تۇرپان ۋىلايەتلىك تېببىي مەكتەپ

1976-يىلى 9-ئايدا تۇرپان شەھەر يېڭى بېكەتتە قۇرۇلغان. 1981-يىلى كومسۇمۇل بەشىنچى كەنتكە يۆتكەلگەن. 1983-يىلى كۇرس، يېزا بازار دوختۇرخانا باشلىقلىرىنىڭ ئۆگىنىش سىنىپى ۋە يېزا كەنت دوختۇرلىرىنىڭ بىلىم ئاشۇرۇش سىنىپلىرى ئېچىلغان.

ئۇيغۇرچە نامى تۇرپان ۋىلايەتلىك تېببىي مەكتەپ
قۇرۇلغان ۋاقتى 1976-يىلى 9-ئاي
خەنزۇچە نامى 吐鲁番地区卫生学校

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1976-يىلى 9-ئايدا تۇرپان شەھەر يېڭى بېكەتتە قۇرۇلغان. 1981-يىلى كومسۇمۇل بەشىنچى كەنتكە يۆتكەلگەن. 1983-يىلى كۇرس، يېزا بازار دوختۇرخانا باشلىقلىرىنىڭ ئۆگىنىش سىنىپى ۋە يېزا كەنت دوختۇرلىرىنىڭ بىلىم ئاشۇرۇش سىنىپلىرى ئېچىلغان. 1987-يىلى ناھىيە دەرىجىلىك ئورۇن ھەم ۋىلايەتلىك ئامبولاتورىيىگە تەۋە تېببىي مەكتەپ قىلىپ بېكىتىلىپ، ۋىلايەتلىك تېببىي مەكتەپ شۆبە دوختۇرخانىسى دېيىلگەن. 1989-يىلى مەكتەپ پارتىيە كومىتېتى قۇرۇلغان. 1993-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتى، سەھىيە نازارىتى تەشكىللىگەن 19 تېببىي مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش سەۋىيىسىنى باھالىشىدىن ئۆتكەن. 1998-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەتلىك ئورۇن دەپ باھالانغان. بۇ مەكتەپ دۆلەت خادىملىرىنى كومپيۇتېر بىلەن تەربىيىلەش نۇقتىسى قىلىپ بېكىتىلگەن ۋە ئاپتونوم رايون بويىچە كومپيۇتېر خادىملىرىنى تەربىيىلەش سالاھىيىتىگە ئىگە ئورۇن. 1999-يىلى 4-ئايدا، ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلك مەكتىپى، تېخنىكا ئىشچىلار مەكتىپى بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ، ۋىلايەتلىك كەسپىي مائارىپ مەركىزى بولۇپ قۇرۇلغان. ئىگىلىگەن يەر مەيدانى 29470 كۋادرات مېتىر. ئوقۇتۇش رايونى قۇرۇلۇش كۆلىمى 2840 كۋادرات مېتىر. ئوقۇتۇشتا خەنزۇ تىلى قوللىنىلىدۇ.

دوختۇرلۇق، سىستېرالىق، تۇغۇت دوختۇرى، لابوراتورىيە، ئانا-بالىلار دوختۇرلۇقى، يېزا كەنت دوختۇرلۇقى قاتارلىق ئالتە كەسىپنى يولغا قويغان ھەمدە شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن بىر يىللىق ئالىي تېخنىكوم سىنىپى ئاچقان. مەكتەپ شتاتى 56 .

1999-يىلدىكى رەسمىي ئوقۇتقۇچى 48 نەپەر (ئالىي لىكتور بەش نەپەر، ئادەتتىكى لىكتور 19) . ئوقۇغۇچى سانى 471 نەپەر. مەكتەپ قۇرۇلۇپ جەمئىي 2365 نەپەر ئوقۇغۇچى تەربىيىلىگەن ۋە ئوقۇش پۈتتۈرگەن.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#