United Arab newspapers
باش بەت قىلىۋېلىڭ        قۇشۇۋېلىڭ ئىزدەش سېستىمىغا كىرىش تىزىملىتىش پارول قايتۇرۇش
شىرىنىم تورىغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز !
 
باش بەت خەۋەرلەر ئۇچۇرلار mp3 ناخشا MTV ناخشا كىنوخانا تور ئويۇنلىرى كۈلدۈرگە دېتاللار رەسىم
   ئۇچۇر تۈرى  
   &  تارماق سەھىپىلەر
     &   مودا ۋە يېڭىلىقلار
     &   رەسساملىق
     &   قۇرۇلۇش مەدەنىيىتى
     &   قول - ھۈنەر
     &   كۆرگەزمە
     &   فوتۇگرافلىق
     &   ئېلان - لاھىيە
     &   كىيىم - كېچەك
     &   گىرىم بۇيۇملىرى
     &   ماشىنا دۇنياسى
     &   يىمەك - ئىچمەك
   تەۋسىيە ئۇچۇر  
 
تەۋسىيە ئۇچۇر يوق!
   ئاۋات ئۇچۇر  
 
بەتتە پولو
lady gaga رول ئالغان گۇگېل chrome تور كۆر..
ئۆزگىچە ئېلانلار --(1-قىسم)
شىرىنىم تور بىكىتى ئېلانى
نۇزۇگۇم ئېلان لايىھەسى
ئۇلىنىش دۇنياسى ئېلانى
شۆپىلەننىڭ ئىلانى
نۇزۇگۇم ئېلان لايىھەسى
چەتئەلنىڭ ئاجايىپ ئىجادىي ئېلانل..
دۇنيا تەڭداشسىز گۈزەل (ئېلان)
    ئۇچۇر ئىزدەش  
نامى تونۇشتۇرۇش 
 
    ئۇچۇرلار تىزىملىكى    
سوپۇنچىلىق
خۇشتار سوپۇنچىلىق كەسپى خەلقىمىزدە كەڭ تارقالغان ھەم تولىمۇ راۋاجلانغان. سوپۇننىڭ خام ئەشىياسى، ئاساسەن، چىگىرتەك چىقمايدىغان كالا، ئۆچكە يېغىدىن ئىبارەت. كەسىپكارلار ھۈنىرىنىڭ پاكلىقى ئۈچۈن غەيرىي ياغلارنى ئىشلەتمەيدۇ. سوپۇننىڭ خۇرۇچى شاخار(كۆيۈك دېگەن ياۋا ئوتنى كۆيدۈرۈپ تەييارلىنىدىغان داشقال) ۋە ئاھاك. سوپۇنچىلىق سايمانلىرى قازان، چۆمۈچ ۋە قېلىپ.

