United Arab newspapers
باش بەت قىلىۋېلىڭ        قۇشۇۋېلىڭ ئىزدەش سېستىمىغا كىرىش تىزىملىتىش پارول قايتۇرۇش
شىرىنىم تورىغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز !
 
باش بەت خەۋەرلەر ئۇچۇرلار mp3 ناخشا MTV ناخشا كىنوخانا تور ئويۇنلىرى كۈلدۈرگە دېتاللار رەسىم
   ئۇچۇر تۈرى  
   &  تارماق سەھىپىلەر
     &   مودا ۋە يېڭىلىقلار
     &   رەسساملىق
     &   قۇرۇلۇش مەدەنىيىتى
     &   قول - ھۈنەر
     &   كۆرگەزمە
     &   فوتۇگرافلىق
     &   ئېلان - لاھىيە
     &   كىيىم - كېچەك
     &   گىرىم بۇيۇملىرى
     &   ماشىنا دۇنياسى
     &   يىمەك - ئىچمەك
   تەۋسىيە ئۇچۇر  
 
تەۋسىيە ئۇچۇر يوق!
   ئاۋات ئۇچۇر  
 
بەتتە پولو
lady gaga رول ئالغان گۇگېل chrome تور كۆر..
ئۆزگىچە ئېلانلار --(1-قىسم)
شىرىنىم تور بىكىتى ئېلانى
نۇزۇگۇم ئېلان لايىھەسى
ئۇلىنىش دۇنياسى ئېلانى
شۆپىلەننىڭ ئىلانى
نۇزۇگۇم ئېلان لايىھەسى
چەتئەلنىڭ ئاجايىپ ئىجادىي ئېلانل..
دۇنيا تەڭداشسىز گۈزەل (ئېلان)
    ئۇچۇر ئىزدەش  
نامى تونۇشتۇرۇش 
 
    ئۇچۇرلار تىزىملىكى    
دول كۇلىچىلىقى
كۇلا — ئاق چىغدىن ياسىلىدىغان ئەنئەنىۋى ئارغامچا. سانائەت تەرەققىي قىلمىغان بۇرۇنقى زامانلاردا ئەجدادلىرىمىز كەندىر قوۋزىقىدىن يىپ – تالا تەييارلاپ تاغار توقۇپ پايدىلانسا، سۇ كەمچىل چۆل – ئىدىرلاردا ئۆسىدىغان ئۆسۈملۈك  ئاق چىغدىن كۇلا(ئارغامچا) ئېشىپ پايدىلانغان. كۇلا ناھايىتى چىداملىق بولۇپ، ئانچە – مۇنچە سۇغا چىلاپ نەمدەپ ئىشلەتسە  ئۇزاق چىدايدۇ. ئۇ، ۋادەك ئۆي سېلىشتا ۋادەكلەرنى باغلاپ چىڭىتىشتا چەگكۈچ، تېرىقچىلىقتا بوغۇسا تارتقۇ، ئۇلاغلارغا يۈك ئارتىشتا بوققۇچ، سۇ قاپىقىغا باغلىق قاتارلىق ئېھتىياجلاردا ئۆز كارامىتىنى نامايان قىلغان.

     لوپ ناھىيىسىنىڭ دول يېزىسىدىكىلەر بۇرۇندىن كۇلىچىلىق بىلەن داڭق چىقارغان بولۇپ، بۇ يېزىنىڭ‹‹دوللاغ كۇلىچى›› دېگەن نامى بار. غەيرىي ماددىي مادەنىيەت مىراسلىرىنى يېقىندا ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشتە بۇ يېزىنىڭ قاقلىق كەنتىدىكى مەتتوختى ئىسىملىك بىرەيلەننىڭ بۇ ئەنئەنىۋى ھۈنەرنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقى ئېنىقلىنىپ، بۇ ھۈنەر ناھىيە دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان تۈرلەرگە كىرگۈزۈلدى.

     ئادەتتە، كۇلىچىلىق مەشغۇلاتى ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، جاڭگالدىن ئورۇپ كېلىنگەن چىغ كۆلچەك، ئېرىقلارغا بىر نەچچە سائەت چىلاپ قويۇلغاندىن كېيىن، كۆتەك ئۈستىگە قويۇلۇپ ياغاچ توقماق بىلەن يۇمشىتىلىدۇ. چىغ شۇ تەقلىدتە تازا يۇمشىتىلغاندىن كېيىن، توم – ئىنچىكىلىكى ئىشلىتىش ئۆلچىمىگە ئاساسەن بەلگىلىنىپ، چاچ ئۆرۈگەندەك چىڭ ئۆرۈلۈپ تەييارلىنىدۇ. ئۇزاقراق ئىشلىتىش ئۈچۈن سۇغا چىلاپ نەمرەك ساقلاش تەلەپ قىلىنىدۇ.  بۇ ھەقتە خەلق ئارىسىدا ‹‹كۇلىنى چىلاپ ئىشلەت، ياماننى سىلاپ (ئىشلەت)›› دەيدىغان  ماقال بار.

     كۇلىنىڭ خام ئەشياسى بولغان ئاق چىغ لوپ ناھىيىسىنىڭ دول يېزىسىدىن باشقا ئاچچىق دېگەن تاغلىق رايوندىمۇ كۆپ چىقىدۇ. شۇڭا بۇ تاغلىق يۇرتنىڭ ئەسلى نامى ‹‹ئاق چىغ›› دەپ ئاتالغان. ئاق چىغدىن ئېشىلىدىغان كۇلا –  ئارغامچا ھازىر ئىھتىياجنىڭ سۇسلىشىشى بىلەن ئىستېمالدىن قېلىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ چىغدىن ياسىلىدىغان سۈپۈرگىلەر ھازىر شەھەر –  بازارلاردىكى تازىلىق ئىشچىلىرىنىڭ مۇھىم قورالى بولۇپ  قالدى. ئاق چىغ شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىدىكى يەنە بىر مەنبەگە ئايلانماقتا.

 

  قۇشۇلغان ۋاقتى:2010-8-24 14:34:54 ئاۋاتلىغى:118
بېكەت ھەققىدە  |  ئېلان مۇلازىمىتى  |  شان -شەرەپلەر  |  قوللىغۇچىلىرىمىز  |  ئۇلىنىش ئىلتىماس قىلىش  |  ئۇلىنىش دۇنياسى  |  ئالاقىلىشىڭ
بۇ بېكەتنىڭ بارلىق ھۇقۇقى شىرىنىم تور تەتقىقات ئورنىغا مەنسۈپ ، باشقىلارنىڭ باش بەت لايىھەسىنى  ئوخشتىپ ياسىشى چەكلىنىدۇ .
مۇلازىمەت خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn    ئالاقە QQ نۇمۇرى : 627530058,396896928
ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453      ئالاقىلاشقۇچى : ئەكبەر

ICP10001556

8