قىزىلتاغ

قىزىلتاغ

قىزىلتاغ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھەر ئىچىگە جايلاشقان بىر چوڭ ئۈزۈلمە تاغ. تاغ بېشى خۇددى ئارسىلاندەك كۆرۈنىدۇ، تاشلىرىنىڭ رەڭگىمۇ قىزىل، شۇڭا «ئارسىلانباش تاغ»، «قىزىل تۇمشۇق» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى قىزىلتاغ
ئورنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھىرىدە
داڭلىق مەنزىرە نۇقتىسى قىزىلتاغ مۇنارى
خەنزۇچە نامى 红山
پەيدا بولۇش سەۋەبى قىزىلتاغ تاغ گۆمۈرۈلۈش سەۋەبىدىن رەڭگى قىزغۇچ قوڭۇر رەڭدە بولغاچقا شۇنداق ئاتالغان.
باشقا نامى ئارسىلانباش تاغ، قىزىل تۇمشۇق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قىزىلتاغئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مەركىزىدە ھەيۋەتلىك قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان بۇ تاغ ھەر كۈنى سەھەر ۋە گۇگۇمدا قۇياش تەپتىدىن ئوتتەك قىزىرىپ كېتىدۇ. شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان بۇ تاغنىڭ ئاساسىي چوققىسى دېڭىز يۈزىدىن 1391 مېتىر ئېگىز. تاغ بېشى خۇددى ئارسىلاندەك كۆرۈنىدۇ، تاشلىرىنىڭ رەڭگىمۇ قىزىل، شۇڭا «ئارسىلانباش تاغ»، «قىزىل تۇمشۇق» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قىزىلتاغ ئۇدۇلىدا ئارىلىقى 1000 مېتىرغىمۇ يەتمەيدىغان يامالىق تېغى بىلەن قارىشىپ تۇرىدۇ. تاغ باغرىدا ئۈرۈمچى دەرياسى جەنۇبتىن شىمالغا كېسىپ ئۆتىدۇ.

قىزىلتاغ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھەر ئىچىگە جايلاشقان بىر چوڭ ئۈزۈلمە تاغ، ئىچ-ئىچىدىن قىزغۇچ بىنەپشە رەڭلىك شېغىل تاشتىن تەركىب تاپىدۇ، غەربىي بېشىدا تىك يۈز قىزىل رەڭ سىزىلغان بولۇپ،«قىزىلتاغ» دەپ ئاتالغان. دېڭىز يۈزىدىن 910 مېتىر، نىسپىي ئېگىزلىكى 400 مېتىر كېلىدۇ. ئۇنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشىدىن قىزىلتاغ ئۈرۈمچىنىڭ سىمۋولى دەپ قارالغان.  قىزىلتاغ باغچىسى ئاساسلىق تەركىبىي قىسمى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاساسلىق ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرنىڭ بىرى.

قىزىلتاغقىزىل تاغ ئېتىكى، شىخۇڭ تېمى، خەلق باغچىسى ۋە قىزىلتاغ «دەرياسى» نىڭ ئەكسى. باغچىدا «ئۈرۈمچى سەككىز مەنزىرە» نىڭ بىرى بولغان «جىيەنخۇ كۆلى»، 1768-1771-يىللىرىدىكى زېشۇينىڭ شىنجاڭغا پالىنىپ كەلگەندىن كېيىنكى بار بولغان چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئالىم جى شياۋفېڭ كىتاب ئوقۇش <著文> قۇۋۇقى. شەرققە قارىسىڭىز شەنشى مەسچىتى، خانتەڭرى مەسچىتى، تاغ شىمالدا بۇددا دىنىنىڭ مۇقەددەس جايى چىڭچۈەن مەسچىتى، شۇنداقلا قىزىل تام <碧瓦> قاتارلىقلار. 

قىزىلتاغقىزىلتاغ كۆپ يىللار مابەينىدە كۆكەرتىلدى، ھازىر «قىزىلتاغ باغچىسى» ياسالدى، باغچىدا قىزىل راۋاق، يېشىل دەرەخ، كۆك مۇنار ۋە قىزىل قىيالار ئۆزگىچە ھۆسىن قوشۇپ تۇرىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يەنە چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى مىللىي قەھرىمان لىن زېشۈنىڭ ھەيكىلى ۋە قىزىلتاغنى كۆكەرتىش خاتىرە ھەيكىلى ياسالدى. بۇ، قەدىمكى قىزىلتاغقا ياشلىق جىلۋىسى قوشتى. قىزىلتاغ چوققىسىدىكى «نەزەر راۋىقى» غا چىقسىڭىز، چېگرىدىكى بۇ شەھەرنىڭ گۈزەل قىياپىتى ئالدىڭىزدا تولۇق نامايان بولىدۇ. قىزىلتاغ ھازىر ئۈرۈمچىنىڭ سىموۋولىغا ئايلاندى. 

جۇغراپىيەلىك ئورنى: شىنجاڭ ئۈرۈمچى بۇلاقتاغ رايونى قىزىلتاغ يولى شىمالىي 1-كوچا 40-نومۇر.

شەھەر ئىچىدىكى 7،17،907،68،51،109،14،917،157،52،311،71،BRT1،BRT2-نۇمۇرلۇق لىنىيە ئاپتوبۇسلىرى قىزىل تاغ باغچىسى (قىزىلتاغ بېكىتىدە چۈشسىڭىز بولىدۇ) غا باردۇ.[0] 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#