United Arab newspapers
باش بەت قىلىۋېلىڭ        قۇشۇۋېلىڭ ئىزدەش سېستىمىغا كىرىش تىزىملىتىش پارول قايتۇرۇش
شىرىنىم تورىغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز !
 
باش بەت خەۋەرلەر ئۇچۇرلار mp3 ناخشا MTV ناخشا كىنوخانا تور ئويۇنلىرى كۈلدۈرگە دېتاللار رەسىم
   ئۇچۇر تۈرى  
   &  تارماق سەھىپىلەر
     &   مودا ۋە يېڭىلىقلار
     &   رەسساملىق
     &   قۇرۇلۇش مەدەنىيىتى
     &   قول - ھۈنەر
     &   كۆرگەزمە
     &   فوتۇگرافلىق
     &   ئېلان - لاھىيە
     &   كىيىم - كېچەك
     &   گىرىم بۇيۇملىرى
     &   ماشىنا دۇنياسى
     &   يىمەك - ئىچمەك
   تەۋسىيە ئۇچۇر  
 
تەۋسىيە ئۇچۇر يوق!
   ئاۋات ئۇچۇر  
 
بەتتە پولو
lady gaga رول ئالغان گۇگېل chrome تور كۆر..
ئۆزگىچە ئېلانلار --(1-قىسم)
شىرىنىم تور بىكىتى ئېلانى
نۇزۇگۇم ئېلان لايىھەسى
ئۇلىنىش دۇنياسى ئېلانى
شۆپىلەننىڭ ئىلانى
نۇزۇگۇم ئېلان لايىھەسى
چەتئەلنىڭ ئاجايىپ ئىجادىي ئېلانل..
دۇنيا تەڭداشسىز گۈزەل (ئېلان)
    ئۇچۇر ئىزدەش  
نامى تونۇشتۇرۇش 
 
    ئۇچۇرلار تىزىملىكى    
ئۇيغۇرلارنىڭ ياغاچ ئويمىچىلىق سەنئىتى
 ئۇيغۇرلارنىڭ ياغاچ ئويمىچىلىق سەنئىتىنىڭ تارىخى ئۇزۇن ، ئىشلىتىش دائىرىسى كەڭ ، شەكلى كۆپ بولۇپ ، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ كەتكەن . يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پەن – تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن بەزى تۇرمۇش بۇيۇملىرى چوڭ شەھەرلەردە ئىشلىتىشتىن قالغان بولسىمۇ ، لېكىن خېلى كۆپ تۇرمۇش بۇيۇملىرى قول ھۈنەر سەنئىتى سۈپىتىدە ھېلىھەم ئۆزىنىڭ قىممىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە . ئۇيغۇرلارنىڭ ياغاچ ئويمىچىلىق سەنئىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنىڭ نامايەندىسى بولۇپ ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىستېتىك قارىشى ، ئىستېتىك مەنبەسى ، مەدەنىيىتى ، ئۆرپ – ئادىتى ، تىلى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە .

       * قوشۇق — چىلان ياكى ئۆرۈك ياغىچىدىن ياسىلىدىغان ، تاماق يېيىشتە ئىشلىتىدىغان مۇھىم تۇرمۇش ۋاستىسىدۇر .

