سەي لۇن

سەي لۇن

سەي لۇن ئەينى ۋاقتىدا جۇڭگو پادىشاھىنىڭ ئوردىسىدا ئەمەل تۇتقان، مىلادى 105-يىلى پادىشاھقا قەغەز نۇسخىسىنى سۇنغان. جۇڭگو تارىخىدا سەي لۇننىڭ قەغەزنى كەشىپ قىلغانلىقى توغرىسىدا توختالغاندا، ئۇنى شەرقىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ياشىغان دەپ قەيت قىلىنىدۇ.

ئۇيغۇرچە ئىسمى سەي لۇن
تۇغۇلغان ۋاقتى مىلادىيە 61-يىلى
خەنزۇچە ئىسمى 蔡伦
ۋاپات بولغان ۋاقتى مىلادىيە 121-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سەي لۇنبۈگۈنكى كۈندە، قەغەز ناھايىتى كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىلىۋاتىدۇ. ئەگەر سەن لۇن بولمىغان بولسا قەغەزمۇ بولمىغان بولاتتى؛ بۈگۈنكى دۇنيانىڭ قانداق بولۇشىنى تەسەۋۋۇر قىلىشىمىزمۇ قىيىن ئىدى. . . 

قەغەزچىلىك تېخنىكىسىنى كەشىپ قىلغان سەي لۇننىڭ نامى كىتابخانىلارغا ئانچە تونۇشلۇق ئەمەس. ئۇنىڭ كەشپىياتىنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىدىن يەنە كېلىپ غەربلىكلەر بۇ كەشپىياتچىغا سەل قارىغانلىقتىن، نۇرغۇن ئېنسكلوپېدىيە ۋە تارىخىي كىتابلارغا ئۇنىڭ ئىسمى، ئىش-ئىزلىرى كىرگۈزۈلمىگەن. ھەتتا سەي لۇنغا ئائىت بىرەر پارچە ماقالىنىمۇ كۆرگىلى بولمايدۇ. شۇڭلاشقا بىز بۇ شەخسكە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك.

سەي لۇن ئەينى ۋاقتىدا جۇڭگو پادىشاھىنىڭ ئوردىسىدا ئەمەل تۇتقان، مىلادى 105-يىلى پادىشاھقا قەغەز نۇسخىسىنى سۇنغان. جۇڭگو تارىخىدا سەي لۇننىڭ قەغەزنى كەشىپ قىلغانلىقى توغرىسىدا توختالغاندا، ئۇنى شەرقىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ياشىغان دەپ قەيت قىلىنىدۇ. ماتېرىياللار سەمىمىي يېزىلغان، قىلچە ئويدۇرۇلغان يېرى يوق. جۇڭگو تارىخىدا قەغەز ياساش تېخنىكىسىنىڭ كەشپىياتچىسى سەي لۇن دەپ ئېنىق كۆرسىتىلگەن.

سەي لۇننىڭ ھاياتى ۋە ئىش-ئىزلىرىغا ئائىت ماتېرىياللار كۆپ ئەمەس. جۇڭگونىڭ تارىخىي كىتابلىرىدا ئۇ بىر ھەرەمئاغىسى دېيىلگەن. كىتابلاردا يەنە جۇڭگو پادىشاھى سەيلۇننىڭ كەشپىياتىدىن ناھايىتى خۇرسەن بولغان، شۇ سەۋەبتىن، ئۇنىڭغا ئاقسۆڭەكلىك مەرتىۋىسىنى بەرگەن. نەتىجىدە، ئۇ بىر بايغا ئايلانغان. بىراق، كېيىن ئۇ ئوردىدىكى تۈرلۈك سۈيىقەستلەرگە ئۇچراپ ۋەيران بولغان. جۇڭگونىڭ تارىخىي كىتابلىرىدا سەي لۇن ئۆزىنىڭ ھاقارەتلەنگەنلىكىنى ئۇققاندىن كېيىن، پاكىز يۇيۇنۇپ، چىرايلىق كىيىنىپ، زەھەر ئىچىپ ئۆلۈۋالغان، دەپ قەيت قىلىنىدۇ. 

