ئىسساك ئاسىموۋ

ئىسساك ئاسىموۋ

ئىسساك ئاسىموۋ 1920-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى رۇسىيە دە تۇغۇلغان. 1992-يىلى 4-ئاينىڭ 6-كۈنى ۋاپات بولغان. ئامېرىكىلىق داڭلىق يازغۇچى ۋە بوستون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروففېسسورى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ئىسساك ئاسىموۋ
باشقا نامى 乔治·戴尔,保罗·弗兰克西
مىللىتى يەھۇدى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1992-يىلى 4-ئاينىڭ 6-كۈنى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى ئامېرىكا كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 艾萨克·阿西莫夫
دۆلەت تەۋەلىكى ئامېرىكا
تۇغۇلغان ۋاقتى 1920-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى
كەسپى يازغۇچى، پروففېسسور
ئىنگىلىزچە ئىسمى Isaac Asimov

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئىسساك ئاسىموۋئىسساك ئاسىموۋ 1920-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى رۇسىيە دە تۇغۇلغان. ئامېرىكىلىق داڭلىق يازغۇچى ۋە بوستون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروففېسسورى. ئىسساك ئاسىموۋ كىشىلەرگە فانتازىيىلىك رومان-ھېكايىلىرى ۋە ماقالىلىرى بىلەن تونۇشلۇق.

ھاياتىدا 400 پارچىدىن ئارتۇق روماننى ۋۇجۇدقا چىقارغان ئىسساك ئاسىموۋ، فانتازىيە ئەدەبىياتىدىكى ئەڭ مۇھىم شەخسلەردىن بىرى.

ئىسساك ئاسىموۋ 1992-يىلى 4-ئاينىڭ 6-كۈنى ۋاپات بولغان.

ئىسساك ئاسىموۋبۈيۈك بازا چاتما رومانلىرى (Greater Foundation Series)؛

دەسلەپكى بازا ترىلوگىيەسى Original Foundation Triology:

بازا(1951) Foundation؛

بازا ۋە ئىمپىرىيە (1952) Foundation and Empire؛

ئىكىنچى بازا (1953) Second Foundation؛

كېڭەيتىلگەن بازا چاتما رومانى Extended Foundation series:

بازىنىڭ چېتى (1982) Foundation's Edge؛

بازا ۋە يەرشارى (1986) Foundation and Earht؛

بازىدىن بۇرۇن (1988) Prelude to Foundation؛

بازىغا قاراپ (1993) Forward to Foundation؛

يەنىمۇ كېڭەيگەن بازا چاتما رومانى Further Extended Foundation series:

(ئاسىموۋنىڭ قوشۇلىشى بىلەن باشقىلار يازغان)؛

بازىنىڭ ئەندىشىسى (1997، گرېگورى بېنفورد Gregory Benford)؛

بازا ۋە قالايمىقانچىلىق (1998، گرېگ بېئار Greg Bear)؛

بازىنىڭ غەلبىسى (1999، داۋىد برىن David Brinn)؛

روبوت چاتما رومانى The Robot series؛

پولات قەلئەلەر (1954) The Caves of Steel؛

يالىڭاچ قۇياش (1957) The Naked Sun؛

سۈبھىدىكى روبوتلار (1983) The Robots of Dawn؛

روبوتلار ۋە ئىمپىرىيە (1985) Robots and Empire؛

ئىسساك ئاسىموۋ بۇ ئەسەرلەر داۋامىدا، بەزى ئۇقۇم ۋە كۆز قاراشلارنى مەيدانغا كەلتۈرپلا قالماي، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېڭىگىمۇ مۇھىم ئۆزگىرىش ۋە ئالدىن بىلىش ئېلىپ كەلگەندۇر. بۇلاردىن بىر قەدەر داڭلىقلىرى:

روبوت ۋە روبوت مەدىنىيىتى

روبوتلارنىڭ ئۈچ قانۇنى

پوزىترونىك مىڭە

Fe/C مەدىنىيىتى

كىنو-فىلملار

ۋىلل سېمىتنىڭ باش رول ئوينىغان، مەن، ماشىنا ئادەم كىنوسى.

ئىسساك ئاسىموۋنىڭ رومان-ھىكايىلىرىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ ئىشلەنگەن كىنولاردىن داڭلىقلىرىدىن «مەن، ماشىنا ئادەم» (ئىنگىلىزچە: I, Robot)

بۇ كىنونى 2004-يىلى، ئامېرىكىلىق رېژېسسور-ئالېكىس پروياس، جېف ۋىنتار، ئاكىۋا گولدسمان ۋە ھىلارى سېيتزنىڭ ئىسساك ئاسىموۋنىڭ شۇ ناملىق ھېكايە توپلىمىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ يېزىپ چىققان سىنارىيىسىگە ئاساسەن ئىشلەپ چىققان.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#