۇقلىما گۆش ۋە تائام يىڭىلاشتا ئىشلىتەتتى. سۈت يىمەكلىكلىرىدە ئاساسلىقى كالا سۈتى، ئۆچكە سۈتى، قېتىق، قايماق قاتارلىقلارنى ئىشلىتىدۇ. كۆكتاتتا ئاساسلىقى سەۋزە، چامغۇر، باش پىياز، سامساق، چاقما كاۋا، تۇرۇپ، پەمىدۇر، پىدىگەن، مۇچ، يۇمغاقسۈت، پىننە، نۇقۇت، كۆك پۇرچاق، بەرەڭگە قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلىدۇ. |