        ئۇيغۇرلارنىڭ قوشۇق ياساش ۋە ئىشلىتىش تارىخى 3000 يىلدىن ئاشىدۇ . ئۇ ئۇيغۇر  ياغاچ ئويمىچىلىق سەنئىتىدىكى مۇھىم نامايەندىلەرنىڭ بىرى .
        قوشۇق ياسايدىغان ياغاچنى 20 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا كېسىپ ، ئوتتۇرىسىدىن يېرىپ ، سېپى تەرىپىنى ئىنچىكە قىلىپ ، باش قىسمىنى تەكشىلەپ ، ئىچى ئەگمە پىچاق بىلەن ئۇيۇلىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا يەنە كاشكات دەپ ئاتىلىدىغان ياي شەكىللىك يەنە بىر پىچاق بىلەن سىلىقلىنىپ ، سېپىغا تۈرلۈك نەقىشلەر ئويۇلىدۇ . ياغاچ قوشۇقنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى ، ئېغىزنى ئاسان كۆيدۈرمەيدۇ ، تاماق يېيىشكە قولايلىق ، چىداملىق ، بىر قوشۇقنى نەچچە ئون يىل ئىشلىتىشكە بولىدۇ . قوشۇق ھازىر تۇرمۇش بۇيۇمىدىن سەنئەت بۇيۇمى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلدى . باھاسىمۇ بارغانسېرى يۇقىرى بولماقتا . چەت ئەللەرگە ئۇرۇق – تۇغقان يوقلاشقا ، ھەج – تاۋاپ قىلىشقا بارغان كىشىلەرمۇ يېقىن كىشىلىرىگە قىممەتلىك سوۋغا سۈپىتىدە قوشۇق ھەدىيە قىلماقتا .

       * ئاياق — ئۇيغۇر ئويمىچىلىق سەنئىتىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان ، تاماق يېيىشتە ئىشلىتىدىغان قاچا بولۇپ ، تۇرمۇشتە كەم بولسا بولمايدىغان تۇرمۇش ۋاستىسىدۇر . ئۇيغۇرلار ھازىر ئىشلىتىۋاتقان فار – فۇر بۇيۇملار ياسىلىشتىن نەچچە ئەسىر ئىلگىرىلا ياغاچتىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىپ ئۇنى ئۆز تۇرمۇشى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرغان .

        ئاياق ساپ ، تەبىئىي ھېچقانداق خىمىيىۋى ماددا ئارىلاشمىغان تاماق قاچىسى بولۇپ ، كۆركەم ، چىداملىق ، چىرايلىق ، ئېغىزنى كۆيدۈرمەيدۇ . تاماق تېز سوۋۇيدۇ ، ھازىرمۇ نۇرغۇن دېھقان – چارۋىچلارنىڭ ئۆيلىرىدىن بۇنىڭدىن ئۈچ – تۆت ئەسىر ئىلگىرى ياسالغان ئاياقلارنى ئۇچرىتىشقا بولىدۇ . ئۇ ھازىر يېزا – قىشلاقلادا كەڭ ئىشلىتىلمەكتە .

       * جام — ئۇيغۇر ياغاچ ئويمىچىلىق سەنئىتىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان ، ئالاھىدە ئىشلەنگەن تۇرمۇش ۋاستىسى بولۇپ ، ياساش ، ئىشلىتىش خام ماتېرىيالى جَەھەتتە ئاياق بىلەن تامامەن ئوخشايدۇ . پەقەت شەكلى جەھەتتىلا پەرقلىنىدۇ . جام ھەجىم جەھەتتىن ئاياقتىن كىچىك ، ئەمما ئاياقتىن ئېگىز بولۇپ گىرۋىكى تۈز بولىدۇ ، ئۇ تاماق ساقلاشقا ئىشلىتىلىدۇ . ئەگەر جامغا تۇۋاق بېكىتىلسە تېخىمۇ ئەپلىك بولىدۇ . ھازىر بۇنداق جام تۇرمۇشتا خېلى كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىلمەكتە .

      * كاسا — ئۇيغۇر ياغاچ  ئويمىچىلىق سەنئىتىدە ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدىغان مۇھىم تۇرمۇش  ۋاستىسى ھېساپلىنىدۇ .

