بۇففون

يۇۋىنتۇس كوماندىسى ۋە ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ قاپقىچىسى بۇففون 1978-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى ئىتالىيە نىڭ كاررارا دىگەن يېرىدە تۇغۇلغان.


ئۇيغۇرچە ئىسمى بۇففون
باشقا نامى 总攻、黑衣人、世界第一门神
يۇرتى كاررارا
بوي ئېگىزلىكى 1.91 مېتىر
تەنھەرىكەت تۈرى پۇتبول
خەنزۇچە ئاتىلىشى 吉安路易吉·布冯
دۆلەت تەۋەلىكى ئىتالىيە
تۇغۇلغان ۋاقتى 1978-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى
بەدەن ئېغىرلىقى 83 كىلوگرام
كوماندا ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يۇۋىنتۇس كوماندىسى ۋە ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ قاپقىچىسى بۇففون 1978-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى ئىتالىيە نىڭ كاررارا دىگەن يېرىدە تۇغۇلغان.

 بۇففون ھازىرغا قەدەر ئىتالىيە دۆلەت مۇراسىمى ئۈچۈن 154 مەيدان مەيدانغا چىققان بولۇپ ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسى تارىخىدىكى ئەڭ كۆپ مەيدانغا چىققان پۇتبولچى. 

بۇففون2003-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى كونا تىرانفۇد مەيدانىدا بۇففون ئۆزىنىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى تۇنجى قېتىملىق ياۋروپا چېىمپىيونلۇق لوڭقىسىنى كۈتۈۋالغان. ئۇلارنىڭ رەقىبى بولسا بىر بىرلەشمىدىن كەلگەن تونۇش دۈشمىنى مىلان كوماندىسى. 120 مىنۇتلۇق كەسكىن مۇسابىقىدىن كېيىنكى نۇقتا توپ جېڭىدە بۇففون شىدورىفنىڭ نۇقتا توپىنى توسۇۋالدى. كالازنىڭ نۇقتا توپىمۇ بۇففوندىن ئۆتەلمىدى. لېكىن يۇۋىنتۇس كوماندىسىدىكى سالايىتا ۋە مېڭتىرونىڭ نۇقتا توپنى تېپەلمەسلىكى يۇۋىنتۇس كوماندىسىنىڭ شېرىن چۈشىنى بەربات قىلدى. كوماندا ئەزالىرى روھسىز، چۈشكۈن ھالەتتە تۇرغان ۋاقىتتا بۇففون كوماندا ئەزالىرىنى روھلۇق، جۇشقۇن بولۇشقا چاقىردى. گەرچە بۇففون ياۋروپا چېمپىيونلۇق لوڭقىسىغا ئېرىشىپ باقمىغان بولسىمۇ لېكىن ئۇ ياۋروپا چېمپىيونلۇق لوڭقىسى سەھنىسىدە ئۆزىنى ئىسپاتلاپ بولدى. 

2015-يىلى بۇففون يۇۋىنتۇسنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىنىڭ ئاساسى، ئۇ ئۆزىنىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى سەككىزىنچى قېتىملىق ئىتالىيە چېمپىيونلۇقى، بەشىنچى قېتىملىق ئىتالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى ۋە ئونىنچى قېتىملىق ئىتالىيە لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن. ئۇ يۇۋىنتۇس كوماندىسىنىڭ كوماندا باشلىقى، پولاتتەك مۇداپىئە سېپىنىڭ كاپالىتى. 

2016-يىلى بۇففون ئۆزىنىڭ ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى 20-يىلىنى كۈتۈۋالغان. ئۇنىڭ يۇۋىنتۇس كۇلۇبى ئۈچۈن مەيدانغا چىققان قېتىم سانى شلىئادىن ئېشىپ كوماندا تارىخىدا ئىككىنچى ئورۇنغا ئۆتتى. 11 كۈن بۇرۇن ئۇدىنېس كوماندىسىنى مەغلۇب قىلغان مۇسابىقىدە بۇففو ن ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى 250-مەيدان غەلىبىسىنى كۈتۈۋالدى. ئۇ يۇۋىتۇس كۇلۇبىنىڭ سىمۋولى. 

بۇففون پارما كوماندىسىدىن يۇۋىنتۇس كۇلۇبىغا يۆتكەلگەندىن كېيىن ئۇ يۇۋىنتۇس كۇلۇبىنىڭ بايراقدارى بولۇپ قالدى. نۇرغۇنلىغان رېكورتلارنى ياراتتى، ئۆزىنىڭ ئابىدىسىنى تىكلىگەن ۋە شان-شەرەپلەرگە ئېرىشكەن. ئۇ باشتىن-ئاخىر ئۆزىنىڭ نىشانى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدۇ. ئۇ كوماندىنىڭ ئۈلگىسى، ئۇنىڭ كۈچى ئۇنىڭ سەپداشلىرىنى ئىختىيارسىز تۈردە ئۇنىڭغا بېقىندۇرىدۇ. 

بۇففونبۇففون 17 ياش 9 ئايلىق بولغان ۋاقىتتا ئىتالىيە بىرلەشمىسدە تۇنجى قېتىم مەيدانغا چىققان. 1996-1995-يىللىق مۇسابىقە پەسىلى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىدىلا ئەڭ قىممەتكە ئىگە پۇتبولچى بولۇپ باھالانغان. 2001-يىلى بۇففون 32 مىليون 500 مىڭ فونىد سېتىرلىڭلىق يۆتكىلىش باھاسى بىلەن پارما كوماندىسىدىن يۇۋىنتۇس كۇلۇبىغا يۆتكەلگەن. تا ھازىرغىچە ھېچقانداق قاپقىچى بۇففوننىڭ يۆتكىلىش رېكورتىنى بۇزالمىغان. 

بۇففون 2001-يىلى يۇۋىنتۇس كۇلۇبىغا قوشۇلغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر يۇۋىنتۇس كۇلۇبى ئۈچۈن 558 مەيدان مۇسابقىگە قاتنىشىپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 257 مەيدان مەيدان مۇسابىقىدە بىرمۇ توپ كەتكۈزمىگەن. 15 يىل جەريانىدا 6 قىتىم ئىتالىيە بېرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن.

بۇففوننىڭ كەسپى ھاياتى ئىنتايىن شانلىق. ئۇ ئىلگىرى ئىتالىيەگە ئەگىشىپ 2006-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن ھەمدە يۇۋېنتۇستا ئالتە قېتىم ئىتالىيە بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن. 

2010-يىلى بۇففون 21-ئەسىردىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر قاپقىچى بولۇپ باھالاندى. بۇففون ئىككى نومۇر ئۈستۈنلۈك بىلەن كاشىلياسنى يېڭىپ بۇ تۈردىكى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#