United Arab newspapers
باش بەت قىلىۋېلىڭ        قۇشۇۋېلىڭ ئىزدەش سېستىمىغا كىرىش تىزىملىتىش پارول قايتۇرۇش
شىرىنىم تورىغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز !
 
باش بەت خەۋەرلەر ئۇچۇرلار mp3 ناخشا MTV ناخشا كىنوخانا تور ئويۇنلىرى كۈلدۈرگە دېتاللار رەسىم
   ئۇچۇر تۈرى  
   &  تارماق سەھىپىلەر
     &   مودا ۋە يېڭىلىقلار
     &   رەسساملىق
     &   قۇرۇلۇش مەدەنىيىتى
     &   قول - ھۈنەر
     &   كۆرگەزمە
     &   فوتۇگرافلىق
     &   ئېلان - لاھىيە
     &   كىيىم - كېچەك
     &   گىرىم بۇيۇملىرى
     &   ماشىنا دۇنياسى
     &   يىمەك - ئىچمەك
   تەۋسىيە ئۇچۇر  
 
تەۋسىيە ئۇچۇر يوق!
   ئاۋات ئۇچۇر  
 
بەتتە پولو
lady gaga رول ئالغان گۇگېل chrome تور كۆر..
ئۆزگىچە ئېلانلار --(1-قىسم)
شىرىنىم تور بىكىتى ئېلانى
نۇزۇگۇم ئېلان لايىھەسى
ئۇلىنىش دۇنياسى ئېلانى
شۆپىلەننىڭ ئىلانى
نۇزۇگۇم ئېلان لايىھەسى
چەتئەلنىڭ ئاجايىپ ئىجادىي ئېلانل..
دۇنيا تەڭداشسىز گۈزەل (ئېلان)
    ئۇچۇر ئىزدەش  
نامى تونۇشتۇرۇش 
 
    ئۇچۇرلار تىزىملىكى    
ئەنئەنىۋى يىمەكلىكلەر

ئۇيغۇرلارنىڭ يىمەكلىك تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ، يۈز خىلدىن ئاشىدۇ، ئۆزگىچە مىللىي ئالاھىدىلىك ۋە يەرلىك تۈسكە ئىگە. 

    نان – ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئاساسلىق يىمەكلىكنىڭ بىرى بولۇش بىلەن يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ يىمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىدە ئالاھىدە تۈسكە ئىگە يىمەكلىكتۇر. نان ئۇيغۇر يىمەكلىكلىرى ئىچىدە ناھايىتىمۇ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە، نان «تۇنۇر» دا ئوتنىڭ قىزىقىدا قاقلىنىپ پىشۇرۇلىدۇ.

    شىنجاڭدىكى خەنزۇلار تونۇرنى گەمىدەك شەكلىگە قاراپ «نان گەمىسى» دەپ ئاتايدۇ. نان كۆپ ھاللاردا بولدۇرۇلغان خېمىرنى ئاساسلىق ماتېرىيال قىلىپ، گۈنجۈت، باش پىياز، تۇخۇم، ماي، سۈت، تۇز، شىكەرنى قوشۇمچە ماتېرىيال قىلىدۇ. ناننىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ، خېمىرنىڭ يۇغۇرۇلۇش، قوشۇمچە ماتېرىياللىرى، شەكلى، پۇشۇرۇش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنىڭ ئوخشىماسلىقى تۈپەيلىدىن، ئاتىلىشىمۇ ئوخشىمايدۇ. «ھەمەك نان» - بۇ نان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا «چوڭ نان» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ ئايلانمىسى قىرىق، ئەللىك مىللىمېتىر كىلىدۇ. ئەڭ كىچىك نان «توقاچ» (مايلىق نان) بولۇپ، ئەستايىدىل ئىشلىنىدۇ. خېمىرغا ماي، سۈت، تۇخۇم قاتارلىقلار قوشۇلىدۇ. مەززىلىك، ئۇزاق ۋاقىت ساقلاشقا بولىدۇ، ئوڭاي كۆكىرىپ قالمايدۇ. چايغا چىلىغان ھامان يۇمشايدۇ. توقاچ ئۇيغۇرلارنىڭ سەپەر تۇرمۇشىدىكى «ئەپلىك تائام» ھېسابلىنىدۇ. توقاچ ھېيت-ئايەملەردە داستىخانغا تىزىلىدۇ. نانلارنىڭ ئەڭ قېلىنى «گىردە» بولۇپ، قېلىنلىقى بەش-ئالتە مىللىمېتىر، ئوتتۇرىسى ئويمان بولىدۇ. بۇندىن سىرت، پېتىر خېمىردىمۇ نان يىقىلىدۇ. 

