United Arab newspapers
باش بەت قىلىۋېلىڭ        قۇشۇۋېلىڭ ئىزدەش سېستىمىغا كىرىش تىزىملىتىش پارول قايتۇرۇش
شىرىنىم تورىغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز !
 
باش بەت خەۋەرلەر ئۇچۇرلار mp3 ناخشا MTV ناخشا كىنوخانا تور ئويۇنلىرى كۈلدۈرگە دېتاللار رەسىم
   ئۇچۇر تۈرى  
   &  تارماق سەھىپىلەر
     &   مودا ۋە يېڭىلىقلار
     &   رەسساملىق
     &   قۇرۇلۇش مەدەنىيىتى
     &   قول - ھۈنەر
     &   كۆرگەزمە
     &   فوتۇگرافلىق
     &   ئېلان - لاھىيە
     &   كىيىم - كېچەك
     &   گىرىم بۇيۇملىرى
     &   ماشىنا دۇنياسى
     &   يىمەك - ئىچمەك
   تەۋسىيە ئۇچۇر  
 
تەۋسىيە ئۇچۇر يوق!
   ئاۋات ئۇچۇر  
 
بەتتە پولو
lady gaga رول ئالغان گۇگېل chrome تور كۆر..
ئۆزگىچە ئېلانلار --(1-قىسم)
شىرىنىم تور بىكىتى ئېلانى
نۇزۇگۇم ئېلان لايىھەسى
ئۇلىنىش دۇنياسى ئېلانى
شۆپىلەننىڭ ئىلانى
نۇزۇگۇم ئېلان لايىھەسى
چەتئەلنىڭ ئاجايىپ ئىجادىي ئېلانل..
دۇنيا تەڭداشسىز گۈزەل (ئېلان)
    ئۇچۇر ئىزدەش  
نامى تونۇشتۇرۇش 
 
    ئۇچۇرلار تىزىملىكى    
قاسقانچىلىق

ئارخېئولوگىيىلىك قېزىلمىلاردىن تاش قوراللار دەۋرىگە نەزەر سالساق ، ئاتا–بوۋىلىرىمىز تاش بوقۇرسا ، تاش ئورغاق ، تاش كەتمەن قاتارلىقلارنى ئىشلەتكەندىن باشقا ، يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ يېڭى ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرىدىن پايدىلانغانلىقىنى بىلەلەيمىز . ئۇلار يەر ئاغدۇرۇشتا ئادەم كۈچىدىنلا ئەمەس ، ئات–ئۇلاغلاردىنمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلانغان . بۇنىڭدىن نەچچە مىڭ يىل ئىلگىرىلا ئاشلىقتىن ھەر خىل يېمەكلىكلەرنى پىشۇرۇپ يېيىشنى بىلگەن . قەدىمكى دەۋرلەرگە تەئەللۇق قەبرىلەر ، شەھەر خارابىلىرىدىن تېپىلغان بۇغداي نان ، قوناق نانلىرى ، بوتقىلار بۇنى ئىسپاتلايدۇ .

       تائاملىرىمىزنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ بولغىنىدەك ، تائام تەييارلاش سايمانلىرىمىز ۋە ئۇلارنى ياساش كەسپىمۇ ناھايىتى كۆپ . بۇلارنىڭ ئىچىدە قاسقانچىلىق ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ . قاسقانچىلىقىمىز خاسلىققا ئىگە . خەلقىمىز ئىپتىدائىي ئوۋچىلىق ، چارۋىچىلىق تۇرمۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ، دېھقانچىلىق ، قول ھۈنەرۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللانغاندىن تارتىپلا قاسقانچىلىق كەسپىنى جارى قىلىشقا باشلىغان .

       قاسقان ماتېرىيالى : يەرلىك قارا تېرەك ياغىچى ، شوينا ، يىپ ، ماتادىن ئىبارەت .

      قاسقان ياساش ئەسۋابلىرى : رەندە ، كەكە ، قول ھەرىسى ، توغرا بىسلىق پىچاق ، يىڭنە ، ئۈچكە ، تانا ، تاختاي ئىگىدىغان چىغىرىق شەكىلدىكى مەشتىن ئىبارەت .

