United Arab newspapers
باش بەت قىلىۋېلىڭ        قۇشۇۋېلىڭ ئىزدەش سېستىمىغا كىرىش تىزىملىتىش پارول قايتۇرۇش
شىرىنىم تورىغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز !
 
باش بەت خەۋەرلەر ئۇچۇرلار mp3 ناخشا MTV ناخشا كىنوخانا تور ئويۇنلىرى كۈلدۈرگە دېتاللار رەسىم
   ئۇچۇر تۈرى  
   &  تارماق سەھىپىلەر
     &   مودا ۋە يېڭىلىقلار
     &   رەسساملىق
     &   قۇرۇلۇش مەدەنىيىتى
     &   قول - ھۈنەر
     &   كۆرگەزمە
     &   فوتۇگرافلىق
     &   ئېلان - لاھىيە
     &   كىيىم - كېچەك
     &   گىرىم بۇيۇملىرى
     &   ماشىنا دۇنياسى
     &   يىمەك - ئىچمەك
   تەۋسىيە ئۇچۇر  
 
تەۋسىيە ئۇچۇر يوق!
   ئاۋات ئۇچۇر  
 
بەتتە پولو
lady gaga رول ئالغان گۇگېل chrome تور كۆر..
ئۆزگىچە ئېلانلار --(1-قىسم)
شىرىنىم تور بىكىتى ئېلانى
نۇزۇگۇم ئېلان لايىھەسى
ئۇلىنىش دۇنياسى ئېلانى
شۆپىلەننىڭ ئىلانى
نۇزۇگۇم ئېلان لايىھەسى
چەتئەلنىڭ ئاجايىپ ئىجادىي ئېلانل..
دۇنيا تەڭداشسىز گۈزەل (ئېلان)
    ئۇچۇر ئىزدەش  
نامى تونۇشتۇرۇش 
 
    ئۇچۇرلار تىزىملىكى    
شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ياغاچ نەقىش سەنئىتى

ياغاچ نەقىش سەنئىتى دېگىنىمىز ، پىچاقتا ياغاچنى يۇنۇش ئارقىلىق گۈل چىقىرىش سەنئىتىنى كۆرسىتىدۇ . بۇ ئاساسلىقى بىناكارلىقتا قوللىنىلىدۇ . ئۇيغۇر ، ئۆزبىك قاتارلىق مىللەتلەر مەسچىت ھەم ئولتۇراق ئۆيلىرىنىڭ ئىشىك ، دېرىزە ، لەمپە ، تۈۋرۈك ، لىم ، چەڭزە ئۇچى ، تۈۋرۈك تەگلىكى قاتارلىق جايلىرىغا تۈرلۈك گۈل – نەقىشلەرنى ئويۇشقا ئامراق . بۇ گۈل – نەقىشلەرنىڭ تولىسى گېئومېتىرىك شەكىللەر ۋە گۈل – گىياھ نەقىشلىرى بولۇپ ، بىنانىڭ قۇرۇلمىسى ، تاشقى كۆرۈنۈشىگە قاراپ ، شۇنىڭغا مۇۋاپىق كېلىدىغان ، بىر – بىرىگە ماسلاشتۇرۇلغان نەشقىلەرنى چۈشۈرىدىغان ئەھۋاللارمۇ بار . نەشقىلەردە تۈز سىزىق شەكلى ئاساس قىلىنىدۇ . نەقىشلەر تولىمۇ كۆركەم ، ھەيۋەتلىك بولۇپ ، نەقىش بىلەن ئۆيلەرنىڭ قۇرۇلمىسى ئورگانىك بىرلىشىپ ، بىناغا ئالاھىدە ھۆسۈن قوشىدۇ . شىبە مىللىتى ئولتۇراق ئۆيىنىڭ دېرىزىسىگە ، ساندۇق ، جاۋەن قاتارلىق ئۆي جاھازىلىرىغا مودەنگۈل ، نېلۇپەر گۈلى ئاساس قىلىنغان نەقىشلەرنى ئويۇشنى ياخشى كۆرىدۇ . قازاقلارنىڭ كېگىز ئۆيى ھەم ئائىلىدە ئىشلىتىدىغان سوغا (ياغاچ چىلەك) ، ئاياق( ياغاچ قاچا) ، ساپلىق ، قوشۇق قاتارلىق ياغاچتىن ياسالغان ئەسۋابلارنىڭ ھەممىسىدە ئويما نەقىشلەر بار. موڭغۇللارنىڭ چالغۇ ئەسۋابىنىڭ دەستە ئۇچىغا ياغاچتىن ئويۇلغان كىچىك ئات بېشى قوندۇرۇلغان بولغاچقا ، ئۇ ئات باشلىق غېجەك دەپ ئاتىلىدۇ . شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ياغاچ ئويما سەنئىتى مەخسۇس بوۋاقلار ئۈچۈن لايىھىلەنگەن بۆشۈكتە ئالاھىدە گەۋدىلىنىدۇ . ياغاچ ئويمىنىڭ بېكىتىپ قويۇلغان قىلىپ شەكلى يوق . ئۇنى سەنئەتكارلار تامامەن ئۆزلىرىنىڭ بەدىئىي ماھارىتىگە قاراپ ئويۇپ چىقىدۇ . شۇڭا جايلارنىڭ ياغاچ ئويمىلىرى بىر – بىرىگە ئانچە ئوخشاپ كەتمەيدۇ .

 

  قۇشۇلغان ۋاقتى:2010-8-24 13:20:03 ئاۋاتلىغى:129
بېكەت ھەققىدە  |  ئېلان مۇلازىمىتى  |  شان -شەرەپلەر  |  قوللىغۇچىلىرىمىز  |  ئۇلىنىش ئىلتىماس قىلىش  |  ئۇلىنىش دۇنياسى  |  ئالاقىلىشىڭ
بۇ بېكەتنىڭ بارلىق ھۇقۇقى شىرىنىم تور تەتقىقات ئورنىغا مەنسۈپ ، باشقىلارنىڭ باش بەت لايىھەسىنى  ئوخشتىپ ياسىشى چەكلىنىدۇ .
مۇلازىمەت خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn    ئالاقە QQ نۇمۇرى : 627530058,396896928
ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453      ئالاقىلاشقۇچى : ئەكبەر

ICP10001556

8