   سۇ ماي ياكى قوي ماينى خېمىرغا ئارىلاشتۇرۇپ، نىپىز يىيىتىلغاندىن كېيىن پۇشۇرۇلىدىغان يەنە بىر خىل نان بار. بۇ نان يۈزىگە ناۋات سۈيى سۈركۈلۈپ پۇشۇرۇلىدۇ. بۇ نان تاتلىق نان دىيىلىدۇ. ئۇندىن سىرت يەنە بىر خىل نان بولۇپ، گۆش قىيما قىلىنىپ بولدۇرۇلغان خېمىرنىڭ ئارىسىغا ئېلىنىپ پۇشۇرۇلىدۇ. بۇ «گۆش نان» دىيىلىپ، نانلارنىڭ شاھى ھېسابلىنىدۇ. ناندا سۇ تەركىبى ئاز بولغاچقا ئۇزاققىچە كۆكىرىپ قالمايدۇ. ئىلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەملىك، قۇۋۋەتلىك بولغاچقا، قېرىنداش مىللەتلەرمۇ ياقتۇرىدۇ.

   ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ ھەممىسىدە دىگۈدەكلا تونۇر بار. ھازىر شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئولتۇراق مۇھىتىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، ئاساسەن تەييار نان سېتىۋېلىپ يەيدىغان بولدى. ھالبۇكى، يېزىلاردا ئادەتتە بىر قېتىم يىقىلغان نان، بىر ئائىلە ئۈچۈن بىر قانچە كۈن يىتىدۇ. ئاياللار ئادەتتە سىرتقا چىقىشتىن بۇرۇن ئائىلە كىشىلىرى ئۈچۈن يوغان سىۋەتتە بىر كەلگۈدەك نان يىقىپ قويىدۇ.

    دېھقانلار سىرتقا چىققاندا ياكى ئېتىزلىققا، ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە ماڭغاندا نان ئېلىۋالىدۇ. بەزى چاغلاردا ئاندا-مۇندا مىۋە-چىۋە ئىلىۋېلىپ چۈشلۈك تائام قىلىدۇ. كىشىلەر يىراق سەپەرگە چىققاندىمۇ نان ئىلىۋېلىشنى ئۇنتۇمايدۇ. ياقا يۇرتتىكى ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىگە يۇرتنىڭ نىنىنى ئەۋەتىش ناھايىتىمۇ ئىسىل سوۋغا ھېسابلىنىدۇ.

 

  قۇشۇلغان ۋاقتى:2010-8-27 18:23:42 ئاۋاتلىغى:85
بېكەت ھەققىدە  |  ئېلان مۇلازىمىتى  |  شان -شەرەپلەر  |  قوللىغۇچىلىرىمىز  |  ئۇلىنىش ئىلتىماس قىلىش  |  ئۇلىنىش دۇنياسى  |  ئالاقىلىشىڭ
بۇ بېكەتنىڭ بارلىق ھۇقۇقى شىرىنىم تور تەتقىقات ئورنىغا مەنسۈپ ، باشقىلارنىڭ باش بەت لايىھەسىنى  ئوخشتىپ ياسىشى چەكلىنىدۇ .
مۇلازىمەت خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn    ئالاقە QQ نۇمۇرى : 627530058,396896928
ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453      ئالاقىلاشقۇچى : ئەكبەر

ICP10001556

15