        كاسا — خېمىر يۇغۇرۇشتا ئىشلىتىدىغان قاچا بولۇپ ، ھازىرقى چوڭ داسنىڭ بۇرۇنقى شەكلى . كاسىنىڭ چوڭلىرىنىڭ ئايلانمىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئىككى مېتىر ، ئۇزۇنلۇقى 80 – 90 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ . كاسا سۆگەت ياكى ياڭاق ياغىچىدىن ياسىلىدۇ . ئايلانمىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئىككى مېتىردىن ئارتۇقراق كېلىدىغان توم ياغاچنى 30 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا  كېسىپ ، سىرتقى قىسمىنى ئاندىن ئىچى قىيدام كەكە دەپ ئاتىلىدىغان ئەسۋاپ بىلەن ئويۇپ سىلىقلىنىدۇ ، سىرتىغا نەقىشلەر ئويۇلىدۇ . بۇنداق كاسا ناھايىتى چىداملىق ، خېمىر يۇغۇرۇشقا ئەپلىك بولۇپ ، ھازىرمۇ ئىككى ، ئۈچ ئەسىر بۇرۇنقى كاسىلارنى ئۇچرىتىشقا بولىدۇ .

       * تەڭلە — تەڭلىنىڭ ياسىلىشى ، شەكلى ، ماتېرىيالى كاسا بىلەن ئوخشاش بولۇپ ، ئىشلىتىشى جەھەتتىن پەرقلىنىدۇ ، يەنى تەڭلە كىر يۇيۇشقا ئىشلىتىلىدۇ . كاسىنىڭ شەكلى ئاساسەن يۇمۇلاق بولىدۇ . تەڭلىنىڭ بەزىسىنىڭ شەكلى يۇمۇلاق ، بەزىسىنىڭ ئۇزۇنچاق بولىدۇ ، ئۇزۇنچاقلىرىنىڭ سىرتىدا ئايرىم تۇتقىسى بولىدۇ . تەڭلە كىر يۇيۇشقا ئەپلىك ، چىداملىق بولۇپ ، يېزا – قىشلاقلاردىكى بىر قىسىم ئائىلىلەردە ھېلىھەم ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە .

       * غەلۋىر — ئۇيغۇرلار چارۋىچىلىق تۇرمۇشىدىن دېھقانچىلىق تۇرمۇشىغا قەدەم قويغان دەسلەپكى مەزگىللەردە ئىجاد قىلىنغان مۇھىم ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىسىدۇر .

       غەلۋىر دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرنى پاكىزلەش ، دان ئايرىۋېلىشقا ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ ، ياسىلىشى ئاددىي ، ئىشلىتىلىشى كەڭ ، غەلۋىر ساپ تېرەك ياغىچىدىن ياسىلىدۇ . ياغاچ  نېپىزلىتىلىپ چەمبەر شەكلدە ياسىلىدۇ . ياغاچ نېپىزلىتىلىپ چەمبەر شەكلىدە ئېگىلىدۇ . ئاندىن ئۆچكە تېرىسىنى نېپىزلىتىپ ھازىرقى سىم تور شەكلىدە توقۇلىدۇ . ئەگەر توقۇلغان قىسمى ھۆل بولۇپ قالمىسىلا ئىككى ، ئۈچ يىل ئەتراپىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ .
        غەلۋىر دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى پاكىزلاشتا ھازىرمۇ يېزا – قىشلارقلاردا كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىلمەكتە .

 

  قۇشۇلغان ۋاقتى:2010-8-24 14:09:52 ئاۋاتلىغى:103
بېكەت ھەققىدە  |  ئېلان مۇلازىمىتى  |  شان -شەرەپلەر  |  قوللىغۇچىلىرىمىز  |  ئۇلىنىش ئىلتىماس قىلىش  |  ئۇلىنىش دۇنياسى  |  ئالاقىلىشىڭ
بۇ بېكەتنىڭ بارلىق ھۇقۇقى شىرىنىم تور تەتقىقات ئورنىغا مەنسۈپ ، باشقىلارنىڭ باش بەت لايىھەسىنى  ئوخشتىپ ياسىشى چەكلىنىدۇ .
مۇلازىمەت خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn    ئالاقە QQ نۇمۇرى : 627530058,396896928
ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453      ئالاقىلاشقۇچى : ئەكبەر

ICP10001556

5