   سوپۇن ياساش:  سىغىمچانلىقنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن قازان ئۈستىگە ئىدىش قويۇلۇپ، ئەتراپى لاي چاپلاپ ئېتىلىدۇ. 50 كىلوگرام ياغدا سوپۇن ياساش ئۈچۈن 25 كىلوگرام شاخار، ئىككى كىلوگرام ئاھاك تەييارلىنىدۇ. ياغ قازانغا سېلىنىپ ئېرىتىلگەندىن كېيىن، سوقۇلغان شاخار بىلەن ئاھاك مۇۋاپىق مىقداردا ئېرىگەن ياغقا سېلىنىدۇ. شاخار ياغنى ئېرىتىپ، ياغ مالېكۇلىلىرىنى پارچىلايدۇ، ئاھاك شاخارنى ئېرىتىش، ياغنى ئاقارتىش ھەم ياغ دانىچىلىرىنى يىغىش  رولىنى ئوينايدۇ. شاخار ئېرىپ قازاندىكى سېلىنما قويۇلۇپ، دۇغلار، ياغ بەزلىرى قازان تېگىگە چۆكۈپ، سۈزۈلگەن ياغ ئۈستىگە ئۆرلەيدۇ. بۇ چاغدا ياغ سۈزۈۋېلىنىپ، قازان تېگىدىكى غەلدە –  غەشلەر تازىلىنىپ، شاخار، ئاھاك سۈيى قۇيۇلۇپ، سۈزۈۋېلىنغان ياغ قازانغا يەنە سېلىنىپ قاينىتىلىدۇ. بۇ تەرتىپ توققۇز قېتىم تەكرارلانغاندا ياغ قولدا يىمىرىلسە چاپلاشمايدىغان بولىدۇ. بۇ ياغنىڭ پىشقان، يەنى بارلىق رېئاكسىيىلىك ماددىلاردىن تازىلانغان ۋاقتى ھېسابلىنىدۇ. بۇ چاغدا قازان تازىلىنىپ، سۈزۈك سۇ قۇيۇلۇپ قاينىتىلىپ شاخار دۇغلىرى تازىلىنىدۇ. ناۋادا شاخار قاينىتىش ئارقىلىق ئەمەس، چايقاش ئۇسۇلى بىلەن تازىلانسا، سوپۇن ئىشلەتكەندە رېئاكسىيە بېرىدۇ. ياغ يۇقىرىقى ئۇسۇلدا تازىلانغاندىن كېيىن، قايتا ئېرىتىلىپ ئۆلچەملىك قېلىپقا قۇيۇلۇپ قاتقاندا سوپۇن تەييار بولغان بولىدۇ. خەلقىمىز يەرلىك ئۇسۇلدا ياسالغان بۇنداق سوپۇننى ئەزەلدىن خاسىيەتلىك، شىپالىق، دەپ بىلىدۇ.

   سوپۇنلىرىمىزنىڭ كىر يۇيۇشتىكى ئالاھىدىلىكىدىن باشقا يەنە دورىلىق خۇسۇسىيەتلىرىمۇ بار. خەلقىمىز قەدىمدىن تەمرەتكە، داغ، بەدەن قېتىشىپ قاسراق باغلاش، پۇت –  قول يېرىلىش، ھەمەل قىلىش(ئىچكى ئەزالارنى يۇيۇش) قاتارلىق كېسەللەرگە بۇ سوپۇننى دورا ئورنىدا ئىشلىتىپ كەلگەن. ئۇنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى، قانچە ئىشلىتىلسىمۇ قول تېرىسى يېرىلمايدۇ، ئەكس تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. بەلكى يۈز، قول، بەدەن تېرىسىنى يۇمران قىلىدۇ، پارقىرىتىدۇ، كىرنى تازىلاش نىسبىتى %98 ئەتراپىدا بولىدۇ.

   مېيىت يۇيۇش، بوۋاقنى تۇنجى قېتىم سۇغا سېلىشتا مۇشۇنداق يەرلىك سوپۇن ئىشلىتىلىدۇ. بۇ بىرخىل ئېتىقاد ۋە ئادەت سۈپىتىدە داۋاملىشىپ كەلمەكتە. 

 

  قۇشۇلغان ۋاقتى:2010-8-24 13:50:33 ئاۋاتلىغى:107
بېكەت ھەققىدە  |  ئېلان مۇلازىمىتى  |  شان -شەرەپلەر  |  قوللىغۇچىلىرىمىز  |  ئۇلىنىش ئىلتىماس قىلىش  |  ئۇلىنىش دۇنياسى  |  ئالاقىلىشىڭ
بۇ بېكەتنىڭ بارلىق ھۇقۇقى شىرىنىم تور تەتقىقات ئورنىغا مەنسۈپ ، باشقىلارنىڭ باش بەت لايىھەسىنى  ئوخشتىپ ياسىشى چەكلىنىدۇ .
مۇلازىمەت خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn    ئالاقە QQ نۇمۇرى : 627530058,396896928
ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453      ئالاقىلاشقۇچى : ئەكبەر

ICP10001556

8