سەي لۇنمىلادى 8-ئەسىرگە كەلگەندە، قەغەز جۇڭگودا كەڭ ئىشلىتىلىشكە باشلاندى. كېيىنكى نەچچە ئەسىر ئىچىدە، جۇڭگو ئاسىيادىكى ھەرقايسى ئەللەرگە قەغەز چىقاردى، بىراق، قەغەز ياساش تېخنىكىسىنى قەتئىي مەخپىي تۇتتى. مىلادى 751-يىلى، ئەرەبلەر جۇڭگولۇق بىرنەچچە قەغەز ياساش ئۇستىسىنى ئەسىرگە ئالدى، ئۇزۇن ئۆتمەي، قەغەزچىلىك تېخنىكىسى سەمەرقەنت ۋە باغداتلاردا تارقالدى. گوتېنبېر مەتبەئە تېخنىكىسىنى كەشىپ قىلغاندىن كېيىن، غەربتە قەغەز ئاساسىي خەت يېزىش ماتېرىيالى بولغان پىرگامنېتنىڭ ئورنىنى ئىگىلىدى.

بۈگۈنكى كۈندە قەغەزنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسى تېخىمۇ كېڭىيىپ كەتتى. ئەگەر قەغەز بولمىغان بولسا، دۇنيا ئەھۋالىنىڭ قانداق بولۇشىنى تەسەۋۋۇر قىلىشىمىز قىيىن ئىدى. 

جۇڭگودا، سەي لۇن قەغەز ياساش تېخنىكىسىنى كەشىپ قىلىشتىن بۇرۇن كۆپىنچە ھاللاردا بامبۇك تاختىسىغا خەتنى ئويۇپ، ئاندىن بۇ تاختايلارنى بىر-بىرگە چېتىشتۇرۇپ، كىتاب قىلىپ چىقاتتى. بۇ خىل كىتاب ئېغىر ھەم قوپال بولاتتى. ياسىلىشىمۇ ئانچە كۆركەم بولمايتتى. يەنە بىر قىسىم كىتابلار تەننەرخى قىممەت بولغان يىپەككە يېزىلاتتى. غەربتە، كىشىلەر قوي ۋە ئۆچكە تېرىسى بىلەن ئەيلىنىپ ياسالغان پىرگامنېتقا خەت يازىدىغان بولغاندىن كېيىن رىملىقلار، گرېكلار ۋە مىسىرلىقلار ئىشلىتىدىغان پاپروسنىڭ ئورنىنى ئالدى. مەيلى پىرگامنېت بولسۇن ۋە ياكى پاپروس بولسۇن، بۇلار ئاز بولۇپلا قالماستىن، تەننەرخىمۇ ناھايىتى يۇقىرى ئىدى.

ھازىر كىتابلارنىڭ زور مىقداردا نەشىر قىلىنىشى ئاساسلىقى قەغەزنىڭ بولغانلىقىدىن بولماقتا. روشەنكى، ئەگەر مەتبەئە ماشىنىسى كەشىپ قىلىنمىغان بولسا، قەغەزنىڭ رولى بۇنچىۋالا زور بولۇپ كەتمەيتتى؛ يەنە بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئەگەر مەتبەئەگە ئىشلەتكىلى يېتەرلىك ھەم تەننەرخى ئەرزان قەغەز بولمىغان بولسا، ئۇنداقتا مەتبەئە ماشىنىسىمۇ بارلىققا كەلمىگەن بولاتتى.

شۇڭلاشقا بىز سەي لۇن ۋە كېلەركى ماقالىمىزدە تونۇشتۇرۇلىدىغان گوتېنبېرىگ (مەتبەئە ماشىنىسىنى كەشىپ قىلغۇچى) ئىبارەت بۇ ئىككى شەخسنى بۇ ئىسىملىكنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشقا تېگىشلىك دەپ قارايمىز.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#