ۋېر-زارا
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ۋېر (شارۇلخان رولدا) ھىندىستان ھاۋا ئارمىيىسى قۇتقۇزۇش ئۇچقۇچىسى . ئۇ دائىم ھاياتىنىڭ خەۋىپكە ئۇچرىشىدىن قورۇقماي كىشىلەرنى خەتەر ئىچىدىن قۇتقۇزۇپ چىقىدۇ . بىر كۈنى ئۇ يەنە ۋەزىپە ئورۇنداۋاتقاندا پاكىستانلىق قىز زارا(پىرىتى زىنتا رولدا) غا ئۇچرايدۇ ، ئۆزگىچە بىر خىل ھېسسىيات ئۇنىڭ ئەس-يادىنى ئىگىلىۋالىدۇ ، ئۇ بۇ قىزغا ئاشىق بولۇپ قالىدۇ.
زارا ئەسلى غەم-ئەندىشىسىز ، شوخ قىز ئىدى . ئۇ ئىنىك ئانىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۆزى يالغۇز ھىندىستانغا كەلدى . بۇ جەرياندا ئۇ ئولتۇرغان ئاپتۇبۇس ھادىسىگە ئۇچراپ قۇتقۇزۇشقا كەلگەن ۋېرغا ئۇچرايدۇ ، ئۇ ۋېر بىلەن سۆيگۈ دەرياسىغا غەرق بولىدۇ ،شۇنىڭ بىلەن بىرگە ۋېر بىلەن ئۆزىنىڭ 22 يىللىق ھاياتىنى ئېغىز تالاپەتلەرگە دۇچچار قىلىدۇ .
22يىلدىن كېيىن يېڭىدىن ئادوكاتلىق ساھەسىگە قەدەم قويغان ئايال ئادوكات سامىيە(رانى رولدا) ئۆزىنىڭ خىزمەت ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇش ھەمدە ۋېر بىلەن زارانىڭ مۇھەببەت ھېكايىسىدىن تەسىرلەنگەنلىك سەۋەبلىك ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ 22 يىلدىن كېيىن قايتا ئۇچرىشىشىغا ياردەم قىلدۇ .
ھېكايىدىكى ۋەقەلىكى سامىيەنىڭ تىرىشچانلىقىدا ھەممىگە ئايان بولىدۇ . ئەينى يىلى ۋېر زاراغا ياردەملىشىپ زارانىڭ ئىنىك ئانىسىنى ئۆز يۇرتىغا ئاپىرىپ دەپنە قىلغاندىن كېيىن ، زارانىڭ كېتىشىگە كۆزى قىيماي ئۇنى يۇرتىغا بېرىپ بىللە لودى بايرىمى ئۆتكۈزۈشكە تەكلىپ قىلىدۇ . ئۇ زارانى پاكىستانغا ئۇزۇتۇپ قويۇشقا پويىز ئىستانىسىغا كەلگەندە زارانىڭ بوغۇسى ئېرىنى ئۇچرىتىدۇ . ۋېر ناھايىتى ئازابلانغان ھالدا زاراغا ئۆزىنىڭ مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلىدۇ . زارا پاكىستانغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ۋېرنى ئۇنتىيالمايدۇ ھەم ۋېرنى ياخشى كۆرگەنلىكىنى ئانىسىغا دەيدۇ ، ئانىسى تولىمۇ قورقۇپ كېتىدۇ ھەمدە ئۇنى ۋېرنى ئۇنتۇپ كېتىشكە دەۋەت قىلىدۇ . زارا بۇ نىكاھنىڭ دادىسىنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئىشلىرىغا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلگەنلىك سەۋەبلىك قاتتىق ئىككىلىنىدۇ . ئايال خىزمەتكار شابو ئۇنىڭ ئازابلىنىشىنى خالىماي ۋېر پاكىستانغا چاقىرىپ ئەكەلىدۇ . ۋېر زارانىڭ جەمەتىنىڭ خانى ۋايرانە بولۇشىنى خالىمىغانلىق سەۋەبلىك بۇ مۇھەببەتتىن ۋاز كېچىشنى توغرا كۆرىدۇ ھەمدە زارانىڭ بوغۇسى ئېرىنىڭ زارانىڭ بىر ئۆمۈرلۈك بەختىنى ۋەيرىن قىلماسلىقى ئۈچۈن تۈرمىدە 22يىل تۇرىدۇ ، ئۇ 22يىل ئىچىدە زارانىڭ نام-شۆھرىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بىر ئېغىز گەپ قىلمايدۇ ...زارا ۋېرنى ۋاپات بولدى دەپ قاراپ ۋېرنىڭ يۇرتىدا 22 يىللىق ھاياتىنى يېزىنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن سەرپ قىلىدۇ ...
شارۇلخان رولدا
ھىندىستان ھاۋا ئارمىيىسى قۇتقۇزۇش ئۇچقۇچىسى . ئۇ دائىم ھاياتىنىڭ خەۋىپكە ئۇچرىشىدىن قورۇقماي كىشىلەرنى خەتەر ئىچىدىن قۇتقۇزۇپ چىقىدۇ . بىر كۈنى ئۇ يەنە ۋەزىپە ئورۇنداۋاتقاندا پاكىستانلىق قىز زارا غا ئۇچرايدۇ ، ھەمدە ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ ، زارانىڭ بەختى ئۈچۈن 22 يىل تۈرمىدە تۇرىدۇ .
غەم-ئەندىشىسىز ، شوخ قىز . ئۇ ئىنىك ئانىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۆزى يالغۇز ھىندىستانغا كەلدى . ۋېر بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ ، مۇھەببەت دېڭىزىغا غەرق بولدى ، 22 يىلدىن لېيىن ۋېر بىلەن مۇرادىغا يەتتى .
ئادوكاتلىق ساھەسىگە قەدەم قويغان ئايال ئادوكات سامىيە ئۆزىنىڭ خىزمەت ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇش ھەمدە ۋېر بىلەن زارانىڭ مۇھەببەت ھېكايىسىدىن تەسىرلەنگەنلىك سەۋەبلىك ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ 22 يىلدىن كېيىن قايتا ئۇچرىشىشىغا ياردەم قىلدۇ .
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.