United Arab newspapers
باش بەت قىلىۋېلىڭ        قۇشۇۋېلىڭ ئىزدەش سېستىمىغا كىرىش تىزىملىتىش پارول قايتۇرۇش
شىرىنىم تورىغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز !
 
باش بەت خەۋەرلەر ئۇچۇرلار mp3 ناخشا MTV ناخشا كىنوخانا تور ئويۇنلىرى كۈلدۈرگە دېتاللار رەسىم
   ئۇچۇر تۈرى  
   &  تارماق سەھىپىلەر
     &   مودا ۋە يېڭىلىقلار
     &   رەسساملىق
     &   قۇرۇلۇش مەدەنىيىتى
     &   قول - ھۈنەر
     &   كۆرگەزمە
     &   فوتۇگرافلىق
     &   ئېلان - لاھىيە
     &   كىيىم - كېچەك
     &   گىرىم بۇيۇملىرى
     &   ماشىنا دۇنياسى
     &   يىمەك - ئىچمەك
   تەۋسىيە ئۇچۇر  
 
تەۋسىيە ئۇچۇر يوق!
   ئاۋات ئۇچۇر  
 
بەتتە پولو
lady gaga رول ئالغان گۇگېل chrome تور كۆر..
ئۆزگىچە ئېلانلار --(1-قىسم)
شىرىنىم تور بىكىتى ئېلانى
نۇزۇگۇم ئېلان لايىھەسى
ئۇلىنىش دۇنياسى ئېلانى
شۆپىلەننىڭ ئىلانى
نۇزۇگۇم ئېلان لايىھەسى
چەتئەلنىڭ ئاجايىپ ئىجادىي ئېلانل..
دۇنيا تەڭداشسىز گۈزەل (ئېلان)
    ئۇچۇر ئىزدەش  
نامى تونۇشتۇرۇش 
 
    ئۇچۇرلار تىزىملىكى    
سەرراچلىق
ئۇيغۇر قول ھۈنەرۋەنچىلىكىدە سەرراچلىق ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ. سەرراچلار ئىگەر  –  جابدۇق، ھارۋا جابدۇقى، ئات، تۆگە، خېچىر، ئېشەكلەرنىڭ توقۇم –  مۆلۆسى ۋە بۇلارغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق جابدۇقلارنى ياسايدۇ.

     سەرراچلىقنىڭ مەھسۇلات تۈرى كۆپ ۋە خىلمۇ خىل. مەسىلەن: سەرراچلىرىمىز ئۇيغۇرچە قۇش باشلىق قەدىمكى ئىگەر، موڭغۇلچە، قازاقچە، قىرغىزچە، روسچە، ھەربىيچە ۋە خەنزۇچە ئىگەر قاتارلىق ئىگەرلەرنى، تۆت ئاتلىق، قوش ئاتلىق ھارۋا جابدۇقى، يارىيار، خادىك، كالا، ئېشەك ھارۋىسىنىڭ جابدۇقلىرىنى ياسايدۇ. سەرراچلىرىمىزنىڭ قولى چېۋەر، ئۇلار ھۈنەرگە كامىل. قۇش باشلىق ئىگەرنى ياساشتا ئۇلار ئىگەرنىڭ قاپىپى(ئىككى يېنى)، سوڭ(ئارقىسى)، ئۈستى كىرەشمىسى(ئىككى قاپىپىنى چېتىپ تۇرىدىغان) ۋە قۇشنىڭ بېشىنى ئايرىم ياسايدۇ. بۇلار پۈتكەندىن كېيىن، قۇش پېيى ئۇرۇپ يانجىلىپ، قاپىپا  –  سوڭغا يارا يېلىم سۈركىلىپ، ئۈستىگە يانجىلغان پەي چاپلىنىپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن يەنە يارا يېلىم سۈركىلىپ، قۇش بېشى، قاپىپا، سوڭ، كىرەشمىلەر كىرىشتۈرۈلۈپ، بېرىلگەن يېلىم ئۈستىگە قاتمۇ قات ماتا ئورىلىپ، ھەر قاتقا يەنە يارا يېلىم بېرىلىدۇ، ئورالغان ماتا بىلەن ئىگەر تەڭشىلىدۇ، ئاندىن گۈللۈك رەخت ياكى گىلەم بىلەن بېزىلىدۇ. بەزى ئىگەرلەرگە تۇچ، كۈمۈش، مىستىن نەقىش قويۇلىدۇ.

     سەرراچلىرىمىزنىڭ  يۈگەن نەقىشلەش، قامچا ئۆرۈش، رەڭدار پۆپۈك ياساش، قامۇت، جونبۇ –  جاۋەن، نۇقتا، يۈگەن قاتارلىقلارنى ياساش ماھارىتىمۇ ئۈستۈن. بۇ جابدۇقلار ھازىرقى زامان ئۈچۈن ئەنئەنىۋى زىننەت بۇيۇملىرى قاتارىدا ئەتىۋارلىنىدۇ. 

 

  قۇشۇلغان ۋاقتى:2010-8-24 14:03:35 ئاۋاتلىغى:89
بېكەت ھەققىدە  |  ئېلان مۇلازىمىتى  |  شان -شەرەپلەر  |  قوللىغۇچىلىرىمىز  |  ئۇلىنىش ئىلتىماس قىلىش  |  ئۇلىنىش دۇنياسى  |  ئالاقىلىشىڭ
بۇ بېكەتنىڭ بارلىق ھۇقۇقى شىرىنىم تور تەتقىقات ئورنىغا مەنسۈپ ، باشقىلارنىڭ باش بەت لايىھەسىنى  ئوخشتىپ ياسىشى چەكلىنىدۇ .
مۇلازىمەت خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn    ئالاقە QQ نۇمۇرى : 627530058,396896928
ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453      ئالاقىلاشقۇچى : ئەكبەر

ICP10001556

8