 

       قاسقان ياساش ئۇسۇلى : قارا تېرەك ياغىچى قاسقان ئۆلچىمىگە لايىق قىلىپ تىلىنىدۇ . تاختاينىڭ كەڭلىكى 12 سانتىمېتىر ، قېلىنلىقى ئالتە مىللىمېتىر بولىدۇ . تاختاي ھۆل بولسا ، ئاپتاپقا قاقلاپ شىرىشىم قىلىنىدۇ . ئەگەر قۇرۇق بولسا بىر سوتكىچە سۇغا چىلاپ ھاۋىسى تەڭشىلىدۇ . ئادەتتە قاسقان چەمبىرىىنىڭ دىئامېتىرى 60 سانتىمېتىر بولىدۇ . بۇنىڭ ئۈچۈن تاختاي ئىككى مېتىر ئۇزۇنلۇقتا تىلىنىدۇ . تىلىنغان شىرىشىم تاختاي سۇس ئوت قالانغان چىغىرىق شەكىلدىكى مەشتە ئىگىلىدۇ . ئىگىشتە تاختاي ئۇچى چىغىرىق ئىچىگە كىرگۈزۈلۈپ ئوڭ قولدا تاختاي بېسىلىپ ، سول قولدا تاختاي ئايلاندۇرۇلىدۇ . بۇنىڭ بىلەن شىرىشىم تاختاي ئوتنىڭ تەپتىدە چەمبەر ھاسىل قىلىدۇ . قاسقان ئايلانمىسى پۈتكەندىن كېيىن ئىككى بېشى شوينا بىلەن چېتىلىدۇ . ئۇنىڭدىن كېيىن قاسقان ئايلانمىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئىككى تەرەپتىىن 15 سانتىمېتىردىن ئۇچى چىقىپ تۇرىدىغان ئۇزۇن تاختاي قويۇلىدۇ . ئۇنىڭ قاسقان ئىچىدىكى قىسمى قاسقان ئىچىگە قويۇلىدىغان شادا ياغاچلارنى كۆتۈرۈپ تۇرۇش ، سىرتقا چىققان قىسمى قاسقاننىڭ تۇتقۇچى بولۇش رولىنى ئوينايدۇ . ئۇنىڭدىن كېيىن قاسقان ئىچىگە تۆت مىللىمېتىر قېلىنلىقتا ، بىر سانتىمېتىر كەڭلىكتە تىلىنغان شادا ياغاچلار بىر سانتىمېتىر ئارىلىق قالدۇرۇلۇپ شوينا بىلەن چېتىپ تۇرغۇزۇلىدۇ . شادىلار قاسقانغا تىزىلغان تائامنى كۆتۈرۈپ تۇرسا ، قالدۇرۇلغان ئارىلىقتىن ھور ئۆتۈشۈپ تۇرىدۇ . قاسقاننىڭ ئۈستى تەرىپىگە ئايلانما چەمبىرەك قويۇلىدۇ . بۇ ئۈستىگە قويۇلغان دەستىلىمە قاسقاننى كۆتۈرۈپ تۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ . قاسقانلار يۇقىرىقى ئۇسۇلدا ياسىلىپ ، بىر–بىرىنىڭ ئۈستىگە قوندۇرۇلىدۇ . قاسقاننىڭ ئۈستى تاختاي بىلەن توسالغاندىن سىرت ماتا  بىلەن قاپلىنىدۇ . بۇنىڭ ھورنى توسۇش ۋە ياغاچنى كىر قىلماسلىق رولى بار .

         قاسقانلىرىمىزنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكى بار : تېرەك ياغىچى نەملىك سۈمۈرىدۇ . مانتا ، ھورنان ، يۇتازا قاسقاندا قانچىلىك ئۇزاق تۇرسىمۇ ياغاچنىڭ نەملىكى بىلەن نورمال نەملىكىنى ساقلىيالايدۇ . قومۇش سۇ سۈمۈرمىگەچكە نەملىك ساقلىيالمايدۇ . شۇڭا قومۇش قاسقاندا پىشۇرۇلغان مانتا ، ھورنان ، يۇتازىلار قۇرغاق بولۇپ قالىدۇ ، تەمى ياخشى بولمايدۇ . خەلقىمىز كېيىنكى چاغلاردا مىس بويۇملارنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلىشىپ جىمبىل ياساپ ئىشلىتىدىغانمۇ بولدى .

 

  قۇشۇلغان ۋاقتى:2010-8-24 14:29:53 ئاۋاتلىغى:107
بېكەت ھەققىدە  |  ئېلان مۇلازىمىتى  |  شان -شەرەپلەر  |  قوللىغۇچىلىرىمىز  |  ئۇلىنىش ئىلتىماس قىلىش  |  ئۇلىنىش دۇنياسى  |  ئالاقىلىشىڭ
بۇ بېكەتنىڭ بارلىق ھۇقۇقى شىرىنىم تور تەتقىقات ئورنىغا مەنسۈپ ، باشقىلارنىڭ باش بەت لايىھەسىنى  ئوخشتىپ ياسىشى چەكلىنىدۇ .
مۇلازىمەت خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn    ئالاقە QQ نۇمۇرى : 627530058,396896928
ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453      ئالاقىلاشقۇچى : ئەكبەر

ICP10001556

5